ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆزىڭىزنىڭ تەرسالىقىنى تونۇپ يېتىڭ

ئۆزىڭىزنىڭ تەرسالىقىنى تونۇپ يېتىڭ

ۋاقتى: 2016-03-24 ئاۋاتلىقى: 373 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەڭ جاھىل بەش خىل كۆز قارىشىڭىزنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ. بۇ ئۇسۇلىڭىزنى دەسلەپ كۆزەتكىنىڭىزدە بۇنداق ئۇرۇنۇشنىڭ زۆرۈرلىكىدىن جەزمەن گۇمانلىنىسىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھەرگىزمۇ تەرسا ئەمەسلىكىڭىزگە قەتئىي ئىشىنىسىز. لېكىن، كېيىنچە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ۋە ئۆزىڭىزنىڭ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشىڭىزگە ئەگىشىپ، تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىڭىز ۋە پىكىر يۈرگۈزىشىڭىز سىزنى ئىلگىرىكى بەزى تەرسالىقلىرىڭىزنى تەدرىجىي تونۇشقا باشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بۇنداق «ئادەمگە بېسىم بولمىسا ھۇرۇنلىشىپ كېتىدۇ»، «مېنىڭ چارەم بىردىنبىر ئاقىدىغان چارە — مېنىڭ گپىمنى ئاڭلا، دېگىنىمنى قىل»، «ئەرلەردىن بىرمۇ ياخشى ئادەم چىقمايدۇ!»، «ئاياللار پۇل خەجلەشنىلا بىلىدۇ!»، «كىچىك بالا دېگەن ئادەمنى ئاۋارە قىلىپلا تۇرىدۇ!»، «تىجارەتچىنىڭ كۆزىگە پۇلدىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدۇ»... دېگەن ئاۋازلارنى ئاڭلاپلا تۇرىمىز. بۇ «تەجرىبە»لەردىن تولىمۇ تار مەنە ۋە بىر تەرەپلىمىلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالمىقىمىز تەس ئەمەس. بۇ يەردىكى مەسىلە تېخى بۇ قاراشلارنىڭ مەزمۇنىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئاشۇنداق ئاسانلا يەكۈن چىقارغان چاغدىكى يەڭگىلتەكلىكى ۋە تەرسالىقىنىڭ ئۇلارنىڭ زىيادە شاللاق، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتسىز قىلىۋەتكەنلىكىدە.
ئويلاپ بېقىڭ، سىزدە ئاشۇنداق نۇقسان بارمۇ-يوق؟ ئەمەلىيەتتە ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ دېگىنىنىلا ھېساب دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئاشۇنداق ئادەتنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يۇقتۇرىۋالغان بولىدۇ، يۇقتۇرۇۋالغان بولساق تۈزىتىشىمىز كېرەك. ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىش ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس. شەيئىلەر ھامان ئۈزلۈكسىز تەرققىي قىلىپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسى بولغان بىزنىڭ ئىدىيەمىزدىمۇ خاتالىق، سەۋەنلىكلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئىدىيەسى ئاخىرقى ھېسابتا شۇ بىرلا ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپ تونۇشى بولۇپ، ھامان خىلمۇخىل بىر تەرەپلىمە ۋە چەكلىك تۈس ئالغان بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ تونۇشلىرىغا قارىتا بىر خىل كەمتەر پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا دائىم تەييار تۇرۇشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئوي-خىياللىرىمىزنى باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرىغا سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، ئەسلىدىنلا مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭى «ئوزۇقلۇق»لارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرىشىمىز ۋە تولۇقلىشىمىز كېرەك. مانا بۇ، ئىدىيە جەھەتتە كونىنى چىقىرىۋېتىپ يېڭىنى قوبۇل قىلىش، ئەقىل-پاراسەت جۇغلاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت.
ھەممىمىز بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىشىمىز ھەمدە پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەككى، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىدىكى قاراشلىرىمىزدىن ۋاز كەچكەنلىكنى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزگە ئىشەنمىگەنلىك، يۈزىمىزگە سەت بولغانلىق دەپ ھېس قىلماسلىقىمىز كېرەك. بۇ يەردە جۇڭگودا بولغان بىر ئىشنى كۆپچىلىكنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈشتە پايدىلىنىشى ئۈچۈن مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز:
بىر قېرى ۋە بىر ياش راھىب ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ، ئىستىقامەت قىپتۇ. قېرى راھىب مۇلايىم، روھىي ھالىتى خاتىرجەم بولۇپ، ئىستىقامەتكە بېرىلىپلا كېتىپتۇ؛ ياش راھىب بېسىپ ئولتۇرالمىغاچقا خاتىرجەم ئىستىقامەت قىلالماي، قېرى راھىبتىن: «ئۇستاز، نېمىشقا بۇتخانىدىكى ۋەز-نەسىھەتلەر مېنىڭ چەكلىك ئىدىيەمنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ؟ مەن نېمىشقا كىشىلىك دۇنيادىن نارازى بولۇپلا يۈرىمەن؟» دەپ سورىغانىكەن، قېرى راھىب شىرەدىكى چەينەكنى قولىغا ئېلىپ، لىپمۇلىق سۈزۈك سۇ تولدۇرۇلغان ئىستاكانغا چاي قۇيۇپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ: «بۇ ئىستاكانغا قارا، مەن ئۇنىڭغا ھەرقانچە چاي قۇيساممۇ، ئىستاكاندا يەنىلا سۈزۈك سۇ قېلىۋاتىدۇ، قۇيۇلۇۋاتقان چاي ناھايىتى چەكلىك بولۇۋاتىدۇ» دەپتۇ، ئاندىن ئىستاكاندىكى سۇنى تۆكۈۋېتىپ، ئورنىغا يېڭىباشتىن چاي قۇيۇپتۇ ۋە: «ئەسلىدىكى سۇنى قالدۇرماي تۆكۈۋەتسەڭ، ئاندىن ئىستاكانغا يېڭى چاي قۇيالايسەن» دەپتۇ.
سىزنىڭ ئىدىيەڭىز خۇددى ھېلىقى سۈزۈك سۇ بار ئىستاكانغا ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، چايدا سۈزۈك سۇدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەرەپلەر بولىدۇ. ئەگەر سۈزۈك سۇنىڭ بىر قىسمىنى تۆكۈۋېتىشكە ئۇنىمىسىڭىز، چاينى ئىستاكانغا قانداق قۇيىسىز؟ ئاكتىپ ئۆزىنى بىلىش ئىدىيەسى ھەرگىزمۇ مەنمەنچىلىك ئىدىيەسى ئەمەس. كېيىنكىسى ئۆزىنىڭ دېگىنىدە چىڭ تۇرىدۇ. يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا تار دائىرىدىن چىقالمايدۇ؛ ئالدىنقىسى رېئاللىققا بويسۇنۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ گېپىدە تەرسالىق قىلىپ تۇرۇۋالمايدۇ، خەقنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا ماھىر كېلىدۇ، كاجلىق قىلمايدۇ. ئۆزىگە ھەقىقىي ئىشىنىش — ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشتا ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشتا، ھەقىقەتنىڭ پۇختا ۋە ئىشەنچىلىك بولغان ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئاتا قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى