ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەك توختامى ئىمزالاشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەك توختامى ئىمزالاشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بارغانچە زور رول ئوينايدۇ.
«ئەمگەك توختام قانۇنى»دا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانا ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىشىپ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماشلاشتۇرىدىغان مۇكەممەل ئۈچ تەرەپ مېخانىزمى قۇرۇپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى تۈزۈشىگە ۋە ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىشىغا ياردەم بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن كوللېكتىپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇپ، ئەمگەكچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.