ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

لاڭ شيەنپىڭ: ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا بانكا ھېچكىمگە تىنمايدىغان سىرلار

لاڭ شيەنپىڭ: ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا بانكا ھېچكىمگە تىنمايدىغان سىرلار

ۋاقتى: 2015-12-07 ئاۋاتلىقى: 847 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا بانكا ھېچكىمگە تىنمايدىغان سىرلار

 

ئەگەر سىز ئىناۋەت كارتىسى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى سىرلارنى چۈشىنىۋالسىڭىز، بىزنىڭ ئىستېمالىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيسىز؛ ئەگەر چۈشەنچىگە ئىگە بولمىسىڭىز مەنپەئەت يۈككە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.  تۆۋەندە ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدىكى سىرلارنى بىرلىكتە ئېچىپ باقايلى.

 


بىرىنچى، ھېساباتنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىسىمۇ يەنىلا رەسمىيەت ھەققى ئېلىش


 مىسال: لى لى بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا خۇاشىيا بانكىسىنىڭ ئىناۋەت كارتىسىنى ئىشلىتىپ 9000 يۈەنلىك سىفىرلىق ئاپپاراتتىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدى. پۇلنىڭ سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، بىر قېتىمدىلا ھەمممىنى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بانكىغا ئالتە قېتىمغا بۆلۈپ تۆلەش ئىلتىماسى سۇنغان بولۇپ، ھېسابلاپ باققاندا، ھەرقېتىمدا 1555.8 يۈەن قايتۇرسا ، ھەر قېتىمدىكى رەسمىيەت ھەققى 55.8 يۈەن بولاتتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇ قالغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى تۆلىۋېتىشنى قارار قىلغاندا، يەنىلا ئۈچ قېتىملىق رەسمىيەت ھەققى تۆلەش كېرەكلىكىنى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 20 يۈەن مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلەش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى بايقىدى.


ئەمەلىيەت : ئىناۋەت كارتىسى ھېساباتىنى مۇددەتكە بۆلگەندىن كېيىن، مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلەش قارارىغا كەلگەندە، ئەگەر ئاي بويىچە تۆلىگەن بولسا،ئېشىپ قالغان ئايلاردىكى رەسمىيەت ھەققىنى تولۇقلاپ تۆلەش كېرەك؛ ئەگەر رەسمىيەت ھەققىنى بىر قېتىمدىلا تۆلىۋەتكەن بولسا، قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىگەنلىكى ئۈچۈنلا رەسمىيەت ھەققىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. يەنى، خېرىدار مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش ئىلتىماسى سۇنغاندىن كېيىن، قانداقلا بولمىسۇن، بۇ رەسمىيەت ھەقلىرىنى چوقۇم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، بەزى بانكىلارنىڭ يەنە " ئادەم ئەخمەق قىلىدىغان"  قەرزنى ئالدىن تۆلەش رەسمىيەت ھەققى بار.


ئەسكەرتىش: ھېساباتنى مۇددەتكە بۆلۈشتىن بۇرۇن،  مۇددەتتىن بۇرۇن قەرز تۆلەش قاتارلىق ئىشلارنى ئېنىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئىلتىماس مۇددىتىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ۋە ئارتۇقچە رەسمىيەت ھەققى تۆلەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


 

ئىككىنچى، ئەڭ تۆۋەن سوممىدا قەرز تۆلىسىمۇ يەنىلا پۈتۈن سومما بويىچە ئۆسۈم تۆلەش


ئەمەلىيەت: زور مىقداردا ئىستېمال ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بىرلا ۋاقىتتا ھەممىنى قايتۇرۇشقا ئامال بولمىغاچقا ، نۇرغۇن كىشىلەر ئەڭ تۆۋەن سوممىدا قەرز قايتۇرۇشنى تاللايدۇ( ئادەتتە ئومۇمىي سوممىنىڭ 10%ى ) ، ۋە بۇ ئارقىلىق ناچار خاتىرە ساقلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لېكىن ئۆسۈمنى ھېسابلىغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆسۈمنىڭ ئىستېمال قىلغان شۇ كۈندىن باشلىنىپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنىڭ يوقلىقىنى ، شۇنداقلا پۈتۈن سومما بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىپ، ئاللىقاچان قايتۇرغان قىسمىمۇ بارلىق قەرز سوممىسى تولۇق قايتۇرۇلۇپ بولغىچە يەنىلا ئۆسۈم ھېسابلاش ئاساسىي سانى قىلىنىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. 10 مىڭ يۈەن ئونكول قىلىنغان بولسا، گەرچە  9900 يۈەننى قايتۇرۇپ بولغان بولسىمۇ ، ئۆسۈم ھېسابلىغان ۋاقىتتا يەنىلا 10مىڭ يۈەن بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈم يەنىلا "پايدا ئۈستىگە پايدا قوندۇرۇش " بويىچە ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: خىيال ناھايىتى گۈزەل بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەت  ئىنتايىن رەھىمسىز. ئەڭ تۆۋەن سوممىدا قەرز قايتۇرۇشنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن، يەنىلا ئەھۋالنى ئېنىق ئۇقۇشۇپ بېقىش كېرەك.

 

ئۈچىنچى، ئىناۋەت كارتىسىنى ئامانەت كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.


خاتا چۈشەنچە: يېڭىدىن ئىناۋەت كارتىسى بېجىرگەن نۇرغۇن كىشىلەر دائىم ئىناۋەت كارتىسىدا پۇل ساقلايدۇ، چۈنكى بۇ ئارقىلىق كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلغاندا  ئىنتېگرالغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتتا  بانكا ئوغرىلىقچە خۇشال بولۇۋاتقان بولىدۇ، چۈنكى زىيان تارتىدىغىنى  كارتا ئىگىسى بولىدۇ. جاڭ زې ئىككى يىل ئىلگىرى جاۋشاڭ بانكىسىنىڭ ئىناۋەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، كارتىغا 2000يۈەن ساقلىغان. لېكىن ئۇ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن 1000 يۈەن ئالغان ۋاقىتتا 10 يۈەن پۇل تۇتۇۋالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ بانكىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا ساقلىغان 2000 يۈەننىڭ ئۆسۈمى  يوق بولۇپلا قالماي، يەنە پۇل ئالغان ۋاقىتتا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ تۆلەش كېرەكلىكىنى ئۇققان.


ئەمەلىيەت : ھەرقايسى بانكىلارنىڭ پۇل ئالغان ۋاقىتتىكى رەسمىيەت ھەققى ئوخشىمايدۇ، بەزى بانكىلار پەقەت 1%نىلا ئالىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 10 يۈەن ئالىدۇ؛ بەزى بانكىلار 2.5% ئالىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 50 يۈەن ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش : ئىناۋەت كارتىسىدا پۇل ساقلىغاندا، " كىرىپ كەتكەن " پۇلنىڭ " قايتىپ چىقىشى " ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. شۇڭا بۇ خىل شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشىدىغان " ئەخمىقانە ئىش" نى ئاز قىلغان ياخشى .



تۆتىنچى، ئىناۋەت كارتىسىدىن نەق پۇل ئالغاندا ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ.


خاتا چۈشەنچە: نۇرغۇن كىشىلەر ئىناۋەت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىش ۋە كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلىش ئوخشاش، ئىككىلىسىدىلا ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.


مىسال: ياڭ تىڭ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭ شىن بانكىسىنىڭ ئىناۋەت كارتىسىدىن 10000يۈەن ئېلىپ ئىشلەتكەن. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ، ئۇ تور ئارقىلىق قەرز قايتۇرغان ۋاقىتتا 330 يۈەن ئارتۇق قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى بايقىغان، بۇ قانداق ئىش؟ كېيىن بانكا مۇلازىمەتچىسىگە تېلېفون قىلغاندىن كېيىن نەق پۇل ئېلىش ئۆسۈمى نەق پۇل ئالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىپ ، قايتۇرۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن  ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، كۈنلۈك ئۆسۈمنىڭ ئون مىڭدىن بەشى بويىچە ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭدىن باشقا 3% نەق پۇل ئېلىش رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدىغانلىقىنى  بىلگەن.  شۇنداق ھېسابلىغاندا      10000يۈەن ×0.05 ×6 كۈن (1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە)+10000يۈەن ×3% = 330 يۈەن


ئەمەلىيەت :  نۆۋەتتە ھەرقايسى بانكىلار مۇنداق بەلگىلىگەن: ئىناۋەت كارتىسىدىن نەق پۇل ئالغاندا ئۆسۈم تاپشۇرۇش كېرەك ، ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ، كۆپىنچە ئىناۋەت كارتىلىرىدا  ھەركۈننىڭ ئون مىڭدىن بەشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، يىللىق ئۆسۈمگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا %18تىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، كۆپىنچە ئىناۋەت كارتىلىرىدىن نەق پۇل ئالغاندا يەنە يۇقىرى سوممىلىق نەق پۇل ئېلىش رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك، ئاز ساندىكى ئىناۋەت كارتىلىرىدا رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: بانكىنىڭ ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنىڭ " پېيىگە چۈشكەن " بولسىڭىز، دوستلىرىڭىزدىن پۇل ئېلىپ، ئۇلارغا ئىناۋەت كارتىڭىزنى سۈركەپ ئىستېمال قىلىشقا ئارىيەت بېرىڭ.


 

بەشىنچى، مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەشتە  پايدا ئېلىش تەس، نۆۋەتتە ھەرقايسى بانكىلار ۋە كارخانىلار ئىناۋەت كارتىسىدا مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش كەسپىنى يولغا قويغان بولۇپ، كارتا ئىگىسى بازاردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندىن كېيىن ، بانكا بىلەن بىر قانچە قېتىمغا بۆلۈپ تۆلەشكە كېلىشسە، بانكا دېيىشكەن تۆلەم مۇددىتى ئىچىدە ئونكول قىلىش ئۆسۈمى ئالمايدۇ، بۇ قارىماققا ناھايىتى ياخشى ئىشتەك كۆرۈنىدۇ.


ئەمەلىيەت: بانكا ھەرگىزمۇ كارتا ئىگىسىگە پۇل ئارىيەت بېرىپ تۇرمايدۇ، بەلكى ئىناۋەت كارتىسىنىڭ ئونكول ئۆسۈمىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتكەن يېرى بار خالاس. كارتا ئىگىسى ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلغان مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش ئىلتىماسىنى بېجىرگەن ۋاقىتتا، بانكا ھەرئايدا بەلگىلىك رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ، بۇ ئادەتتە ئوخشاش دەرىجىدىكى قەرز ئېتىبار پايدىسىدىن يۇقىرىراق.


ئەسكەرتىش:    بىكارغا  مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ ، نۆل ئۆسۈمنىڭ ئارقىسىدىكى "قىلتاق" تىن ھەزەر ئەيلەڭ.

 

ئالتىنچى، ئىناۋەت كارتىسى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دەيدىغان گەپ يوق


يېتەكچى ئامىل:بەزى ئىناۋەت كارتىسى " مەخسۇس خېرىدارلىرى" بەزىدە كۆپ خىل تېمىدىكى ئىناۋەت كارتىلىرىنى بېجىرىشى  مۇمكىن، مەسىلەن ئاۋىئاتسىيە تېمىسى كارتىسى، ماشىنا تېمىسى كارتىسى، سودا بازىرى تېمىسى كارتىسى، مالىيە باشقۇرۇش تېمىسى كارتىسى، تاۋباۋ تېمىسى كارتىسى قاتارلىقلار.  بۇ ئارقىلىق ،ئوخشىمىغان ئىستېمال مەزگىلىدە ئىنتېگرالنى نەچچە ھەسسىلىگىلى بولىدۇ.


ئەمەلىيەت : ئىناۋەت كارتىسى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، كارتا ئىگىسى قايسى كارتىدا قانچىلىك ئىستېمال قىلغانلىقىنى ، تۆلەش مۇددىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ، نەتىجىدە قەرز تۆلەش كەينىگە سۆرىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئىنتېگرالمۇ ھەرقايسى كارتىلارغا چېچىلىپ كېتىپ، ئىش ئۆزى ئويلىغاندەك بولماي قېلىپ، ئىستېمالچىلار ئۆزىگە ئاز بولمىغان " مالىيە بېسىمى " تېپىۋالىدۇ.
ئەسكەرتىش: "قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى " دېگەننى ھەممە ئادەم جايىدا جايىدا باشقۇرالمايدۇ، ئىناۋەت كارتىسىنى كۆپ بېجىرىۋېلىپ ياخشى باشقۇرالمىسىڭىز، مەنپەئەت يۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ.


 

يەتتىنچى، ئەگەر قەرز تۆلەش ۋاقتىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ناچار خاتىرە ساقلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، ئىناۋەت كارتىسى بېجىرگەن ۋاقىتتا ، پۇل ئامانەت كارتىسى بېجىرگەن بانكىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئىناۋەت كارتىسى بىلەن پۇل ئامانەت كارتىسى باغلىنىشلىق بولۇپ، تۆلەم مۇددىتى توشقاندا ئاپتوماتىك ھالدا قايتۇرىلىدۇ، شۇنداقلا ھېچقانداق رەسمىيەت ھەققى كەتمەيدۇ. ياكى بانكا ئاتلاپ ھېسابات يۆتكىگەندە رەسمىيەت ھەققى ئالمايدىغان ئامانەت بانكا كارتىسى بېجىرىپ، بارلىق ئىناۋەت كارتىسىنى شۇنىڭغا باغلاپ قويسىڭىز، تۆلەم مۇددىتىدىن ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى تۆلەم مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بانكا ئاپتوماتىك ھالدا ئامانەت كارتىسىدىن پۇل تۇتۇپ قەرزنى قايتۇرىدۇ. پەقەت ئامانەت كارتىڭىزدا يېتەرلىك پۇل بولسىلا تۆلەم مۇددىتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: دوستىڭىزنىڭ ئورنىدا ئەسكەرتىپ قوياي، ئىناۋەت كارتىسى ئىشلىتىپ ئىستېمال قىلغاندا پەخەس بولۇڭ، ئەگەر ئامانەت كارتىڭىزدىكى پۇل تۆلەم تۆلەشكە يەتمىسە، بىر قېتىمدا پۈتۈن سوممىنى تۆلىيەلمىسىڭىز يەنىلا ئۆسۈم تۆلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

 

سەككىزىنچى، مەخپىي نومۇر ئىمزا قويۇشتىن بىخەتەر


ئەمەلىيەت : ئىناۋەت كارتىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا، كۆپچىلىك ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە ئېلىپ بارىدۇ. نۆۋەتتە ئىمزا قويۇشنى ئىناۋەت كارتىسى ئارقىلىق ئىستېمال قىلىشنىڭ ئىسپاتى قىلىش خەلقئارالىق كارخانىلاردا بىر قەدەر ئومۇملاشقان. لېكىن دۆلەت ئىچىدە ئەھۋال ئەكسىچە بولۇپ، مەخپىي نومۇر ئىمزا قويۇشتىن بىخەتەر.  خەلقئارالىق ئادەتكە ئاساسەن، ئىناۋەت كارتىسىدا ئىمزا ئىشلىتىش، ئىمزانى دەلىللەش قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى  تىجارەتچىلەردە بولۇپ، مەخپىي نومۇر ئىشلىتىش، مەخپىي نومۇرنى باشقۇرۇش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەر كارتا ئىگىسىدە. دۆلەت ئىچىدە ئىناۋەت كارتىسىنى باشقىلار ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋالمىسىلا،  ئاساسىي جەھەتتىن ھېچكىم ئىمزانى دەلىللەپ يۈرمەيدۇ، شۇڭا  ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى بىلەن ئىنتايىن چوڭ پەرقى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېخىمۇ بىخەتەر بولغىنى مەخپىي نومۇر ئىشلىتىش ۋە ئىمزا قويۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش شەكلىدۇر.


ئەسكەرتىش: چەت ئەلدىكى تەجرىبىڭىزنى قويۇپ تۇرۇڭ، يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس دەيدىغان گەپ بار. دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى مەخپىي نومۇر ۋە ئىمزادىن ئىبارەت ئەنئەنىۋىي قېلىپنى ئىشلىتىڭ.

 

توققۇزىنچى، نورمىدىن ئاشۇرۇپ كارتا سۈركەشنىڭ " چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ھەققى " بار


ئىناۋەت كارتىسىنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ھەققىنى نۇرغۇن كارتا ئىگىلىرى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن،لېكىن بۇ خىل ھەق ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت.
مىسال: ۋۇنەن كېيىنكى ئايدا بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرى سېتىۋالماقچى بولۇپ، بانكا مۇلازىمەتچىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئىناۋەت سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ قاتناش بانكا كارتىسىنىڭ ئەسلىدە 25 مىڭ يۈەنلىك چېكى بار بولۇپ،  55 مىڭ يۈەنلىك ئۆستۈرۈلدى. بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشقا 50مىڭ يۈەن سەرپ قىلدى. قەرز تۆلەيدىغان كۈنى، ۋۇنەن ئەڭ تۆۋەن سوممىدا قەرز تۆلەش تەجرىبىسى بويىچە 5000يۈەن(قەرز سوممىسىنىڭ 10%ى ) تاپشۇردى، لېكىن نەتىجىدە ئۇ بانكىنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ھەققى تۆلەش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى.



ئەمەلىيەت : چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ھەققى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، كارتا ئىگىسى چوقۇم  ۋاقىتلىق چەك ئاخىرلىشىش مۇددىتى ئىچىدە (ئادەتتە بىر ئاي) ، ئەسلى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى قايتۇرۇۋېتىش كېرەك، بولمىسا ئارتۇقچە چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىپ قالىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئىناۋەت كارتىسىنىڭ نورمىسىنى ۋاقىتلىق ئۆستۈرۈش بىزگە ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ،لېكىن بۇ نورمىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. قەرز قايتۇرۇشتىن بۇرۇن بانكىدىن ياخشى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشىمىز، ۋاقىتلىق نورمىنىڭ بىرنى " ئوڭدا قويۇشى " غا يول قويماسلىقىمىز لازىم.

 

ئونىنچى، ئىنتېگرال سىزنى بىكار خۇش قىلىپ قويۇشى مۇمكىن


يېتەكچى ئامىل: نۇرغۇن كىشىلەر ئىناۋەت كارتىسى سۈركەپ ئىستېمال قىلغاندا ئەڭ چوڭ ئېزىقتۇرۇش ئىنتېگرالنى سوۋغات بۇيۇمىغا ئالماشتۇرىدۇ، لېكىن سىز مەلۇم بىر بۇيۇم ئۈچۈن تىرىشىپ  كارتا سۈركەپ ئىنتېگرال يىغىۋاتقىنىڭىزدا، ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان ھالدا ئىنتېگرالىڭىزنىڭ تازىلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى بەزى بانكىلارنىڭ ئىناۋەت كارتىسىنىڭ ئىنتېگرالنىڭ قەرەلى بار بولۇپ، ئادەتتە ئىككى يىللىق قەرەلدىكىلەر بىر قەدەر كۆپ.
ئەمەلىيەت : ھازىر بارغانسېرى  كۆپ كارتا ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ ئىنتېگرال قىممىتىنىڭ بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتېگرالغا ئېرىشىشنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە نۇرغۇن بانكىلارنىڭ ئۆي ، ماشىنا سېتىۋېلىش قاتارلىق كۆپ سوممىلىق ئىستېمالنى ئىنتېگرال دائىرىسى سىرتىغا چىقىرىۋېتىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشماقتا. ئەمەلىيەتتە ئىناۋەت كارتىسىدا ئىنتېگرالنى سوۋغاتقا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە ،ئەڭ تېجەشلىك بولغان سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، جۇڭگو بانكىسىدىمۇ، 400 يۈەن سەرپ قىلىپ ئېرىشكەن ئىنتېگرالغا ئاران بىر يۈەن قىممىتىدىكى بۇيۇمغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەڭ پىخسىق بولغان گۇاڭدا بانكىسىدا 1310 يۈەن سەرپ قىلغاندا ئاندىن 1 يۈەن قىممىتىدىكى بۇيۇمغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: ئىناۋەت كارتىسى ئىنتېگرالى بارغانسېرى" ئىچەي دېسەم سېسىق ئېشىم، تۆكەي دېسەم ئېسىت ئېشىم" بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، ئەگەر ئىنتېگرالنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىدا ئىشلىتەلمىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئىناۋەت كارتىسىنى بۇرۇنراق تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى