ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بۈيۈك تەدبىرنىڭ 6 ئاساسىي ئۇلى: ئۇچۇر مەنبەسىگە بىۋاسىتە بېرىش

بۈيۈك تەدبىرنىڭ 6 ئاساسىي ئۇلى: ئۇچۇر مەنبەسىگە بىۋاسىتە بېرىش

ۋاقتى: 2016-03-21 ئاۋاتلىقى: 491 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەقىللىق رەھبەرلەر 6 چوڭ پىرىنسىپنى ئاساسىي ئۇل قىلىپ، كارخانا ئۈچۈن توختىماي پايدىلىق تەدبىرلەرنى بەلگىلەپ چىقىدۇ. ھەر قايسى باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇ 6 چوڭ تەدبىر بەلگىلەش پىرىنسىپىنى بىلىشى كېرەك. ئۇلار بولسا: ئۇچۇر مەنبەسىگە بىۋاسىتە بېرىش، تالاش-تارتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، تەۋەككۈل قىلىشتىن قورقۇشنى يېڭىش، گۈزەل ئارزۇنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈش، مەقسەتلىك زېھىن قويۇپ ئاڭلاش، ھەممە ئوچۇق- ئاشكارا بولۇش. مانا مۇشۇ پىرىنسىپلار ھەر قايسى تارماق، ھەر قايسى ساھەلەردىن كەلگەن رەھبەرلەرنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىغا يول كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
بۈيۈك تەدبىرنى بەلگىلەپ چىقىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. لېكىن، كارخانا تۈزۈپ چىققان تۈرلۈك تەدبىرلەر ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپەقىيىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. %80  يېڭى مەھسۇلات بازارغا يۈزلەنگەندىن كېيىن مەغلۇب بولدى، %30 لىك سېتىۋېلىپ بىرلەشتۈرۈش لايىھەسىنىڭ پايدىسى ئۇ ۋەيران قىلغان قىممەتتىنمۇ ئاز بولدى. مانا بۇ ئەمەلىيەتلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەدبىرنىڭ بەلگىلىنىپ چىقىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى ناھايىتى مۈشكۈلدۇر.
خابېرد (GLENNHUBBARD)ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇشتىن بۇرۇن مۇنداق دېگەن: نوپۇزلۇق سودا ئىنىستىتۇتى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئاۋۋال تەدبىر بەلگىلەش جەريانىنى ئوبدان چۈشۈنىشى كېرەك، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. "مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم شۇكى،MBA نى ئوقۇغۇسى بار ئوقۇغۇچىلار گەرچە نۇرغۇنلىغان باشقۇرۇش ماھارىتى ۋە تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما پۇرسەتنى قانداق پەرق ئېتىش ۋە ياكى قانداق قىلىپ كۆپلىگەن زاپاس لايىھەلەر ئىچىدىن ياخشىسىنى تاللاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۈشۈنۈپ بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىرى جىق ئەمەس. لېكىن دەل مۇشۇ مەسىلىلەر سىزنىڭ سودىگەر بولۇشتىكى تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن."
ھەقىقىي ئۇتۇق قازانغان سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەر قانداق قىلىپ شۇنچە قىيىن بولغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقالىغان؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ بەزىبىر ئاساسىي نەرسىلەردىن ئايرىلالمايدۇ.
بىرىنچى، ئۇچۇر مەنبەسىگە بىۋاسىتە بېرىش
ئۇچۇر مەنبەسىگە بىۋاسىتە بېرىش سىزنىڭ كەڭ كۆلەملىك دائېرە ئىچىدىن ئۇچۇر ئىزدىشىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر ناھايىتى مۈشكۈل خىزمەت بولۇپ، سىزدىن كۆپ ۋاقىت، قان-تەر ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى تەلەپ قىلىدۇ.
سىز خىزمەت ۋاقتىڭىزنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى بۇ ۋەزىپىگە سەرپ قىلدىڭىزمۇ؟ جورج (BILLGEORGE)مەدچونىك (MEDTRONIC)(پۈتۈن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش پەن-تېخنىكا شىركىتى)نىڭ CEO لىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا شۇنداق قىلغان.
EMC شىركىتىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە CEO سى رۇت گېرىس (MIKE RUETTGERS)خېرىدارلار سانلىق مەلۇماتىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىگە يىلدا 400 قېتىم بارغاچقا، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك بولغان،EMC  شىركىتىنىڭ تەقدىرىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن يېڭى بىر مەھسۇلاتنى بايقاپ چىققان. سىزمۇ سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىگە بىر يىلدا 400 قېتىم بېرىپ باققانمۇ؟
ستارباكس (Starbucks دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان قەھۋە شىركىتى)نىڭ سابىق CEOسى سېمىس (ORIN SMITH)پۈتۈن دۇنيادا ساياھەت قىلغاچ، شىركەتنىڭ قەھۋە دۇكانلىرىنىڭ قانداق قىلغاندا پۈتۈنلەي باشقىچە مۇھىتتا مەۋجۇت بولالايدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى زېلاندىيە ئەتراپىدا بېيىش پۇرسىتىنى بايقىدى.
بۇ ئۈچ داڭلىق CEOنىڭ دەسلەپكى ئۇچۇر مەنبەسىنى تېپىپ چىقىشقا قايناق ھېسسىياتى بولۇپ، ئۇلار ھېچقانداق CEO بېرىپ باقمىغان يەرلەرگە بېرىپ، باشقا CEO لار ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. ئۇلار ئەستايىدىللىق بىلەن سوئال سوراپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن جاۋابىنى ئاڭلىغان. ئۇلار ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇرغا ئېرىشىپلا قالماي، سۈرئىتى باشقىلارنىڭكىدىن تېز بولغان.
جورج مەدچونىك شىركىتىنىڭ CEO لىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان دەسلەپكى 90 كۈندە، داۋاملىق ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدە تۇرۇپ، شىركەت مەھسۇلاتىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشۈنىشكە تىرىشقان. بىر كۈنى ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدە، باش ئوپېراتسىيىچى مەدچونىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىر تال خالتىلىق ئۆتكۈزۈش نەيچىسىنى بىمارنىڭ ئارتېرىيە تومۇرىغا كىرگۈزگەندە، بۇ نەيچە تۇيۇقسىز يېرىلىپ كېتىدۇ. دوختۇر ئامالسىزلىقتىن نەيچىنىڭ بىمارنىڭ تومۇرىغا كىرگۈزۈلۈپ بولغان قىسمىنى ئېھتىيات بىلەن چىقىرىۋالىدۇ-دە، بۇ قان بولۇپ كەتكەن نەيچىنى جورجغا قارىتىپ ئاتىدۇ. ياخشى يېرى، جورج ئىتتىكلىك بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، نەيچىنىڭ يۈزىگە تېگىشىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئوپېراتسىيەنىڭ داۋامى مەدچونىك شىركىتىنىڭ رىقابەت رەقىبىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىدۇ.
جورج ئەسلىدىلا شىركەتنىڭ نەيچە سېتىش ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. شىركەت بۇ مەھسۇلاتنىڭ بازاردا سېتىلىش قىممىتىنى يوقىتىۋاتغاندا، ساتقۇچىلارمۇ مەھسۇلات سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقىدىن توختىماي ئاغرىنىۋاتاتتى. ئەمما، پەقەت لايىھەلىگۈچىلا مەھسۇلات سۈپىتىگە شەكسىز ئىشىنەتتى. 
ئۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدىكى ۋەقە جورجنى ئىككى يەكۈنگە ئىگە قىلدى. بىرىنجى، نەيچىنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقى ئېنىق. ئۇ مەسىلە چىققان نەق مەيداننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. "سىز ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدەك ھەقىقىي بىر داۋالاش مۇھىتىدا تۇرغاندا، سىزنىڭ ھەر قايسى سەزگۈلىرىڭىز—— كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى، پۇراش سېزىمى، تېتىش سېزىمى قاتارلىقلار تەڭ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ نەق مەيدان دوكىلاتىنى ئوقۇغان بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىش. " بۇ ئۇنىڭ تەسىراتى.
ئىككىنچى، مەدچونىكنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشىدا نۇقسان بار، بار بولغاندىمۇ ناھايىتى خەتەرلىك نۇقسان. "خىزمەتچىلەر مەھسۇلاتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ، لايىھەلىگۈچى بولسا بۇ يېتەرسىزلىكنى تۈزىتىشنى رەت قىلىدۇ."
ئۇ تېزلىك بىلەن سېتىش گۇرۇپپىسىنى قايتا تەشكىللەپ، ساتقۇچىلارنى لايىھەلەش، سۈپەت تەكشۈرۈش قاتارلىق باسقۇچلار بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھالدا ئۇچراشتۇردى. ئۇ يەنە لايىھەلىگۈچىلەرنى ئايدا ئاز دېگەندە بىر كۈن ئوپېراتسىيە ئۆيىدە تۇرۇپ، ئۆزلىرى لايىھەلىگەن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ قانداق ئىشلىتىلىشىنى كۆزىتىشكە بۇيرۇدى. 
ئۇچۇر مەنبەسىگە بىۋاسىتە بېرىش پىرىنسىپىنىڭ تەلەپلىرى:
1) بۇ پىرىنسىپنى كۈندىلىك خىزمەتنىڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئىچىدىن چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇچۇر مەنبەسىگە بېۋاسىتە بېرىش كېرەك.
2) ئىشخانىدا "سەيلە قىلىش" ئارقىلىق، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدىغان خىزمەتچىلەر بىلەن كۆپ بىللە تۇرۇش كېرەك.
3) مۇقىم بولغان ئۇچۇر مەنبەسىنى ئېچىش، مۇقىم بولغان ئالاقىچىلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
4) ھېسداشلىق قىلىشقا يەنى ئۆزىڭىزنى شۇ "مەنبە" نىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۇنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىشقا ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك.

داۋامى بار...

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى