كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق تۈرى
ۋاقتى: 2016-07-23
ئاۋاتلىقى: 479 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. ئىچكى كۆلەملىك ئىقتىساد. بىر ئىقتىسادى ئەمەلىي گەۋدىنىڭ كۆلەملىك ئۆزگىرىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمى كەلتۈرۈپ چىقارغان پايدىنىڭ ئېشىشىنى كۆرسىتىدۇ؛
2. تاشقى كۆلەملىك ئىقتىساد. پۈتۈن كارخانا (ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى) كۆلەملىك ئۆزگىرىش جەريانىدا بەزى ئىقتىسادى ئەمەلىي گەۋدىنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: كەسىپنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتكەندىن كېيىن، پۈتكۈل كەسىپتىكى بارلىق شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنى مۇناسىپ ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرىدۇ.
3. قۇرۇلما كۆلەملىك ئىقتىساد. ھەرخىل ئوخشىمىغان كۆلەملىك ئىقتىسادى گەۋدىسى ئارىسىدىكى باغلىنىش ۋە تەڭشەش نىسبىتىدە بەلگىلىك كۆلەملىك ئىقتىسادنى شەكىللەندۈرىدۇ: كارخانا كۆلەم قۇرۇلمىسى، ئىقتىسادى بىرىكمە قۇرۇلمىسى، شەھەر-يېزا كۆلەم قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار.