ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مايمۇن قەيەردە؟

مايمۇن قەيەردە؟

ۋاقتى: 2016-07-11 ئاۋاتلىقى: 695 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەزكۇر يازمىنىڭ بېشى بۇ يەردە!
بۇ بىر بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان مىسال. تۆۋەندە بىز باشقا تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان ئەھۋاللاردا، دىرېكتورلار قانداق ھەل قىلىشى كېرەكلىكىگە قاراپ باقايلى:

مايمۇن قەيەردە؟
ھەر قېتىم "مايمۇن" دىرېكتور ۋە خىزمەتچىنىڭ زىممىسىدە سەكرەپلا يۈرۈيدۇ. ئۇنىڭ قىلىدىغىنى نامۇۋاپىق سەكرەپ يۈرۈش، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، خىزمەتچى سەزگۈرلۈك بىلەن يوقاپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دىرېكتورنىڭ بىر تالاي ئىشلىرىغا يەنە نۇرغۇن ئىشلار قېتىلىپ قالىدۇ.


بىز قايتا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى.
بىر دىرېكتور زالدا كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ بىر خىزمەتچىسى A  ئۇدۇلدىن كېلىپ، ئىككى ئادەم ئۇچراشقاندا، ئۇ دىرېكتورغا سالام بېرىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىزنىڭ بۆلۈمدە بىر مەسىلە كۆرۈلگەن ئىدى. سىزنىڭچە...» بۇ خىزمەتچى داۋاملىق سۆزلەۋاتقاندا، دىرېكتور بۇ مەسىلىنىڭ بارلىق خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە بىلەن ئىككى ئوخشاشلىقى بارلىقىنى بايقايدۇ. بۇ ئىككى ئوخشاشلىق، بىرىنچى، بۇ دىرېكتور ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. ئىككىنچى، دىرېكتور ھازىرچە بۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى تەمىنلەشكە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
#p#
شۇڭا، بۇ دىرېكتور : «سىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىڭىزدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، مەن ھازىر ئالدىراش، مەن ئويلىنىپ، ئاندىن سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلاي.» دەيدۇ-دە، ئۇلار ھەر كىم ئۆز يولىغا ماڭىدۇ.
ھازىر بىز بايىقى بۇ كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلىپ باقايلى. ئۇلار ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن، "مايمۇن" كىمنىڭ زىممىسىدە ئىدى؟ خىزمەتچىنىڭ زىممىسىدە ئىدى. ئۇلار ئايرىلغاندىن كېيىن، "مايمۇن" كىمنىڭ زىممىسىدە قالدى؟ دىرېكتورنىڭ زىممىسىدە قالدى. "مايمۇن" ئوڭۇشلۇق ھالدا خىزمەتچىنىڭ زىممىسىدىن دىرېكتورنىڭ زىممىسىگە ئۆتكەندە، خىزمەتچى ئۇچرايدىغان ۋاقىت، تاكى "مايمۇن"نىڭ ھەقىقىي ئىگىسىنىڭ زىممىسىگە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ بېقىشىنى كۈتىدۇ. بۇ "مايمۇن"نى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، دىرېكتور ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا قول ئاستىدىكى خىزمەتچىنىڭ قول ئاستىغا چۈشۈپ قالىدۇ. قول ئاستىدىكى خىزمەتچى دىرېكتورنىڭ بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دىرېكتورنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، شاد-خۇرام ھالدا: «دىرېكتور ، قانداق بولدى؟» دەپ سورايدۇ. (بۇ نازارەت قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.)
بىز يەنە تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى:
دىرېكتور ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى يەنە بىر خىزمەتچى B بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن: «بولىدۇ، ماڭا بىر ئەسلىمە (备忘录)» بېرىڭ.» دېسە...
بىز بۇ كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلىپ باقايلى:
بۇ ۋاقىتتا، "مايمۇن" خىزمەتچى B نىڭ زىممىسىدە بولىدۇ. چۈنكى كېيىنكى قەدەمدە ھەرىكەتلىنىدىغىنى دەل خىزمەتچى. ئەمما "مايمۇن" سەكرەشكە تەييارلىق قىلغان بولىدۇ. بۇ "مايمۇن"نى كۆزەتسەك، بۇ خىزمەتچى دىرېكتور تەلەپ قىلغان ئەسلىمىنى يېزىپ بولۇپ، ئۇنىڭغا يوللاپ بەرسە، دىرېكتور تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئەمدى كىم ھەرىكەت قىلىدۇ؟ دىرېكتور . ئەگەر ئۇ قانچە تېزدىن ھەرىكەت قىلمىسا، قول ئاستىدىكى خىزمەتچى شۇنچە ئاچچىقلىنىدۇ-دە، دىرېكتورمۇ شۇنچە ئۆكۈنۈشتە قالىدۇ.
#p#
بىز يەنە تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى:
دىرېكتور قول ئاستىدىكى يەنە بىر خىزمەتچى C بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ خىزمەتچى C تۈزگەن ئاممىۋىي مۇناسىۋەتشۇناسلىق تەكلىپ-پىكىرنامىسىگە قارىتا ناھايىتى ياخشى قوللاپ، ئايرىلىش ئالدىدا، بۇ دىرېكتور : «قانداق ياردەم بولسا تارتىنماي سوراڭ.» دېسە...
بىز بۇنىڭغا قارىتا بىر تەھلىل ئېلىپ بارايلى:
ئوخشاشلا، "مايمۇن" ئەسلىدە خىزمەتچىنىڭ زىممىسىدە ئىدى، ئەمما قانچىلىك ئۇزۇن تۇرىدۇ؟ خىزمەتچى C: دىرېكتورنىڭ ئۇنىڭ تەكلىپ-پىكىرنامىسىنى تەستىقلىغاندىلا، دىرېكتور ئاندىن بۇ "مايمۇن"نىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن خەۋەر تاپىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. تەجرىبىسىگە ئاساسەن، خىزمەتچى C ئۆزىنىڭ بۇ تەكلىپ-پىكىرنامىسىنىڭ دىرېكتورنىڭ خىزمەت سومكىسىدا بىر نەچچە ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. زادى كىم "مايمۇن"غا ئىگە بولۇپ قالدى؟ كىم كىمنى ئىزدەپ ئېنىقلايدۇ؟ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ۋە بوغما ھالەت مەسىلىسى يەنە يۈز بېرىدۇ.
خىزمەتچى D ئەمدىلا شىركەتنىڭ باشقا بىر بۆلۈمىدىن تەڭشەپ كېلىنگەندىن كېيىن، بىر يېڭى تۈرنى يولغا قويۇپ بۇ يېڭى كەسپىنى باشقۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دىرېكتور بىر كۆرۈشۈشنى، يېڭى بىر يۈرۈش خىزمەت نىشانىنى بېكىتىپ چىقىشى ئېيتىدۇ-دە، يەنە تولۇقلاپ: «مەن بىر تېزىس تەييارلاپ سىز بىلەن مۇزاكىرىلىشىمەن» دەپ قوشۇپ قويغاندا...
بىز بۇنى بىر تەھلىل قىلىپ باقايلى:
خىزمەتچى D بىر يېڭى خىزمەتكە ئېرىشتى ھەمدە تولۇق مەسئۇل بولدى. ئەمما دىرېكتور كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتكە مەسئۇل، ئۇ ھەر قانداق ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ زىممىسىدە "مايمۇن"نى كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ. بۇ ۋاقىتتا خىزمەتچى D مۇ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.

نېمە ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ؟ چۈنكى ھەر قايسى خىل ئەھۋال ئاستىدا، دىرېكتور ۋە خىزمەتچى ئەڭ دەسلەپتە ھەمىشە ئۆزى سەزگەن ياكى سەزمىگەن ھالدا، ئۇلار مۇلاھىزە قىلىۋاتقان مەسىلىنى ئىككى ئادەمنىڭ ئورتاق مەسىلىسى دەپ قارايدۇ. ھەر قېتىم "مايمۇن" دىرېكتور ۋە خىزمەتچىنىڭ زىممىسىدە سەكرەپ يۈرۈيدۇ-دە، ئۇنىڭ قىلىدىغىنى نامۇۋاپىق سەكرەپ يۈرۈش، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، خىزمەتچى سەزگۈرلۈك بىلەن يوقاپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دىرېكتورنىڭ بىر تالاي ئىشلىرىغا يەنە نۇرغۇن ئىشلار قېتىلىپ قالىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ "مايمۇن"نى تەربىيەلەپ مۇۋاپىق سەكرىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما ئەڭ دەسلەپتە ئۇنىڭ ئىككى ئادەمنىڭ زىممىسىگە تەڭ دەسسىشىگە قارىشى تۇرۇش بىر قەدەر ئەۋزەلرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى