ئىگىلىك تىكلەش---ئىشخانا بۇيۇملىرىنى ياخشى باشقۇرۇڭ (15)
ۋاقتى: 2016-11-05
ئاۋاتلىقى: 703 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەلۋەتتە ئىشخانا ئىشخانا بۇيۇمىغا ئېھتىياجلىق، ھازىرقى دەۋردىكى ئىشخانا بۇيۇملىرى ناھايىتى كۆپ، ھەممىسى ئانچە چېلىقمايدىغان چىقىمنى پەيدا قىلىپ، يىغىپ كەلگەندە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
مەن تۈرگە ئايرىپ سۆزلەپ بېرەي:
بېسىش ماشىنا سىياسى، بېسىش قەغىزى، قەلەم، ئاق تاختىغا ماسلاشقان قارا مايلىق قەلەم، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قاتتىق تەلەپ بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ھۆججەت بىلەن ئالاقىلىشىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئىچكى ماتېرىيالنى ئاندىن بېسىپ چىقىرىش، ئامال بار قەغەزنىڭ ئىككى يۈزىگە بېسىش.
باسما مىخ، ھەر خىل ماتېرىيال خالتىسى، ھەر خىل كىچىك قىسقۇچ، توپلام مىخى، قەغەز تىككۈچ، تامغا سۇرۇخ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، دائىم ئىشلىتىلىدۇ، بىراق ھەممىسىنى تېجەپ ئىشلىتىش كېرەك.
ئېلان تاختىسى، تالون قىسقۇچ، ھېسابات خاتىرىسى، بۇلارنىمۇ سېتىۋېلىش كېرەك، بۇلارنى قوشۇپ كەلگەندە يەنە ئاز بولمىغان چىقىم كېتىدۇ.
يەنە خىزمەت خاتىرىسى، قولايلىق تىزىملىك قەغىزى، يىلىم، قايچا، ئارخىپ خالتىسى، كونۋېرت، شىركەت مەدەنىيەت تاختىسى، نام كارتىسى، قەلەم قۇتىسى، كۈلدان، ئەخلەت ساندۇقى، قەغەز، تازلىق ئۈسكۈنىلىرى (سۈپۈرگە پول سۈرتكۈچ) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىچىك نەرسە، ھەتتا ھەممىسى ئاسان ئۇپرايدۇ، شىركەت توختىماي ئايلانغاندا، ياخشى تىزگىنلىمىگەندە، ئاسانلا ئىسراپچىلقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئورتاق مۈلۈكنى شەخسىي ئىشلىتىش كېلىپ چىقىدۇ.
ھازىرقى ئىشخانا بۇيۇمى، بولۇپمۇ ماتېرىيال خالتىسى، ماتېرىيال قىسقۇچ قاتارلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى كۆركەم. بەزىلەر بىر قېتىدا بىراقلا كۆپ سېتىۋېلىپ كېيىن ئىشلىتىشكە ئېلىپ قويۇپ، كېيىن يەنە سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ كېرىكى يوق، بىر قېتىم كۆپ ئالغاندا گەرچە باھا چۈشۈرۈپ بەرسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى تەننەرخ، چىقىم قىلغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ كېلىش تەس.
ئېسىڭىزدە بولسۇن: ئەمدىلا ئىش باشلىغاندا، سىزگە ئەڭ ئەرزىمەس بولغىنى ۋاقىت، سىزگە ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى نەق پۇل ئايلىنىشى. سىزدە نەق پۇل بولغاندىن كېيىن، پۇل ھېچقانداق مەسىلە بولمايدۇ، بۇ چاغدا سىزنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇشىڭىز ئەڭ مۇھىم بولىدۇ.