ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ئەمگەك توختامى قانۇنى»: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى تۆلەشكە تېگىشلىك 21 خىل ئەھۋال

«ئەمگەك توختامى قانۇنى»: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى تۆلەشكە تېگىشلىك 21 خىل ئەھۋال

ۋاقتى: 2015-04-06 ئاۋاتلىقى: 541 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 «ئەمگەك توختامى قانۇنى»: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى تۆلەشكە تېگىشلىك 21 خىل ئەھۋال

 

تۆۋەندىكى مەزموننى مەن يېقىندا ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى»(2008-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلىدۇ) قاتارلىق قانۇنلارنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ۋە ئۆگىنىشى ئۈچۈن رەتلەپ چىققان (ئەگەر خاتالىق بولسا، ئېغىر كۆرمەي تۈزىتىپ قويارسىلەر):

 

بىرىنچى. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى تۆلەشكە تېگىشلىك 21 خىل ئەھۋال


(بىرىنچى) ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى تۆلەشكە تېگىشلىك 9 خىل ئەھۋال:


1. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىدا كېلىشكىنى بويىچە ئەمگەك مۇھاپىزىتى ياكى ئەمگەك شارائىتى بىلەن تەمىنلىمەي، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
2. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ۋاقتىدا تولۇق سوممىلىق ئەمگەك ھەققىنى بەرمەي، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
3. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن شۇ يەردىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن مائاش بېرىپ، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
4. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قانۇن بويىچە ئەمگەكچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرماي، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
5. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان سېلىپ، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
6. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئالداش، مەجبۇرلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ياكى قارىغۇنى ياردا قىستاپ، ئەمگەكچىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خاھىشىغا خىلاپلىق قىلغان ھالدا ئەمگەك توختامى تۈزۈش ياكى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىپ، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
7. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن زوراۋانلىق، تەھدىت سېلىش ياكى كىشىلىك ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
8. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قائىدىگە خىلاپ ھالدا بۇيرۇپ، قاراملىق قىلىپ مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
9. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللاردا.


 

(ئىككىنچى) ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى توختاتقاندا، ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما تۆشكە تېگىشلىك 12 خىل ئەھۋال:
 
10. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئەمگەكچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كېلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
11. ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى خىزمەتكە مۇناسىۋەتسىز سەۋەب بىلەن يارىلىنىپ، بەلگىلەنگەن داۋالاش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنالمىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئورۇنلاشتۇرغان باشقا خىزمەت ئورنىدىمۇ ئىشلىيەلمىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن 30 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
12. ئەمگەكچى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، تەربىيلەش ياكى خىزمەت ئورنىنى تەڭشەشتىن كېيىنمۇ يەنىلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن 30 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
13. ئەمگەك توختامىنى تۈزگەندە ئاساسلانغان سۇبيېكتىپ ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولماي قېلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئەمگەك توختامىنىڭ مەزمونىنى ئۆزگەرتىشكە بىرلىككە كېلەلمەي، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن 30 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا؛
14. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن كارخانا ۋەيران بولۇش قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن قايتىدىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، قانۇن بويىچە خادىم قىسقارتقان بولسا؛
15. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدە ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلۈپ، قانۇن بويىچە خادىم قىسقارتقان بولسا؛
16. كارخانا ئىشلەپچىقىرىدىغان مەھسۇلاتىنى ئالماشتۇرغان، تېخنىكىدا زور يېڭىلاش ئېلىپ بارغان ياكى تىجارەت ئۇسۇلىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن يەنىلا خادىم قىسقارتىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قانۇندە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە خادىم قىسقارتقان بولسا؛
17. باشقا ئەمگەك توختامى تۈزگەندە ئاساسلانغان سۇبيېكتىپ ئىقتىسادىي ئەھۋاللاردا زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولماي قالغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورگان قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە خادىم قىسقارتقان بولسا؛
18. ئەمگەك توختامىنىڭ ۋاقتى توشۇپ، ئەمگەكچى داۋاملىق ئەمگەك توختامنى تۈزۈشكە قوشۇلغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بولسا داۋاملىق توختام تۈزۈشكە قوشۇلمىغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسا؛
19. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسا؛
20. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ ئىجازەتنامىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىپ، تاقاشقا، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇلغان ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلىپ توختامنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسا؛
21. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللاردا


 

ئىككىنچى، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلار تۆلەيدىغان ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلىنىڭ ئۆلچىمى


1. ئىقتىسادىي تولۇقلىما ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئورۇندا خىزمەت قىلغان ۋاقتىغا ئاساسەن، ھەر بىر يىل توشقاندا بىر ئايلىق مائاشىنى تۆلەش ئۆلچىمى بويىچە ئەمگەكچىگە تۆلىنىدۇ. ئالتە ئايدىن يۇقىرى بىر يىل توشمىغان بولسا بىر يىل ھېسابلىنىدۇ؛ ئالتە ئايغا توشمىغان بولسا ئەمگەكچىگە يېرىم ئايلىق مائاشى بويىچە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىدۇ.
2. ئەمگەكچىنىڭ ئايلىق مائاشى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن تەۋە بولغان بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شەھەر رايونىنىڭ شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان شۇ رايوننىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭغا تۆلەيدىغان ئىقتىسادىي تولۇقلىمىنىڭ ئۆلچىمى خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە تۆلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي تولۇقلىما تۆلەيدىغان يىل چەكلىمىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئون ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. (دىققەت: ئەگەر ئەمگەكچىنىڭ مائاشى مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن ئۈچ ھەسسىدىن يۇقىرى بولمىسا، ئەڭ يۇقىرى تولۇقلىما يىل سانى 12 يىل دېگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ)
3. يۇقىرىدا دېيىلگەن ئايلىق مائاش ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنىش ياكى توختىتىلىشنىڭ ئالدىدىكى ئون ئىككى ئاينىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى.

ئۈچىنچى، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلىنى تۆلەيدىغان ۋاقىت
ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى توختاتقاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، ئەمگەكچى كېلىشىم بويىچە بۇ ئورۇن بىلەن خىزمەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتى بىجىرگەندە تۆلىشى كېرەك.


 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى