ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كەسپى ئورۇنلار بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمى قوللانغان خىزمەتچىلىرىگە «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىلىرى تەدبىقلىنامدۇ؟

كەسپى ئورۇنلار بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمى قوللانغان خىزمەتچىلىرىگە «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىلىرى تەدبىقلىنامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 482 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كەسپى ئورۇنلار بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمى قوللانغان خىزمەتچىلىرىگە «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىلىرى تەدبىقلىنامدۇ؟


جاۋاب: لاۋجياڭ مەلۇم كەسپى ئورۇننىڭ تەكلىك قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمىدىكى خىزمەتچى خادىمى، توختامنى يىلدا بىر تۈزىدۇ. بۇ يىل 9-ئايدا، ئۇ بۇ كەسپى ئورۇندا 3 يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئىدارىسى ئۇنىڭغا ئۇنى ئەمدى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇنى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىش رەسمىيىتى بىجىرىشكە بۇيرۇيدۇ. لاۋجياڭ داۋاملىق تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشنى ياكى ئىدارىسىنىڭ تولۇقلىما پۇل تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىدارىسى قوشۇلمايدۇ.


لاۋجياڭ مۇنداق سورىدى: ئۇنىڭدەك كەسپى ئورۇندا ئىشلىگەن خىزمەتچىلەرگە «ئەمگەك توختام قانۇنى» تەدبىقلىنامدۇ؟


«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 96-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كەسپى ئورۇنلار بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمى قوللانغان خىزمەتچىلەر ئەمگەك توختامى تۈزسە، ئىجرا قىلسا، ئۆزگەرتسە، بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا، قانۇن، مەمۇرى نىزام ياكى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن؛ بەلگىلىمە بولمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، لاۋجياڭدەك بۇنداق كەسپى ئورۇننىڭ تەكلىپلىك خىزمەتچىلىرىگە بۇ قانۇن تەدبىقلىنىدۇ.


«ئەمگەك توختام قانۇنى»يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، توختامنىڭ ۋاقتى توشۇپ ئىككى تەرەپ داۋاملىق توختام تۈزمىگەن بولسا، ئەمگەك توختامى ئاخىرلىشاتتى، كەسپى ئورۇن ئىقتىسادىي تولۇقلىما تۆلىمىسە بولاتتى. شۇڭا لاۋجياڭ ئىقتىسادىي تولۇقلىما تەلەپ قىلالمايتتى.


لېكىن «ئەمگەك توختام قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، توختامنىڭ ۋاقتى توشۇپ ئەمگەك توختامىنىڭ ئاخىرلىشىشى كېلىپ چىققاچقا، ئىدارە ئەمگەك توختام مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ داۋاملىق توختام تۈزمىسە، ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى