ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرلىرى

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرلىرى

ۋاقتى: 2016-06-16 ئاۋاتلىقى: 388 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئېلېكتىرونلۇق سودا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كارخانىلار ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى، شۇنداقلا ئېلېكتىرونلۇق سودىنى مەركەز قىلىپ كارخانىنىڭ مەشغۇلات تەرتىپلىرىنى رەتكە سالماقتا.

ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە رولى
1) تەننەرخىنىڭ تۆۋەن، ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ۋە قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ تۆۋەندىكىلەردە ئىپادىلىنىدۇ:
(1) ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەنئەنىۋى سودا تەرتىپلىرىنى ئېلېكتىرونلاشتۇردى ۋە رەقەملەشتۈردى.
(2) ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئېچىۋېتىشچانلىقى ۋە يەر شارى خاراكتېرى كارخانىغا تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى.
(3) ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىنى تۆۋەن تەننەرخ ئارقىلىق، يەر شارى خاراكتېرلىك ئېلېكتىرونلاشقان سودا بازىرىغا كىرگۈزۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى چوڭ كارخانىلارغا ئوخشاش ئۇچۇر بايلىقىغا ئىگە قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.
(4) ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەنئەنىۋى ئوبوروت ئەندىزىسىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، ئوتتۇرىدىكى ھالقىنى ئازايتتى، ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ئىستېمالچىنىڭ بىۋاسىتە سودىلىشىشىنى ئىمكانىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتكۈل ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئۇسۇلىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.
#p#
(5 ) ئېلېكتىرونلۇق سودا بىر تەرەپتىن، زامان توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، كارخانىلارنى مول ئۇچۇر بايلىقى بىلەن تەمىنلەپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئامىللارنى قايتىدىن بىرىكتۈرۈشنى تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

2) ئېلېكتىرونلۇق سودا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. ئېلىمىز WTO غا كىرگەندىن كېيىن، ئىقتىسادىنىڭ يەر شارىلىشىشى، خەلقئارا رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بازارنىڭ خەلقئارالىشىشىدەك كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئىلگىرى ئۇچراتمىغان قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماقتا. ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى شۈبھىسىزكى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا تەستە قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر
1. ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش كېرەك.
2. توغرا بولغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قارىشىنى تىكلەش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يولغا قويۇشى تېخنىكىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش تەدبىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
3. مۇۋاپىق تور لايىھەسىنى بېكىتىپ، تور بېكىتىنى قۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. كارخانىنىڭ تور بېكىتىنى قۇرۇشى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئالدى بىلەن كەسپىي پىلانلاش لايىھەسىنى تۈزۈش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، كارخانىنىڭ تور بېكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشخانا ئۇچۇر سىستېمىسى بىلەن تور بېكىتىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرگەندىلا، كارخانىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.
4. ئېلېكتىرونلۇق سودا پائالىيىتىنىڭ غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، زور مىقداردا مەبلەغ سېلىش كېرەك.
5. نىشانلىق بازارنىڭ ئورنىنى ياخشى بېكىتىش كېرەك. نىشانلىق بازارنىڭ ئورنىنى بېكىتىش ئۈچۈن، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردىكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى ئىگىلەش كېرەك.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى