ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇردى لېتىپ بىلەن سۆھبەت (شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى)

تۇردى لېتىپ بىلەن سۆھبەت (شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى)

ۋاقتى: 2016-03-29 ئاۋاتلىقى: 1474 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسسى شەھەر ئاۋازى پىروگىراممىسى مەخسۇس زىيارىتى
 
 
قاتناشقۇچىلار: شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن تۇردى لېتىپ، روزىقارى
رىياسەتچى: مەۋلۇت ئىبراھىم
 
بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىلىرى ھەم مۇشۇ جەرياندا ھىس قىلغان، يەكۈنلىگەن تەجرىبە ساۋاقلىرى يەنە نۇرغۇن كىشلەرگە ئۈلگە بولۇپ قېلىشى ۋە ياكى قوزغاتقۇچلۇق رول ئويناپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى بىزدە ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا سىزلەردە مۇبادا قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن ئاز تولا زېرىكىش ھېس قىلغان، بەزى بىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ ھەل قىلىپ بولالمايۋاتقان ۋە ياكى نېمە قىلارىڭىزنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان ۋاقىتلىرىڭىز بولسا، ئەڭ ياخشىسى تەقدىرىڭىزدىن قاقشىماي ئەنە شۇنداق جاپا مۇشاقەتلەر ئىلكىدە ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلۋاتقان مۇۋاپپەقىيەتشۇناسلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى، ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ. بەلكىم بۇنىڭ سىزگە ئويلىمىغان ياردىمى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن، راستىنى دېسەم بۈگۈن مەن بىلەن مۇشۇ سۆھبەت ئۈستىدە ئولتۇرغان تۇردى لېتىپ ئەپەندى ھەققىدە سىلەرگە يەنىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆز ئېغىزىم بىلەن دەپ بىرەلمەسلىكىم مۇمكىن، سىلەر بىلەن بىرلىكتە تۇردى لېتىپنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانلىرنى ۋە ھېكايىلىرىنى بىرلىكتە ئاڭلىماقچىمىز. دېمەكچىمىزكى، تۇردى لېتىپ بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان مۇشۇ سۆھبىتىمىزنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا ھەم شۇنداق تەسىر بىرەلىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مېھمانلار.
ـــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
ـــ پىروگىراممىمىزغا قاتناشقىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز، تۇردى ئەپەندىم، ئەمدى سىز مۇشۇ شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قاچان قۇرۇپ چىقتىڭىز؟
ـــ 2006-يىلى قۇرغان.
ـــ نېمە مەقسەتتە بۇ شىركەتنى قۇرۇپ چىقتىڭىز؟
ـــ مەن ئەينى چاغدا چەتئەل كارخانىلىرىدا ئىشلىگەن ۋاقتىمدىمۇ سودا تىجارەتتە ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ياساش، قوراشتۇرۇش، بازارغا سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان، يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىزنىڭ سودا تىجارەت-ئىقتىسادى تەرەققىياتقا چېتىشلىق زۆرۆر ھالقىلاردا ھېچ قانداق تەرەققىيات يوق ياكى ئەنئەنىۋى، ئىپتىدائى ھالەتتە قېلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، مۇشۇ ئىشلانى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئاسانلاشتۇرۇش، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاسان، يۈرۈشلۈك قىلىش مەقسىتىدە مۇشۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىپ شىركەتنى قۇرغان.
ـــ ئوقۇغان كەسپىڭىزچۇ؟
ـــ ئوقۇغان كەسپىم ئېلېكتىر ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپى ئىدى.
#p#
ـــ دېمەك ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز كەسپىڭىزدىن ئىگىلىك تىكلەي دەپ ئويلاپسىزدە؟ چەتئەل كارخانىسىدا ئىشلىگەنلىكىڭىزنى دەپ ئۆتتىڭىز، مەسىلەن قايسى كارخانىلاردا ئىشلىدىڭىز؟
ـــ ئەينى چاغدا مەن ئۆز كەسپىمنى ئوقۇغاندىن سىرت يەنە بىر قانچە خىل چەتئەل تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەن ئىدىم. ئۇنىڭ ئىچىدە ياپون تىلىغا ئەڭ ئۇستا ئىدىم، ھەم ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ياساشتا ئەلۋەتتە ياپونىيە كارخانىلىرى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقى ئېنىق، شۇنداق بولغاچقا بىرىنجىدىن ئۆ كەسپىم يەنە بىرسى كەسىپتىن سىرت ئۆگەنگەن تىل ئالاھىدىلىكىمدىن پايدىلنىپ ياپونىيەنىڭ كارخانىلىرىغا بېرىپ ئىشلەش ئارزۇسى تۇغۇلۇپ، يۇرتۇمدىن چىقىپ شېنجىنغا بېرىپ، ياپونىيە كارخانىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان. ئۇ يەردە خىزمەت جەھەتتە شۇغۇللانغىنىممۇ دەل سودا-تىجارەتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنە ۋە ئۇنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى ئىدى. شۇڭلاشقا كېيىن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللاندىم.
ـــ سىز ئالىي مەكتەپنى قەيەردە ئۇقۇدىڭىز؟
ـــ ئۈرۈمچىدە يەنى ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان.
ـــ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن سىز نېمە ئۈچۈن كارخانىلاردا ئىشلەشنى تاللىدىڭىز؟
ـــ مەن ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا ئاساسەن ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزۈم چىقىشقا بەل باغلىغان ھەم شۇنداق ھالەتتە ماڭغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ گەرچە بىزنىڭ يۇرتىمىز شىنجاڭدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ يۇقۇرى قىممەت  يارىتىدىغان، زىل، ئىنچىكە خىزمەتلەر ئاز ھەتتا يوق دېيەرلىك ئىدى، شۇڭلاشقا مەن چېنىقىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆزۈمنىڭ كەسپى ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىرادەمنى سىناش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدىكى خىزمىتىمدىن ۋاز كەچتىم.
شۇ چاغلاردا شېنجېندا ياپونىيەنىڭ كارخانىلىرى بىر قەدەر كۆپ ئىدى، مەن شېنجېنغا بېرىپ ئۆزۈم ئىلتىماس سۇنۇپ، شۇ كارخانا باشلىقلىرى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم.
#p#
ـــ دېمەك سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سىزگە بىر كىشىلىك خىزمەت چىققان، شۇنداقمۇ؟
ـــ چىققان.
ـــ سىز خىزمەتنى رەت قىلۋەتتىڭىز؟
ـــ توغرا.
ـــ شۇ ۋاقىتتا بەلكىم ساۋاقداشلىرىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزدىن: «نېمە قىلىسەن جاپا تارتىپ، خىزمىتىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ؟» دەيدىغان كۆز قاراشلاردا بولغانغۇ دەيمەن؟
ـــ ئەلۋەتتە بولغان، كۆپ ئادەم مېنى ئەقلىدىن ئادىشىپتۇ، ساراڭ بوپتۇ دەپ قارىغان. ئۇ چاغلاردا بىر مۇقۇم خىزمەتكە ئېرىشىش چوڭ ئىش ئىدى. نۇرغۇن ئادەم پۇل خەجلەپ، ئارقا ئىشىك قىلىپ، مۇناسىۋەت ئارقىلىق يول مېڭىپ خىزمەتكە ئېرىشەتتى، مېنىڭ ئۇقۇش نەتىجەم بىرقەدەر ياخشى بولغاچقا مەكتەپ كۆڭۈل بۆلۈپ خىزمەتكە بۆلۈپتىكەن، شۇ خىزمەتنى رەت قىلۋەتكىنىم كۆپ ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن، مېنىڭ ئۇ خىزمەتتىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمەسلىكى بىكار ئولتۇرىدىغان خىزمەت ئىكەنتۇق، كۈندە ھەر بىر سائەتتە بىر نەرسىلەرنى خاتىرىلىگەندىن باشقا سەككىز سائەت بېكار ئولتۇرۇپ كۈننى كەچ قىلىش ئىكەنتۇق. شۇنداقلا ئۇ يەردە بىكار ئولتۇرۇشتا كىتاب كۆرگىلى ياكى پاراڭلاشقىلى بولمايدۇ، ئۆگىنىش، بىرەر نەرسە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇنداق خىزمەت ئورنىدا بىر ئۆمۈر ئىشلىسىمۇ ئادەمدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمايدۇ دەپ قاراپ ئۇ خىزمەتتىن رايىم يانغان. شۇڭا ۋاز كەچكەن ئىدىم.
ـــ دېمەك، مىجەز خارەكتېرىڭىزدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىزدە بىرخىل تىنىمسىزلىق، يېڭىلىققا ئىنتىلدىغان روھ بار ئىكەن، ھازىر بىرقىسىم ياشلىرىمىزدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىنلا، مۇقۇم خىزمەت بولسا دەيدىغان ئىدىيە بار، ئەمدى شۇ ياشلىرىمىز مۇشۇنداق بىر خىل روھى ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش كېرەك دەپ قارايسىز؟
#p#
ـــ مېنىڭچە بولسا ۋاقىت ئەڭ مۇھىم، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، بايا دەپ ئۆتكىنىمدەك بىرىنجى قېتىملىق خىزمەت پۇرسىتى ماڭا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان خىزمەت بولۇپ قالدى. شۇ خىزمەتكە ئېرىشىشتىن بۇرۇن مەن مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا ئۆز كەسپىمنى ئۆگۈنۈش بىلەن بىرگە كەسىپتىن سىرت چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن كېچە-كېچىلەپ ئۆگۈنەتتىم، ھەتتا كېچىسى ئۇخلىماي تاڭنى ئاتقۇزاتتىم، ۋاقىتنى يەتكۈزەلمەي ئاۋارە ئىدىم، بولسا شۇ ۋاقىت ئۇزۇنراق بولسا دەيتتىم، شۇنداق ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىقسام، مەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىپ قالدىم، شۇڭلاشقا ھازىرقى ياشلىرىمىزغا دەيدىغىنىم، ۋاقىت ھەر بىر ئادەمگە ئوخشاش تەقسىملەنگەن بولسىمۇ، ھەر ئادەمنىڭ پايدىلىنىش ئۇسۇلى ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۈنۈممۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ۋاقىتنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىر مىنۇت ھەر بىر سىكونت ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. بەزىدە خىزمەت قىلىپ ئۈنۈم يارىتىش بولىدۇ، لېكىن خىزمەت قىلغىلى بولمايدىغان ۋاقىتلارمۇ كۆپ بولىدۇ. بېكار ۋاقىتنى ئۆگىنىشكە قاراتسا ئاز-ئازدىن ئۆگىنىش بىلەن جۇغلانغان بىلىم ئادەمنى كەلگۈسىدە ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ۋاقىتنىڭ قىممىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ـــ دېمەك، ياشلىرىمىزدا بىر خىل ئۆگۈنۈشكە بولغان ھېرىسمەنلىك، ۋاقىتنى قەدىرلەش تۇيغۇسى بولۇشى ئىنتايىن زۆرۆر، بەلكىم مۇشۇنداق ياخشى ئادەتلەر ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ نۇرغۇن تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ مەكتەپكە كىرگەن ۋاقتىدىن باشلاپلا مۇشۇنداق ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش كېرەكمىكىن دەپ ئويلىدىم، بەلكىم سىزنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىڭىزمۇ نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىنغۇ دەيمەن؟ مەسىلەن شۇ ۋاقىتلاردا سىزدىكى مۇشۇ خىل ئۆگىنىشكە بولغان ھېرىسمەنلىك ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن يېتىلگەن ئەمەس، بەلكى باشلانغۇچتىن تارتىپ ياكى ئەقلىڭىزنى بىلگەندىن تارتىپ سىزدە مۇشۇنداق تىرىشچانلىق روھى بارمىتى؟ ياكى باشقىلارنىڭ تەسىرى بىلەن مۇشۇنداق ئۆگىنىشكە ھېرىسمەنلىك ھالىتى شەكىللەنگەنمۇ؟
#p#
ـــ بالىلىق چاغلىرىمنى ئېيتسام، بىرىنجىدىن دادامنىڭ تەسىرى دېسەم بولىدۇ، دادام شۇنداق جىم تۇرمايدىغان ئادەمكەنتۇق، يول ياقىسىغا چىقىپ قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرىدىغان ياكى قۇرۇق پاراڭلار بولىدىغان يەرلەردە بىر دەم يېرىم دەم تۇرۇپ قالىدىغان چاغلىرى يوق، تىنىمسىز ئىش قىلىدىغان ئادەمكەنتۇق، بەلكىم دادامنىڭ شۇ مىجەزى ماڭا يۇققان بولۇشى مۇمكىن، يەنە بىرسى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمنىڭ تەسىردىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، شۇ چاغلاردىكى ئۇستازلىرىممۇ پىشقان  قابىل ئۇستازلار ئىدى، شۇ چاغلاردا ئۇقۇش نەتىجەم ياخشى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەت ياخشى بولغاچقا ئۇلارمۇ ماڭا ۋاقىتنى بېكار ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا كۆپ تەربىيە قىلاتتى، بەلكىم شۇنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك.
ـــ توغرا، ئاتا-ئانىلارغىمۇ دەيدىغىنىمىز، بىر قىسىم ئاتا-ئانىللىرىمىز بار، بالىلىرى چوڭ بولغاندا ئۇلارغا قاقشايدىغان، زارلايدىغان، مېنىڭچە شۇ ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ياخشى ئۈلگىلەرنى تىكلەپ بېرىشى كېرەك شۇنداققۇ؟ سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، خىزمەتنى رەت قىلىپ ئىچكىرىدىكى شىركەتلەردە ئىشلىدىڭىز، ئۆز ئالدىڭىزغا ئىزگۈ ئۇچۇر پەن- تېخىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتىڭىز، قۇرۇپ چىقىپ تۇنجى بازارغا سالغان مەھسۇلاتىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق بولامدۇ؟
ـــ بولىدۇ، شىركەتنى قۇرۇپ بىرىنجى قىلغان ئىشىمىز «ئېلېكتىرونلۇق غەللە» مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پۇل يىغىش ئاپپاراتى، خەنزۇچە (收款机) نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەش بولدى، چۈنكى سودا تىجارەتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش بولغان ئىكەن چوقۇم ئۇنىڭدا پايدىلىنىدىغان بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەر بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدا ياسالغان بۇنداق ئۈسكۈنىلەر يوق ئىدى، شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئۇيغۇرچىسىنى ياساپ بازارغا سالدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلىدىن بۇ تاق يۆنىلىشتىكى ئۈسكۈنە بەزى ئېھتىياجلارنى قامدىيالمىدى. بارا-بارا بىز POS ئاپىراتى قاتارلىق كومپيۇتېرلاشقان ئۈسكۈنىلەرنى بازارغا سالدۇق، بۇ سىستېما كۆپ تىللىق بولۇپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشقا تىلنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولاتتى.
ـــ ھازىر مېنىڭ بىلىشىمچە، بىر قىسىم ئاشخانىلارنىڭ تاماق بۇيرۇتۇش جەھەتتە نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپسىلەر، ئۇ بولسىمۇ سىمسىز تاماق تىزىملاش ئۈسكۈنىسى، مۇشۇ سىستېمىسنى بازارغا سېلىپ نۇرغۇن ئاشخانىلارغا قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن، مۇشۇ ھەقتىكى نەتىجەڭلارنى ئاڭلاپ باقايلى.
#p#
ـــ ئىچكىرى ۋە چەتئەللەردە يۈرۈش جەريانىدا بىز شىنجاڭدىن چىققان ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن تاماقلىنىش مەسىلىسى بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىدىكەن، شۇ ۋاقىتلاردا گەرچە كۆپ يەردە تاماقلانغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ تاماقلىنىش مۇھىتىغا دىققەت قىلغان ئىدىم. گەرچە نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئىستېمال قىلالمىساقمۇ، ئۇلارنىڭ سېتىش ئۇسۇلى، شۇ يەردىكى مۇھىت قاتارلىقلارنى كۆزەتكەن، شىنجاڭغا قايتىپ كەلسەم بۇ يەردە يەيدىغان نەرسە بەك كۆپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىدەك تۈجۈپىلەپ تاللاشنىڭ ھاجىتى يوق، يېمەك-ئىچمەك نازۇ-نېممەتلەرنىڭ ھەممىسى بار، لېكىن شۇنىڭدىن ياخشى ئىستېمال قىلىش پۇرسىتى يوق، ئاغزاكى تاماق بۇيرۇسا، ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان، دەپ تۇرمىسا تاماق چىقمايۋاتقان، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن پۇل ئېلىش ئورنىغا بارسا نېمە تاماق يېگەنلىكى سورىلىۋاتقان، خاتا دەپ سالسا ياكى ئۇنتۇلۇپ قالسا ھېسابلاشتا خاتالىق كۆرۈلگەن. بۇنداق ئىشلار دائىملا ئادەمنىڭ كۆڭلى تولىمۇ بىئارام قىلاتتى، شۇنداق ياخشى تاماقلار بار، لېكىن پۇل تۆلەش، ئۆزى تاللىغان تاماقلارغا ئېرىشىش قىيىن ۋە گەپ سۆزلەردە ھە دېسىلا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلار كۆرۈلەتتى. شۇڭا ھەر قېتىم بىرەر ئاشخانىغا كىرسەم كۆڭلۈم ناھايىتى بىئارام بولاتتى، بۇ يەردە شۇنىڭغا مەخسۇس ئىشلەنگەن ئۈسكۈنە، سىستېما يوق، شۇڭا مۇشۇ ئىشنى قىلسام بولىدىكەن دەپ ئىرادە باغلاپ مۇشۇ ئىشنى قىلغان، بۇ ئىشقىمۇ ھازىر 6 يىل بوپ قالدى. دەسلەپ قىلغان ۋاقتىمىزدا ئاشخانا-رېستۇرانلار بۇنى قۇبۇللىمىغان، قەغەزگە يازساقمۇ بولىدىغۇ، ئېغىزدا توۋلىساقمۇ بولىدىغۇ، مۇنچە جىق پۇل خەجلەپ بۇنى قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ دېگەندەك گەپلەر بىلەن يېڭىلىقنى قۇبۇللىماي نۇرغۇن قىينچىلىقلارغا يولۇققان، بىر يىلدا ئاران 7-8 ئاشخانىغا قىلالىغان، ئىقتىسادى كىرىممۇ يوق دېيەرلىك، بىر ئىككى يىل مۇشۇ ھالەتتە نۇرغۇن زىيان تارتقان، بۇ جەرياندا مەھسۇلات ئېچىش بىلەن بىرگە كەڭ دائىرىدە تەشۋىقاتمۇ قىلدۇق، گېزىت-ژۇرناللاردا، ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلنىپ ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چۈشەندۈردۇق، شۇنداقلا ئاشخانا-رېستۇرانلارنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچۇرۇشۇپ بۇنىڭ ئەھمىيىتى، پايدىسى قاتارلىقلارنى ئۇلارغا چۈشەندۈردۇق، جەمئىيەت خارەكتېرلىك تەشۋىقاتلارنىمۇ قىلدۇق، بىزنىڭ ئاشخانا-رېستۇران غىزالىنىش مۇھىتىمىز مۇنداق تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغان چاغدا كۆڭۈلۈك غىزالانغىلى بولىدۇ، ئادەمنىڭ ۋاقتىنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ، تاماقنى ئۇزۇن ساقلاپ كېتىپ، چىقمىدى دەپ جدەللىشىپ، كۆڭۈل ئاغرىقى بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ تەپسىلى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا قوبۇللىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئايدا 4-5 ئاشخانىغا ئورنۇتۇپ دېگەندەك، ھازىر ئالدى-كەينى بولۇپ 200 دەك ئاشخانا بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆردى، جەمئىيەت خارەكتېرلىك ھەممە ئاشخانىغا كىرسە ئۈسكۈنىلەردە يازىدۇ، ئاپتوماتىك يوللىنىدۇ، ئاشپەزلەر دەل ۋاقتىدا خەۋەر تاپىدۇ، باش پۇل ئېلىش ئاپپاراتىدا يېگەن تاماقلارنىڭ تىزىملىكى ساقلانغان بولىدۇ، تاماقلار ئالمىشىپ قالمايدۇ دېگەندەك قاراشلار ئاممىباپ ئۇچۇرغا ئايلاندى، كېيىنكى يۈزلىنىشتە مۇشۇ ساھەدە يەنىمۇ چۇڭقۇرلاش، يەنىمۇ كېڭەيتىش، زەنجىرسىمان باشقۇرۇش ھالىتىگە كېلىش، توردا ئورۇن زاكاس قىلىش، ئۆيلەرگىچە يەتكۈزۈپ بېرىش دېگەندەك ئىشلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشقا قاراپ مېڭىشىمىز مۇمكىن، چۇنكى بۇ شىركىتىمىزنىڭ ئىسمىمۇ ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى، شۇڭلاشقا گەرچە بىز بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىساقمۇ، تىجارەت جەريانىدىكى ئۇچۇرنى ئەپچىللىك بىلەن يىغىپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇچۇرنى توپلاشتۇرۇپ، يوللاشقا تىگىشلىك ئورۇنغا يوللاپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى، قىممىتىنى ياراتتۇق دېسەك بولىدۇ. 
#p#
ـــ كېيىنچە بەلكىم نۇرغۇن تاماقخانا خوجايىنلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدۇڭلارغۇ دەيمەن ھە؟ ئۈسكۈنە دەسلەپتە بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن بەزى بىر كەمچىلىكلەردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى بارغانسېرى ئىلغارلاشتۇرۇپ باردىڭلارمىكى؟
ـــ بۇنداق سىستېمىلارغا ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەر ھىچ بولمىغاندا ئون نەچچە زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتى بىرىكىپ، بىزنىڭ كۈچ قوشۇپ، زۆرۈر يەرلىرىنى ئۆزىمىز تولۇقلىغاندىن كېيىن ئاندىن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ، بىرلا  زاۋۇت ياكى بىرلا ئورۇن باشتىن ئاخىرى ھەممىنى ئىشلىيەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇ سىستېمىمۇ ھازىرقى زامان ئېلېكتىرون تېخنىكىسى، يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشى كېرەك. يېقىندىن بېرى، ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى چىقىپ ئاندىرويد تېلېفونلار بازارغا سېلنىشنىڭ ئالدىدا بىز تاماق يازىدىغانغا شۇ چاغدىكى PDA، يەنى ئالقان كومپىيۇتېرىنى ئىشلىتەتتۇق، ئۇنى ئاشخانىدا تاماق بۇيرۇشتىن باشقا ئىشقا ئىشلەتكىلى بولمايتتى، يېقىندا ئاندىرويىد تېلېفونلار كۆپلەپ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون بۇرۇنقى  PDA نىڭ ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا ئاشخانىدا تاماق بۇيرۇتۇشتا پايدىلانغىلى بولىدىغان قىلدۇق. بۇنىڭدىكى تېخنىكا يېڭىلىنىشى بۇرۇنقى سىستېمىلاردا چوقۇم ئەڭ ئاخىرقى ئۈسكۈنە، تاماق يازىدىغىنى ياكى باشقا كومپيۇتېرلار بولسۇن چوقۇم باش ئانا كومپيۇتېرغا ئۇلىنىپ تۇرمىسا ھېچ قانداق مەسغۇلات قىلغىلى بولمايتتى. مەسىلەن، كومپيۇتېر توردىن ئۈزۈلۈپ كەتسە تور بەتنى كۆرگىلى بولمىغىنىدەك، ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى بازارغا سېلىنىپ ئاندىرويىد تىلېفونلار كۆپلەپ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن بۇ ھالەتكە خاتىمە بېرىلدى، ئانا كومپيۇتېر ئۇلانمىسىمۇ مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان ھالەت شەكىللەندى، ھازىر نۇرغۇن سىستېمىلارنى تورغا ئۇلىماي تۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىۋېلىپ، كېيىن باشقا كومپيۇتېر بىلەن ماس قەدەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ پايدىسى تور ئۇلىنىش تەلىپى تۆۋەن، مەشغۇلاتنى تېز-تېز قىلغىلى بولىدۇ. ئاشخانا سىستېمىسىدىمۇ تور سېگنالى ئاجىز يەرلەردىمۇ ئوخشاشلا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان، مەسغۇلات ئۆزىدە ساقلىنىپ بولغاندىن كېيىن تور ئۇلىنىشى نورماللاشقان ۋاقىتتا باش ئۈسكۈنىگە يوللاپ بېرىدىغان ھالەت شەكىللەندى، كېيىنكى يۈزلىنىشتىمۇ بەلكىم مۇشۇنداق تورلاشقان ئۈسكۈنە تورلاشقان سىستېمىلاردىكى باش كومپيۇتېر بىلەن بالا كومپيۇتېر ئارىسىدىكى باغلىنىشنى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشىمىز مۇمكىن شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەت مىقياسىدىمۇ شۇنىڭغا قاراپ تەرەققىي قىلۋاتىدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ.
#p#
ـــ رەھمەت، يۇقىرىدا بىز سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىڭىز ۋە بازارغا سالغان مەھسۇتلىرىڭىز ھەم ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ ئۆتتۇق. 2006-يىلى شىركەتنى قۇرۇپسىز، بەلكىم شىركەتنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ خېلى كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئىچكىرىدىكى بىرقىسىم چەتئەل شىركەتلىرىدە ئىشلەش جەريانىدىكى تەجرىبىڭىزگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ شىركەتنى قانداق باشقۇرغانلىقىڭىز، ھازىر قانداق بىر سەۋىيەگە يەتكۈزگەنلىكىڭىز ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بېرىپ ئۆتەمسىز؟
ـــ بولىدۇ، ئىچكىرىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەش جەريانىدا شۇ كارخانىدىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۈنۈمىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىش، ئەڭ زور دەرىجىدىكى ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى يارىتىش ئىكەنلىگىنى ئۆز ئەمەلىيىتىمدىن ئۆتكۈزدۈم. بىر خىزمەتچىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ۋاقىت ئارقىلىق يارتىلىدىكەن، بىرىنجى، ئۇ يەردىكى خىزمەت كەيپىياتى، خۇشچاخچاق، كۆتۈرەڭگۈ ھالەتتىكى خىزمەت كەيپىياتى، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش، ھەممە ئىشنى پەزەر، ئاڭلىغان كۆرگەن ۋە ياكى خىياللارغا تايىنىپ ئەمەس ئېنىقلاپ قارار قىلىش، ھەممە ئىشنىڭ ئاساسى بار، شۇنداق قىلىشنىڭ بارلىق شەرتلىرى ھازىرلانغان، ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىشلارنى قىلىش تەكىتلىنەتتى. ئاندىن خىزمەت مۇھىتىدىكى پاكىزلىق قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ ئالاھىدە تەلەپ قويۇلاتتى، شۇنداق بولغاچقا ئاشۇ خىل خىزمەت مۇھىتىدا ناھايىتى جىددى ئىشلەپ، ھەممە ئىشلار جايىدا يۈرۈشۈپ، بىر بىرسىنى ساقلايدىغان، جاۋابىنى كۈتىدىغان ياكى مەلۇم ئىشنى قىلىپ قۇيۇپ ئىككىلىنىدىغان، قىلىپ بولغاندىن كېيىن جازالىنىدىغان ئىشلار يوق ئىدى. چۈنكى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنى قانداق قىلىش توغرىسىدىكى قائىدە تۈزۈملىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولغاچقا شۇ بويىچە ئېلىپ باراتتۇق، كۆپتۈرۋېتىدىغان، مۇبالىغىلەشتۈرىدىغان، پو ئاتىدىغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىشلارمۇ يوق ئىدى، بۇ تەرەپتىن قاتتىق نازەرەت ۋە تەربىيەلەش ئاستىدا ئىدۇق، چەتئەل كارخانىلىرىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى شۇ كىشىنىڭ كەسپى ئىقتىدارىدىن باشقا ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىغا قارىلاتتى، ھەم شۇ توغرۇلۇق تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلاتتى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى دېگىنىمىز بىر ئىشقا نىسبەتەن توغرا ھۆكۈم قىلالايدىغان، ھەر بىر ئىشقا نىسبەتەن ناھايىتى زىل، ئىنچىكە تەھلىل قىلىدىغان، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ ھەممە ئىشلارنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرىدىغان، ھەر بىر ئىشقا ئەقلىي تەپەككۇر، ئەقىلگە ئۇيغۇن باھا بېرىدىغان، ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلىدىغان دېگەندەك ئىشلار ھەر بىر ئادەمنىڭ ساپاسىنى سىنايدىغان چوڭ ئۆلچەم ھېسابلىناتتى.
#p#
خىزمەتچى بىلەن باشلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقمۇ دەل شۇ ئادەمنىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپىنىڭ توغرا-خاتالىقى، ئەقىلگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، باشقىلار ئاسان چۈشىنەلەيدىغان ياكى چۈشىنەلمەيدىغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنەتتى. مەن شۇ خىل مۇھىتتا ياشاش جەريانىدا شۇ خىل خاراكتېر، شۇ خىل مىجەزگە ئادەتلەنگەن، ئەمدى شىنجاڭغا كېلىپ شىركەت ئاچقان دەسلەپكى بىر ئىككى يىلدا مۇشۇ خىل كەيپىياتنى يارىتالماي قىينالدىم، چۈنكى بۇ يەردىكى ئادەملىرىمىزدە ئۇ خىل روھ، ئۇ خىل خىزمەت تەجرىبە بولمىغاندىكىن، خىزمەت دېسە بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ كۈننى كەچ قىلىش، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان چوڭ گەپلەرنى كۆپ قىلىش، خىيالى گەپلەر جىق، ئۆز-ئارا مۇئامىلدە ئېنىقسىزلىق، باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغان، ئېيتىشقا تېگىشلىك گەپنى ئېيىتمايدىغان ئىشلار كۆپ بولۇپ شىركەتتە ئۈنۈم يارىتىش نوقتىسىدىن ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەنمىدى. بۇ جەرياندا تەربىيەلەشكىمۇ كۆپ كۈچ چىقاردۇق، كۈندە ئەتىگىنى يىغىن ئاچىمىز، بىزنىڭ شىركەتنىڭ بىرىنجى قائىدىسى ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ئەتىگەنلىك يىغىنغا ۋاقتىدا كېلىش، كېچىكىپ قالسا، بىر مىنۇت كېچىكسىمۇ يۈز يۈەن تۇتۇپ قېلىنىدۇ، بىر ئايدا ئون قېتىم كېچىكسە شۇ ئايلىق مائاشى تۇتۇپ قېلىنىپ، كېچىكسە شۇ خىزمەتچى ئاشۇ كۈندە خىزمەت قىلمىغانغا باراۋەر دەپ تۈزۈم تۇرغۇزۇپ شۇ بويىچە جازالاپ، شۇ بويىچە باشقۇرغاندىن كېيىن بارا-بارا خىزمەتچىلەردە شۇ خىل كۆز قاراش يېتىلدى، ئىشقا كېچىكمەيدىغان، ۋاقىتقا ئەمەل قىلىدىغان بولدى، يىغىننى قىسقا، مەزمۇنلۇق ئېچىش، بىرلا ئادەم سۆز قىلىپ قالغانلار ئاڭلاش ئەمەس، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش، توغرا خاتاسىنى ئايرىپ بېرىپ، ئۈلگە يارىتىش ئارقىلىق ھازىر خىزمەت كەيپىياتى، خىزمەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى
بۇ ئارقىلىق بىر قىسىم خىزمەتچىلەر يۇقىرىغا ئۆرلەپ چىقتى، ئۇزۇن ئىشلىگەنلىرىگە ھازىر 6-7 يىل بولدى، كونىلار يېڭى خىزمەتكە كىرگەنلەرنى يېتەكلەپ بىرگە ئېلىپ كېتەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن خۇشال-خۇرام، راھەت، ئازادە رەتلىك خىزمەت مۇھىتى يارىتىلدى. ھەم ئىقتىسادى ئۈنۈممۇ ئۆسۈپ بېرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق تاپاۋىتى ئۆسۈپ ياخشى خىزمەت مۇھىتى شەكىللەندى.
ـــ ئەمسە بىر قىسىم كارخانىچىلار ئىقتىساسلىق خادىملار يوق، كەمچىل دەپ قاخشىماستىن ئۆزلىرى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈشنىمۇ ئويلىشىپ باقسا بولغۇدەك ھە؟
#p#
ـــ كۆپلىگەن ئىگىلىپ تىكلىگۈچىلەر، مەن خوجايىن قانداق قىلسام بولىۋېرىدۇ دەپ ئۆزىنى قويۇۋىتىدۇ، بولۇپمۇ بىزنىڭ شىنجاڭدا بۇنداق كارخانىچىلار، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كۆپ، خالىسا ئىشقا بېرىپ، خالمىسا كەلمەي، مېنى ھېچ كىم باشقۇرمايدۇ دەيدىغان قاراش كۈچلۈك، ئۈلگە يارىتىش رولى يوق، ئۆزى ئۈلگە ياراتمىغاچقا باشقىلارمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئۆزى ئەمەل قىلمىغان بولغاچقا باشقىلارنى جازالىسا ئۆتمەيدۇ، مەن مۇشۇ ئىشنى قىلغاندىن بۇيان ئەتىگىنى ئىشقا بارمايدىغان، ياكى كۈندۇزى ئىشىم چىقىپ قالسا ئىش ئورنۇمدىن خالىغانچە كېتىپ قالىدىغان ئىشلار يوق، تا ھازىرغىچە مەيلى ئىشخانىدا بولاي مەيلى سىرتلاردا بولاي، ھازىر خىزمەت ۋاقتى، يەنە قىلىشقا تېگىشلىك قانداق ئىشلار بار دېگەندەك خىيال كاللامدا ھەر ۋاقىت بار، شۇنداقلا خىزمەچىلەرگىمۇ شۇنداق ئەسكەرتىپ تۇرىمەن، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن  نېمە ئىش قىلسا بولىۋېرىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ شەخسى ۋاقتى، لېكىن خىزمەت ۋاقتىدا شەخشىي ئىشلار بولۇپ قالسا، ھازىر مەن خىزمەت ھالىتىدە، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دېيىشسەك دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق، مۇمكىن قەدەر شۇ كۈنى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ تۆگىتىش، ئەگەر قىلىشقا تېگىشلىك ھېچقانداق ئىش بولمىسا بىرەر نەرسە ئۆگىنىش، ياكى بىرەرسىگە ئۆگىتىش، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ قويۇش، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. بۇ جەھەتلەردە شىركەتنى قۇرغۇچى چوقۇم ئۈلگە بولۇش تەرەپدارىدا بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن.
ـــ دېمەك، ئىگىلىك تىكلىگەن، مەلۇم بىر شىركەتنى قۇرغانلار ئاڭلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ياخشى تەجرىبىلەر ئىكەن دەپ قارىدىم، ھازىر شىركىتىڭىزدە نەچچە خىزمەتچى بار؟
ـــ باش شىركەت ئۈرۈمچىدە، قەشقەردە  تارماق شىركەت بار، شېنجېندا بۇرۇنقى باش شىركەت (ھازىرقى تارماق شىركەت) لەر بار، ھەممىسىنى قوشقاندا خادىم سانى 20 دىن ئاشىدۇ، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى باش شىركەتتە 15 خىزمەتچى ئىشلەۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كونىلار 10 غا بارىدۇ، يېڭى كىرگەن خىزمەتچىلەردىنمۇ 4-5 ى بار، بۇلارغىمۇ 5 ئاي بولۇپ قالدى، بىز ھازىرمۇ داۋاملىق خىزمەتچى قوبۇللاش ھالىتىدە تۇرىۋاتىمىز، توردا ھەم باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خىزمەتچى ئېلىش ئېلانى چىقىرىپ تۇرۋاتىمىز، بۇنىڭدا ئاۋۋال تەربىيەلەش، ئىقتىدار يىتىلدۈرگەندىن كېيىن خىزمەتكە قۇيۇشنى ئاساس قىلىۋاتىمىز.
ـــ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات بولغاچقا ئۇلارغا قۇيۇلىدىغان تەلەپ يۇقۇرىغۇ دەيمەن؟
#p#
ـــ دەسلەپ كىرگەن ۋاقتىدا ھەر قانچە ئىقتىدارى بولسىمۇ ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتالمايدۇ، شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ھەرگىزمۇ شىركەت باقىدىغان ھالەتتە ئەمەس، خىزمەتچى ئۆزى  ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مائاش تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر خىزمەتچى ئۈنۈم يارىتالمىسا، ئۇ خىزمەتچىنى شىركەت بېقىپ تۇرۇشمۇ شىركەتنى ھالەكەتكە باشلايدۇ، بۇ بىر ئۇتۇقسىز شىركەت بولۇپ قالىدۇ، بۇرۇن تەربىيەلەشكە مەخسۇس ۋاقىت ئاجىراتمىغان، يېقىندىن بېرى دەسلەپكە مەزگىلدە ئۆگىتىش ئارقىلىق تېز مۇددەتتە ئىشقا كىرىشىپ قىممەت ياراتقاندىن كېيىن مۇمكىنقەدەر ئۇنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق ئىقتىسادى ئېھتىياجى قاندۇرىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا شىركەتكە شۇنداقلا خىزمەتچىنىڭ ئۆزىگە، كېيىنكى تەرەققىياتىغا يول ئېچىلىدۇ.
ـــ بۇمۇ ئادەم  ئىشلىتىش جەھەتتە قوللانغان ئۆزىگىچە ئۇسۇلىڭلار ئىكەن، تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر دەيدۇ كونىلار، دېمەك بىر شىركەتتە ئىشلىمەكچى بولغانلار ئۆزىنىڭ تەدبىرى ئارقىلىق تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان دەۋر يېتىپ كەلدى، خوش قەدىرلىك دوسلار، بۈگۈن بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۆيىگە يەنە شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن روزىقارىنىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان. روزىقارى، مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟
ـــ ماڭا 6 يىل بولۇپ قالدى.
ـــ ھازىر بۇ شىركەتتە نېمە ئىش قىلىسىز؟
ـــ ئاساسلىقى سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل، قوشۇمچە مۇلازىمەت، تېخنىكا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، مەن تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، خەلقئارا چوڭ بازارلاردا تىجارەت قىلاتتىم. تىجارەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىچكىرىلەرگە بېرىپ قايتىپ كەلدىم. ئۇ جايلاردا ناھايىتى كىچىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جايلاردىمۇ كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ھالەتكە يەتكەن. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاشخانا-رېستۇرانلارغا كىرسەك توۋلاپ ساتىدىغان، كۆڭلى يېقىنلاردا تاماقنى بالدۇر بېرىدىغان ئەھۋاللار باركەنتۇق، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قارىسام، شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى، بېرىپ مۇشۇ كەسىپنى قىلىش ئويىدا مۇشۇ شىركەتكە ئەزا بولدۇم. ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغان يېرى يېڭى كەلگەندە، ئەتىگىنى 7 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە چوقۇم بېرىپ بولۇش كېرەك. 7 دىن 51 مىنۇت ئۆتۈپ كەتسە 100 كوي پۇل يوق، مەن دەسلەپكى نەچچە ئايدا بۇنىڭغا كۆنەلمەي، ھەتتا ئايلىق مائاشىمنىمۇ ئالالمىغان، يېنىمدىن پۇل سېلىپ بەرگەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان، ھازىر بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تەرەققىيات كۆپ، ئېسىل رېستۇران، چاي-قەھۋەخانىلار كۆپلەپ ئېچىلۋاتىدۇ، جمجىت، ئازادە ۋە باشقا مۇھىتلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، بۇلار ئۈچۈن شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرى زۆرۆر بولۇپ قالدى.
#p#
بۇ ساھەنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ناھايىتى يۇقىرى، كېيىنكى دەۋرلەردە چوڭ-كىچىك ھەممە تىجارەت ئورۇنلىرى ئاپتوماتلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، ئۆزۈم قىلىۋاتقان كەسىپنىڭ ئىستىقبالى بار دەپ قارايمەن. دەسلەپكى مەزگىلدە نۇرغۇن جاپالارنى تارتقان، بۇرۇنقى خېرىدارلار قۇبۇللىمايدىغان ۋەزىيەتتىن ھازىرقى خېرىدارلار ئۆزى ئىزدەپ كىلىدىغان ھالەتكە كەلدى.
ـــ سىز ھازىر مۇشۇ شىركەتتە ئىشلىگەندىن بېرى ئىقتىسادى ئۈنۈمىڭىز قانداقراق بولىۋاتىدۇ؟
ـــ ئىقتىسادى ئۈنۈم دېسەك، مەن بۇرۇن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان چاغلاردىمۇ پۇل تاپقان، دەسلەپكى كىرگەن مەزگىللەردە مائاشىم ھەقىقەتەن تۆۋەن، ھەتتا كېچىكىپ قېلىپ، ئۆزۈمنىڭ مائاشىنىڭ ھەممىسىنى شىركەتتىن تۇتۇپ قالغان ئەھۋاللامۇ بولغان، مەن كەلگۈسىدە چوقۇم مۇشۇلارنى ھەسسىلەپ قايتۇرالايمەن دېگەن ئۈمىد بىلەن ھازىرغىچە ئىشلەپ كېلۋاتىمەن، ھازىر ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ، ئائىلەمنى بېقىپ، كارتىغىمۇ پۇل سېلىپ، سۇغۇرتا قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇپ كېلىۋاتىمەن.
ـــ تۇردى ئەپەندىم، مۇشۇ ھەقتە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا بولغان تەۋسىيەلىك گەپلىرىڭىز بولسا ئاڭلىساق؟ ئىقتىساد ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى، مەيلى قەيەردە ئىشلەيلى ئىقتىسادىمىز يۇقىرى بولسا دەپ ئويلايمىز.
ـــ توغرا، ئىقتىساد ھىچكىمگە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، پۇل ھىچكىمگە كۆپلۈك ئەمەس، ھەممە ئادەمگە پۇل ئىقتىساد لازىم بولىدۇ، ياخشى ياشاش ئۈچۈن چوقۇم يېتەرلىك ئىقتىساد، پۇل بولۇش كېرەك، پۇل ھەرگىز ئاسماندىن چۈشۈپ قالمايدۇ، ياكى بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە بىھۇدە پۇل بېرىپ يۈرمەيدۇ، شىركەت كارخانىدىمۇ شۇ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ياراتقان ئىقتىسادى ئۈنۈمىگە قارىتا مائاش ئالىدۇ، ياراتقان ئۈنۈم بىلەن ئېرىشكەن ئىقتىسادى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. شۇ خىل ھالەتتە قانداق قىلىپ ئۈنۈم يارىتىش دېگەندە ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئىزدەنمىسە، ئۈنۈملۈك ئىشلەش ھالىتىنى قولغا كەلتۈرمىسە، ئادەم تۆۋەن خىزمەت ئۈنۈمى ھالىتىدە تۇرۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن مەسىلە چىقىدۇ، ئىقتىسادتىن قىينىلىدۇ. مەن چەتئەل كارخانىلىرىدا ئىشلەش جەريانىدا يۇقىرى مائاشلىق ھالەتتە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالەتتە ياشىغان. ئۇ چاغدىكى مائاشىممۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، ھەم پەۋقۇلاددە يۇقىرى مائاش ئالىدىغانلار بىلەنمۇ بىرگە خىزمەت قىلغان، ھەتتا بىر ئايلىق مائاشى بىزنىڭ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 50 تۈمەن، 70 تۈمەن مائاش ئالىدىغان باشلىقلىرىم بولغان ئىدى، قانداق قىلىپ شۇنچە كۆپ مائاش ئالالايدۇ دېگەندە مەن ئىزدەنگەن، ئۇلار ھەقىقەتەن بەك يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالەتتە ياشايدۇ، ئەگەر شۇ ئادەمنىڭ خىزمىتى بولمىسا، شۇ ئۈنۈم يارىتىلمىسا، شىركەت مۇشۇ ئىجتىمائىي توپتا ئۈنۈم يارىتالمايدۇ، شۇ ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، بىرنەچچە يۈز، ھەتتا بىرنەچچە مىڭ ئادەم ئىقتىسادى قىممەت يارىتالايدۇ.
#p#
شۇڭلاشقا بۇرۇن ئۆز ئەمەلىيىتىمدە كۆرگەچكە، خىزمەت ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش چوقۇم مۇمكىن دەيدىغان ئىشەنچ مەندە بار، ھازىرقى شىركەتتىمۇ ئادەملىرىمگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئادەم يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتكە ئېرىشىش تامامەن مۇمكىن، خىزمەتكە كىرگەن دەسلەپكى چاغدىلا يۇقىرى تۆۋەن مائاشلىق دەپ ئايرىلمايدۇ، شۇ ئادەمنىڭ ياراتقان ئىقتىسادىي قىممىتىگە باغلىق، شۇڭلاشقا ئادەم شۇ خىزمەت ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يېڭىچە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، قانداق قىلسام مۇشۇ خىزمەتتىن ئۈنۈم يارىتالايمەن دېگەننى ھەر دائىم ئويلىغان ۋاقىتىدا يۇقىرى مائاش ئالالايدۇ، بىزنىڭ يۇرتىمىزدىمۇ ئايدا بىر نەچچە تۈمەن مائاش ئالىدىغانلار بولسا بۇلىۋېرىدۇ، ھېچ قانداق ھەيران قالارلىق ياكى بىنۇرمال يېرى يوق، شەخسىي كارخانىدا مائاشنى ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرمەيدۇ، مائاشنىڭ يۇقىرى چېكى يوق، تۆۋەن چېكى بار، ھېچ بولمىغاندا قورساق ئاچ قالماسلىقى، تۇرالغۇسى بولۇشى، ئۇستى-بېشى يېلىڭ بولماسلىقى كېرەك. كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇپ، كەسىپتىن يۇقىرى ئۈنۈم يارىتالىغاندىلا يۇقىرى مائاشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال ساپا بولۇشى، كوللىكتىپ ھەمكارلىق روھى بولۇشى، ئەتراپتىكى خىزمەتچىلەرگە ماسلىشالىشى، ياخشى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك. بىر توپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشى، شۇ ئىشنى ۋاقتىدا، جايىدا، سۈپەتلىك ئورۇنداشقا تۈرۈتكە بولىدۇ، بىزدە كۆپ ھاللاردا خىزمەتنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالىدىغان، ئىشتىن چۈشكەندە خوش بولۇپ، خىزمەت دېسە بېشى ئاغرىيدىغان ئىشلانىمۇ ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ قالىمەن، ئەمەلىيەتتە مەن چەتئەللەردە كۆرۈشۈمدە، دەم ئېلىش دېسە قىلغىلى ئىش يوق بولۇپ قالدى دەپ، خىزمەتتىكى ۋاقتىنى ناھايىتى خوشال ھېسابلايدىغان، چۈنكى ھازىر مەن قىممەت يارىتىۋاتىمەن دەپ قارايدۇ، ئىشتىن چۈشكەندە بولسا ئەمدى مەن قىممەت ياراتمىدىم، چىقىم قىلۋاتىمەن دەپ قارايدۇ، بۇ يەردە ئەكسىچە خىزمەتنى ئۆزىگە بېسىم قىلۋالىدۇ.
ـــ رەھمەت، سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىڭىزدىن ئاڭلىغۇچىلىرىمىز، مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغان بولسا ئەجەپ ئەمەس، روزىقارىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى تاشلاپ مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ مانا مۇشۇنداق مۇنتىزىم شىركەتلەردە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا باشقۇرۇش، ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىش جەھەتتىكى ئەمەلىي گەپ-سۆزلىرىڭىزدىنمۇ ئاڭلىغۇچىلىرىمىز خىزمەتكە بولغان بىر خىل قىزغىنلىقنى ھېس قىلىپ قالغان بولسا ئەجەپ ئەمەس، ئاخىرىدا ئىزگۈ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى، بازارغا سالغان مەھسۇلاتىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئورۇنلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز، رەھمەت.
 
2013-يىلى 23-فېۋرال ئۈرۈمچى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى