ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى ۋە تەسىرى

شىركەتنىڭ قۇدرىتى ۋە تەسىرى

ۋاقتى: 2015-11-23 ئاۋاتلىقى: 1173 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جەمىئيەتشۇناس دولان لېنىسكىي (خەتنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىدى) ئىستىللار تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن جەمئىيەت فورمىسىنى ئوۋچىلىق ۋە بېقىمچىلىق جەمئىيىتى، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىق جەمئىيتى، يېزا-ئېگىلىك جەمئىيىتى ۋە كېيىنكى سانائەت جەمئىيتىدىن ئىبارەت بەش چوڭ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۆلۈنىشى كىشىلەر تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سايمانلارنىڭ ــ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ۋە تىرىكچىلىك ئۇسۇلىنىڭ يېڭىلىنىشى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئاساس قىلغان. ئۇ بۆلگەن بىرىنچى خىل جەمئىيەت ئوۋچىلىق-بېقىمچىلىق جەمئىيتىدە ئالاھىدە روشەن، باي-نامراتلىق پەرقى بولمىغان، كىشىلەر ئوۋ ئوۋلاپ تېرىپ ئەپكەلگەن ئوزۇق تۈلۈكلەرنى ئورتاق ئوتتۇرىغا تاشلاپ بۆلۈشكەن، پەقەت ئارىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر چوڭلار نوپۇزغا ئىگە ئىدى.  بۇ بىر چوڭ تىپتىكى ئائىلە فورمىسىدىكى جەمئىيەت ئىدى. لېنىسكىينىڭ قارىشىچە باي-نامراتلىق پەرقى يېزا-ئېگىلىك جەمئىيىتىدە ئاندىن شەكىللىنىشكە باشلىغان. بايلىق ئاستا ئاستا ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ قولىغا يېغىلىشقا باشلىغاندا،  ھۆكۈمرانلىق ھوقوقىمۇ تەبىئىي يوسۇندا ئۇلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇلار جەمئىيەتتىكى ھۆكۈمران كۈچلەرگە ئايلانغان. خەلقمۇ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغان.

دېمەك، ئىنسانلار تارىخىدا باي-نامراتلىق ئۇقۇمى شەكىللىنىشكە باشلىغاندىن تارتىپلا، كىشىلەرنىڭ كۈچى،  ھوقوقى، ئورنى ھەققىدىكى پەرقلەرمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ شەكىللەنگەن. بايلار تەبىئىي يوسۇندا مەرتىۋىلىك،  ئىمتىيازلىق قاتلامغا، نامراتلار بولسا جەمئىيەتتە ئاجىز ئمتىياسسىز قاتلامغا ئايلىنىپ قالغان. گەرچە كېيىن تارىختا نۇرغۇن ئىنقىلابلار دەل مۇشۇ باراۋەرلىك ئۈچۈن قوزغىلىپ، نۇرغۇن ھاكىمىيەتلەرنى قۇرغان، سىياسىي تۈزۈممۇ قوماندارلىق، فىئوداللىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ دېموكراتىك دۆلەتلەر قۇرۇلۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەر بۇ پەرقنى يوقىتىش ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن-تۈزۈم تۈزگەن، پاراۋانلىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، بۇ پەرقتىن شەكىللەنگەن ھوقۇق-ئىمتىياز، كۈچ-تەسىر پەرقىنى تولۇق يوقىتىش تۇلۇق ئەمەلگە ئاشقىنى يوق، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ پەرقنىڭ مەۋجۇتلىقى ئىنسانلار جەمىئىيىتىدىكى بىر مۇقەررەر قانۇنىيەت بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىز بۇ پەرقنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى سىياسىي مەسىلىلەردىمۇ روشەن ھېس قىلالايمىز.
#p#
مانا بۇلاردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىش مۇمكىنكى، بايلاردا نوپۇز-ئىمتىيازنىڭ بولغانلىقى، شۇنداقلا جەمىئىيەتنىڭ ھۆكۈمران قاتلىمى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن بولىدىغانلىقى شىركەتلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىنكى يېڭى ھادىسە ئەمەس، ئەمما شىركەتتىن ئىبارەت بۇ گەۋدىلەرنىڭ مۇستەقىل ئىقتىسادىي ئورگان سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشى بايلىقنىڭ كۈچىنى تارىختا مىسلىي كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جارىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى ۋە سەھنىسى بىلەن تەمىن ئەتتى. ھازىر شىركەت-كارخانىلار ئىگە بولغان كۈچنى ھەرگىزمۇ يەككە پۇلدارلارنىڭ كۈچى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بەلكىم ھازىر 100 مىليون پۇلى بار باينىڭ 10 مىليون مەبلىغى بار بىر شىركەتنىڭ خوجايىنچىلىك كۈچ-تەسىرى بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇلار ياراتقان ئىجتىمائىي ئۈنۈم جەھەتتىن سېلىشتۇرۇش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
شىركەتنىڭ قۇدرىتى ۋە تەسىرى ئەلۋەتتە ياراتقان ئىقتىسادىي بايلىقنى ئاساس قىلىدۇ. گەرچە شىركەتلەر جەمىئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتسىمۇ، بۇ تەسىرلەر شۇ شىركەتلەر ياراتقان ئىقتىسادىي بايلىقنى ئالدىنىقى شەرت قىلىدۇ، بۇ بايلىق بولماي تۇرۇپ يۇقىرىقى ساھەلەرگە شىركەتنىڭ تەسىر كۆرسىتەلىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

سىياسىي جەھەتتە
1.  بۈيۈك بىرتانىيە ۋە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى
«شىركەتنىڭ قۇدرىتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئىككىنىچى قىسمى مۇنداق باشلىنىدۇ:
«بۇ 300 يىل بۇرۇنقى تامغا بولۇپ، بۇ داڭقى جاھانغا پۇر كەتكەن شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ بەلگىسى،  بۇنىڭدىكى ئىككى ياندا تۇرغان شىر بۈيۈك بىرتانىيە ئىمپىرىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ ئىككى شىر دېڭىزدا كېتىۋاتقان بىر سودا پاراخوتىنى قوغداپ كېتىۋاتاتتى. بۇ كۆرۈنۈش شىركەت بىلەن دۆلەتنىڭ باغلىنىشىنى تولىمۇ ئوبرازلىق سۆرەتلەپ بەرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى بىر سىياسىيون مۇنداق دېگەن ئىدى: «بۇ شىركەت خارابلاشتى دېگەنلىك،  دۆلەت تۈگەشتى دېگەنلىك ئىدى.» 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر شىركەت نامىدا دېڭىز يۈرۈشى قىلىشقا باشلىدى، شىركەتلەر دۆلەت بەرگەن ئالاھىدە ھوقۇق،  ئىمتىيازلار بىلەن مىلتىق-زەمبىرەكلەرنىڭ ياردىمىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بازارلارغا كىرىشكە باشلىدى.
1874-يىلى 274 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ شىركەت تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى، ئەنگىلىيە «ۋاقىت گىزىتى» (نايسىس گېزىتى) مۇنداق باھا بەردى: «بۇ شىركەت تارىختا ھېچقانداق شىركەت ئۈستىگە ئېلىپ باقمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئېلىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلىدى» («شىركەتنىڭ قۇدرىتى» 2-قىسىم).
#p#
مەن بۇ يەردە «شەرقىي ھىندىستان شىركىتى»نىڭ نېمە ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى، قانداق شارائىتتا قۇرۇلغانلىقىنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. پەقەت مەزكۇر شىركەتنىڭ كۈچى، تەسىر دائىرىسى ھەققىدىلا توختىلىمەن.
«1600-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ شەرقىي ھىندىستاندا 15 يىل تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىق ئىجازەتنامىسىنى ئالغان بىر تۈركۈم ئەنگىلىيە سودىگەرلىرىنىڭ شىركىتى يەلكەنلىرىنى ئېچىپ دېڭىزغا چىقتى.  نۇرغۇن شىركەت مەبلەغ سالغۇچىلارغا تايىنىپ دەسلەپتە يىغقان مەبلەغ 72 مىڭ فوندىستېرلىڭغا يەتكەن ئىدى.  بۇ ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن غايەت زور سان ئىدى، سېتىۋېلىش كۈچى ھازىرقى 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز ئىدى.  دانىيە،  فىرانسىيە،  گوللاندىيە،  شىۋېتسىيە،  رۇسىيەلەرمۇ دەرھال بۇلارنى ئۆرنەك قىلىپ بايلىق ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلاندى.  بۇ مەزگىلدىكى شىركەتلەر پايچىلارغا پايدا يارىتىپ بېرىش ۋەزىپىسىنىلا ئۈستىگە ئالغان بولماستىن، ئۆز دۆلەتلىرىگە زېمىن، تېررىتورىيە ئېچىپ بېرىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئىدى».
ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئادرىپان (Adrian) مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىدىغان سىياسەت ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەملىكىلەرنى ئۆزى بىۋاستە كونترول قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. پەقەت ئەنە شۇ ئىمتىيازلىق شىركەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىلا، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىراتتى.»
1757-يىلى شەرقىي ھىندىستان شىركىتى 32 ياشلىق روبېرت كىلىۋېي (Robert Clive) باشچىلىقىدا ئۈچ مىڭ كىشىلىك ياللانما ئەسكەر بىلەن 20 مىڭ ئاتلىق، 5 مىڭ پىيادە ئەسكەردىن تەركىپ تاپقان ھىندىستان ئارمىيەسىنى تارمار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر شىركەت بىر قەدىمكى ئىمپىرىيەنى بويسۇندۇرىدىغان قانلىق تارىخ باشلاندى.  ئىككىلا تەرەپنىڭ ئىشلەتكىنى غەربنىڭ قوراللىرى ئىدى. كىلىۋېنىڭ جەڭگىۋارلىقى كەينىدىكى شىركەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بىر سودا ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىركەتنىڭ ئەڭ ئەقىللىك، باتۇر خادىملار ئارقىلىق ئېرىشكەن ماھارەت،  تەجرىبىسى بار ئىدى. پىلانلىرى ئىنچىكە، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، خۇددى بىر ماشىنىدەك ھەرىكەتلىنىدىغان شىركەت ئارمىيەسى ئالدىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان تۈزلەڭلىكلىرىدە ئات چاپتۇرۇپ يۈرگەن ھىندىستان چەۋەندازلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولدى. لوندون ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفىسسورى توم توملىسون مۇنداق دەيدۇ: «بۇ شىركەت شىركەتكە ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتكە ئوخشايتتى، 1813-يىلىدىن كېيىن بۇ پۈتۈنلەي بىز چۈشىنىدىغان شىركەت بولماي قالدى،  گەرچە شىركەت دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر ھۆكۈمەت ئىدى.» («شىركەتنىڭ قۇدرىتى» 1-قىسىم)
#p#
ئەمدى مەن ئەنگىلىيەنىڭ لېيستېر(Leicester) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي دوتسيتتى  خوۋبوۋېن (How Bowen) نىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 400 يىللىقىنى خاتىرىلەپ يازغان «شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ 410 يىللىقى» دېگەن ماقالىسىدىكى بەزى جايلارنى ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنىمەن:
«2000-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ ئاسىيادىكى سودا ۋە جاھانگىرلىك كېڭىشىدە چاقلىق رول ئوينىغان شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 400 يىلى بولدى. 19-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆتكەن سىياسىي ئىقتىسادشۇناس داۋىد مافېرسون(David Mapherson) تولىمۇ ئېنىق قىلىپ بۇ شىركەتكە مۇنداق باھا بېرىدۇ: «بۇ ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ھەر قانداق بىر دەۋرىدە بولۇپ باقمىغان ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ گۈللەنگەن سودا ئورگىنىدۇر.»
ھازىرمۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر شىركەت شەقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئىقتىسادىي،  سىياسىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى تەسىر كۈچىگە سېلىشتۇرۇلسا دەرھال چانىدۇ. قاتناش، ئالاقە تەرەققىي قىلمىغان شۇ چاغلاردا بۇ شىركەت كۆلىمى ئىنتايىن زور بىر ئىمپىرىيە قۇرغان ۋە لوندون تولىمۇ يىراقتا تۇرۇپ بۇنى باشقۇرغان،  كونترول قىلغان ئىدى. بۇلار گوللاندىيىلىك رىقابەتچىلىرى ۋە باشقا دېڭىز قاراقچىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر خۇسۇسىي ئارمىيە قۇرغان ۋە ئاخىرىدا بۇ ئارمىيە ئەنگىلىيە ئارمىيەسى بىلەن كۆلەم،  كۈچ جەھەتتە رىقابەتلەشكۈدەك قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ قالغان. شىركەت قۇدرەت تاپقان مەزگىلدە ئەسكىرىنىڭ سانى 300 مىڭغا يەتكەن ئىدى. (يۇقىرىقى فىلىم 1-قىسىم)  شىركەتنىڭ ھىندىستاندىكى رولى سودا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ۋە ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش بولدى. سودىسىنى قوغداش ئۈچۈن قورال ئىشلەتسە بولىدۇ، دەپ قارالدى.  ئۇ بىر ئۇرۇش قىلىدىغان شىركەتكە ئايلاندى.
روبېرت كىلىۋېي (1774-1725)، ۋوررېن خېيستىڭس (Warren Hastings) (1818-1732)، چارلېس كورن ۋوللس (Charles Com Wallis) (1805-1738) قاتارلىقلارنىڭ ھەرىكىتى شىركەتنى بىر سودىگەردىن بىر ھۆكۈمرانغا ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا نەچچە مىليون ھىندىستانلىق ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى، سىياسىي ئىقتىسادشۇناس ۋىليام پىلېيفېير (William Playfair)  1799-يىلى مۇنداق دەيدۇ: «شىركەت بىر چەكلىك تىجارەتچىلەر گەۋدىسىدىن يىراق شەرقنىڭ قازىسىغا ئايلاندى.»
18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ شىركەت لوندون ئىقتىسادىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان بولۇپ، نەچچە ئون مىڭ ئادەم بۇ شىركەتتە ئىشلەيدۇ. يەنە بۇ تەسىر لوندوندىلا چەكلىنىپ قالماي،  ئەنگىلىيەنىڭ خەنۇبىغىمۇ ھالقىغان ئىدى.  شىركەت ئەسكەر قوبۇل قىلىدىغان نۇرغۇن لاگېرلارنى قۇرغان، يەنى مائارىپ ئورگانلىرىنىمۇ قۇرغان بولۇپ، مەخسۇس چەت ئەلدە خىزمەت قىلىدىغانلارنى تەربىيەلىگەن. شىركەت ئەنگىلىيە جەمئيىتىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن. 1813-يىلى توماس ۋىليام (Thomas William) زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ شىركەتكە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ باقماقچى بولغان.  ئۇ چاي،  پۇراقلىق بۇيۇم،  يىپەك،  رەخت ۋە باشقا ئاسىيا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان ئىستىمالچىلارنىڭ چىقىرىۋېتىپ تۇرۇپ، شىركەتنىڭ ھەر قايسى قاتلامدىكى خادىملىرىنى،  سودىگەرلەر، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، كېمە ياسىغۇچىلار، توپ تارقىتىدىغان ۋاكالەتچىلەر، ھەربىيلەر، كېمە ماتروسلىرىنى تىزىملاپ كۆرۈپ مۇنداق يەكۈنلىگەن: «ئەنگىلىيە جەمئىيتىدىكى ھەر قايسى قاتلاملىرىنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ شىركەتنىڭ بايلىقىدا يا خۇسۇسىي يا شېرىكچىلىك مەنپەئىتى بار ئىدى.»
#p#
19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا  نۇرغۇنلىغان مەنپەئەتلەر شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بىلەن زىچ باغلانغان ئىدى. بولۇپمۇ ھال-ئەھۋالى يامان ئەمەس نەچچە مىڭلىغان ئادەم بۇ شىركەتكە پاي قوشقان ئىدى.  شىركەت بىلەن دۆلەتنىڭ بايلىقى شۇنچىلىك گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدىكى، خۇددى ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىدەك ماڭاتتى،  شىركەت گۈللەنگەندە، دۆلەت گۈللەنگەن ئىدى. شۇ دەۋردىكى سىياسىيون، پەيلاسوپ ئېدمان بۇرك (EdmanBorke) (1792-1729) مۇنداق دېگەن ئىدى: «بۇ شىركەت خارابلاشتى دېگەنلىك،  ئەنگىلىيە خارابلاشتى دېگەن بىلەن باراۋەر ئىدى.»
18-ئەسىرنىڭ ئاخرلىرىغا كەلگەندە،  شىركەت نوقۇل سودا شىركىتى بولماي قالدى،  بەلكى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر سودا ۋە ئىمپىرىيە ئورگىنىغا ئايلاندى. بېنگال بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، شىركەت ئەنگىلىيە تاۋارلىرىنى ئاسىيا تاۋارلىرىغا تېگىشىدىغان ئەنئەنىۋى سودا ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى، ئۇنىڭ ئورنىغا دىققەتنى يەر ۋە تاموژنىدىن باج يىغىشقا مەركەزلەشتۈردى. بۇ ھوقۇق 1765-يىلى موغۇل ئىمپېراتورى شاھ ئەلەم تەرىپىدىن شىركەتكە بېرىلگەن ئىدى.  بۇ ئىش شىركەتنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھەربىي ئۈستۈنلۈكىنى مۇستەھكەملىدى. شۇنداقلا ئۇلارنى بىھار (Bihar)  ئورىسسا (Orissa) قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلاندۇردى. بۇ ماقالە ئەنگىلىيەنىڭ «بۈگۈنكى تارىخ»(History Today) ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق ئىيۇل سانىغا بېسىلغان (ئىگىلىزچە نەشىرى).

2.  روسچىلد (Rothschild) جەمەتى
مەزكۇر جەمەت ھەققىدىكى قاراشلار بەكلا زىددىيەتلىك، بەزىلەر بۇلارنى رىۋايەتكە ئايلاندۇرىۋەتكەن، يەنە بەزىلەر بولسا بۇنداق ‹رىۋايەت›لەرگە رەددىيە بەرگەن. روسچىلىد جەمەتىنى جۇڭگولۇقلار سۇڭ خۇڭبېڭنىڭ زور تەسىر قوزغىغان كىتابى ‹پۇل ئۇرۇشى› ئارقىلىق تونۇدى.  كىتابتا بۇ جەمەت ھازىرقى دۇنيانىڭ تەقدىرىنى 200 يىلدىن بۇيان بەلگىلەپ كەلگەن، بايلىقى نەچچە تىرىليوندىن ئاشىدىغان بىر جەمەت ئىدى،  دېيىلگەن.  بۇ كىتاب چىققاندىن كېيىن زور غۇلغۇلا قوزغىدى ۋە ئارقىدىنلا روسچىلىد جەمەتى ھەققىدە نەچچە پارچە كىتاب نەشر قىلىندى.  مەن بۇ يەردە پەقەت بىر قەدەر تارىخىي پاكىتقا ئۇيغۇن دەپ قارالغان ئىشلاردىن بۇ جەمەتنىڭ دۇنيا پۇل مۇئامىلە ساھەسىگە ۋە ھازىرقى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە تۆھپىسىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتىمەن.
مەيلى روسچىلد جەمەتى ھەققىدىكى قاراشلار قانچىلىك زىددىيەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،  ياۋروپا تارىخىدا مۇشۇنداق بىر جەمەتنىڭ ئۆتكەنلىكى ھەققىدە تارىخچىلارنىڭ قارىشى بىردەك خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پىروفىسسورى نىئال فېرگىسسون (Nial Ferguson)  ئۆزىنىڭ «روسچىلد جەمەتىنىڭ ئاستورونومىيە رەقەملىرى بىلەنلا ھېسابلاپ چىققىلى بولىدىغان بۇنداق غايەت زور بايلىقنى قانداق توپلىغانلىقىنى تەتقىق قىلماي تۇرۇپ، كاپىتالىزمنىڭ ئىقتىساد تارىخىنى مۇكەممەل يورۇتقىلى بولمايدۇ.» («روسچىلد جەمەتى» جۇڭشىن نەشىرىياتى 2009-يىلى 1-نەشرى 4-بەت) بۇ گەپتىن بىز بۇ جەمەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ھەقىقەتەن زورلۇقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ كىتاب مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەنبەلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئاپتورمۇ دەل بۇ جەمەت ھەققىدە ئېقىپ يۈرگەن ئەنە شۇنداق رىۋايەتلەرنى تەھقىقلەش ئۈچۈن بۇ كىتابنى يازغان.  شياۋبو ئەپەندىمۇ سۇڭ ئەپەندىنىڭ «پۇل ئۇرۇشى» غا  مەخسۇس رەددىيە سۈپىتىدە «پۇل ئۇرۇشىغا تەنقىد» نى  يازدى.

#p#

قىسقىسى گەرچە بۇ ئۈچ كىتابتىكى خېلى مۇھىم ۋەقە،  مەزمۇنلاردا ئوخشىماسلىق بولسىمۇ، ئەمما تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدا ئۇلار ئورتاق:
1) ياۋروپا تارىخدا ھەقىقەتەن  روسچىلد ئىسىملىك بىر يەھۇدىيلار جەمەتى پۇل مۇئامىلە كەسپى ۋە بانكىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.
2) 18-ئەسىردىن باشلاپ 20-ئەسىرنىڭ  باشلىرىغىچە دۇنيا بانكا ساھەسىدىكى ماگناتلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.
3)2004-يىلىغىچە بولغان 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادىكى ئالتۇن باھاسىنى بەلگىلەش ھوقۇقى مەزكۇر جەمەتنىڭ قولىدا بولغان.
4) 18-، 19-ئەسىرلەردە ئاكا-ئۇكا روسچىلدلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە،  ئاۋسترىيەلەردە بانكا قۇرۇپ،  يىقىنقى زامان دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھالقىغان مالىيە گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن.
5) ئۇلار دەسلەپتە سەھنىگە چىقىپ كۈچەيگەندىن باشلاپ،  ھازىرغىچە ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن.
CCTV  نىڭ ئىقتىساد قانىلىنىڭ «دىئالوگ (对话)» پىروگراممىسىدا مەخسۇس 6-ئەۋلاد داۋىد روسچىلد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەت رەسمىي باشلىنىشتىن ئىلگىرى دىكتور «پۇل ئۇرۇشى» ناملىق كىتابتىكى مۇنۇ بايانلارنى ئوقۇيدۇ: «250 يىل بۇرۇن بىرىنچى ئەۋلاد روسچىلد جەمەتى ئىش باشلىغاندا، فىرانكفوردتىكى بىر ئاددىي سودىگەر ئىدى،  ئەمما ئۇلار 100 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل ياۋروپانىڭ پۇل مۇئامىلە جان تومۇرىنى قولىغا ئالدى.  ئۇلارنىڭ سودىسى ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقىتتا بايلىقى شۇ ۋاقىتتىكى پۈتۈن دۇنيا بايلىقىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ  50 تىرىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ھازىرقى ئامېرىكا يىللىق GDP سىنىڭ 4 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.  ھەر قايسى دۆلەتلەر ئالىدىغان قەرزنى شۇلار بەرگەن.  ھەر كۈنلۈك ئالتۇن باھاسىنى ئۇلار بىكىتكەن.  ئۇلار شۇ دەۋردىكى ئەنگىلىيە، روسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئاۋتسىرىيەدىن سىرت 6-ئىمپىرىيە دەپ ئاتالغان.»
تۆۋەندىكىسى مەزكۇر دىئالوگدىكى بىر قانچە جۈملە:
رىياسەتچى چېن ۋېيخۇڭ: بىلىشىمچە،  سىلەرنىڭ جەمەتنىڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق توي مۇراسىمىنىڭ كەچلىك زىياپىتى ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلۈپتۇ، سابىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كىلىنتون بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىپتۇ، سىزمۇ قاتناشقانمۇ؟
داۋىد روسچىلد:  ئۇ مېنىڭ جىيەنىمنىڭ تويى ئىدى، ئۇ ھىلارى خانىمنىڭ دوستى بولغاچقا شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن.
چېنۋېيخۇڭ: ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ساھەسىدە مۇنداق بىر گەپ باركەن دەپ ئاڭلىدىم:  ئەگەر بىراۋغا ئوخشاش بىر كۈندە ھەم ئاقسارايدىن ھەم روسچىلد جەمەتىدىن تەكلىپ باغىقى كېلىپ قالسا، كىشىلەر كېيىنكىسىنى تاللايدۇ، بۇ گەپ راستمۇ؟
داۋىد:  مېنىڭچە بۇ شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە باغلىق،  ئوخشىمىغان ئائىلىلەرنىڭ ئوخشىمىغان قىزىقىشى بولىدۇ.
چېن ۋېيخۇڭ: سىز يېقىندا قانداق مېھمانلارنى قوۋرۇقىڭىزغا تەكلىپ قىلغانلىقىڭىزنى ئاشكارىلاپ بېرەلەمسىز؟
داۋىد: سودا ۋە سىياسىي ساھەدىكى تەسىرى بار ئادەملەرگە كەلسەك، مەن ھەقىقەتەن ئۇلار بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىمەن، مەسىلەن، گىرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى شىرۇدىر، ئۇ ئەزەلدىن بىزنىڭ شىركەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم مەسلىھەتچىسى، دائىم كېلىپ تۇرىدۇ. ھازىرقى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى بىلەن ئۇ زۇڭتۇڭ بولۇشتىن ئىلگىرىلا يېقىن دوستلاردىن ئىدىم.
#p#
19   -ئەسىردىن بىزنىڭ جەمەتنىڭ كۈچى زور ئىدى، پۇلمۇ كۆپ ئىدى. بەزى مۇھىم ئىشلارغا قاتنىشالىغان،  ھەتتا بىر دۆلەت، ھۆكۈمەتكە قەرز بېرەلىگەن ئىدۇق، ئەمما ھازىر ئەڭ باي ئادەممۇ دۆلەت، ھۆكۈمەتكە قەرز بېرەلمەيدۇ،  چۈنكى دۇنيا كۆپ ئۆزگەردى. بىزنىڭ جەمەتكە نىسبەتەن پۇلنىڭ كۆپلۈكى مۇھىم ئەمەس. روسچىلد جەمەتى ئەزەلدىن سىياسىيونلار ۋە نوپۇزلۇق ئەربابلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن، بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى ئۇلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىلدارلار گۇرۇھىغا كىرىش، بىز ھەمىشە ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياخشى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە ئۇچرايمىز.
مەن نۇرغۇن پۇلدارلارنى كۆرگەن، بەلكىم ئۇلارنىڭ بايلىقى ئىنتايىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بىزگە ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغىنى ئائىلە ئىگىلىكىلا ئەمەس بەلكى تەسىر كۈچتۇر.
چېن ۋېيخۇڭ: بۇ جەمەتنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىرى مۇنداق: روسچىلدلار 250 يىل مابەينىدە ئۆزىنىڭ ئابرويى ۋە تەسىر كۈچىگە تايىنىپ پەقەت ھۆكۈمەتلەر بىلەنلا چوڭ سودىلارنى قىلىپ كەلگەن، توغرىمۇ؟
داۋىد:  ھەئە، بىزنىڭ ھەقىقەتەن ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئالاقىمىز بار، يەنە مۇنداق بىر ئەنئەنىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ ھۆكۈمەت بىلەن يېقىن ئالاقىنى ساقلاش، شۇڭا بىز ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز.
چېن ۋېيخۇڭ: 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى،  روسچىلد جەمەتى ئالتۇن باھاسىنى بەلگىلەش سېستىمىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.  ۋاھالەنكى،  ئالدىدىكى 200 يىل مابەينىدە ئالتۇن باھاسىنى بەلگىلەش ھوقۇقى روسچىلد جەمەتىنىڭ قولىدا ئىدى.  نېمىشقا بۇنداق قارار چىقىرىلىپ قالدى؟
داۋىد: بۇ قارارنى مەن چىقارغان، ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئالتۇننىڭ باھاسى بىزنىڭ قولىمىزدا ئىدى، بۇ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ شەرىپى ئىدى، ئەمما ھازىر بۇ كەسىپ جەمەتىمىز ئىگىلىكىنىڭ بەك كىچىك بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى.  بىزنىڭ يادرولۇق كەسپىمىز بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ چوڭ ئەمەس، شۇڭلاشقا ۋاز كەچكەن ئىدىم.
بۇ گەپ دەل «پۇل ئۇرۇشى» دىكى ماۋۇ بايان بىلەن ئۇدۇل كىلىدۇ: «2004-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى روسچىلد جەمەتىنىڭ ئالتۇن باھاسىنى بەلگىلەش سېستىمىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.  بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنيا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكىلەرنى زىلزىلىگە سالدى. داۋىد روسچىلد بۇنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹بىزنىڭ لوندون بازىرىدىكى (ئالتۇن بازىرىمۇ بار) كىرىمىمىز ئۆتكەن بەش يىلنىڭياقى تۆۋەنلەپ، بىزنىڭ ئىگىلىكنىڭ %1نىمۇ تەشكىل قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ بىزنىڭ يادرولۇق كەسپىمىز بولماي قالدى، شۇڭلاشقا، بىز بۇ بازاردىن چېكىنىشنى قارار قىلدۇق.› » («پۇل ئۇرۇشى»،  جۇڭشىن نەشىرىياتى،  2007-يىلى 6-ئاي نەشرى،  245-بەت،  خەنزۇچە نەشرى)

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى