ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەكچىنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى دېگەن نېمە؟

ئەمگەكچىنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2016-07-11 ئاۋاتلىقى: 465 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەمگەكچىنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى دېگەن نېمە؟

 

جاۋاب: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مەبلەغ چىقىرىپ ئەمگەكچىلەرنى تەربىيەلەش ھازىرقى كارخانىلارنىڭ ئومۇملاشقان ئۇسۇلى. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ مەخسۇس تەربىيەلەشتىن ئۆتۈپ بىلىم ۋە تېخنىكا ئىگەللىگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مائاش ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت ئالماشتۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 22-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىنى مەخسۇس تۈر تەربىيەلەش خىراجىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭغا كەسپىي تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ئېلىپ بارغان بولسا، ئەمگەكچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ مۇلازىمەت مۇددىتىنى كېلىشسە بولىدۇ.

 

«ئەمگەك قانۇنى»دا مۇلازىمەت مۇددىتىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە يوق، «ئەمگەك توختام قانۇنى» تۇنجى بولۇپ مۇلازىمەت مۇددىتىنى بەلگىلىدى. مۇلازىمەت مۇددىتى ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقى سەۋەبلىك چوقۇم ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئەڭ قىسقا مۇددەتنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ ئەمگەكچىنى تەربىيەلىگەنلا بولسا، تەربىيەلەنگەن ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا ئەڭ ئاز دېگەندە بىر يىل مۇلازىمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. شۇڭا، ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن پۇل چىقارغان خىزمەتتە تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن كەسپىي تېخنىكىلىق تەربىيەلەشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مۇددىتىنى كېلىشسە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى