ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(2)

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(2)

ۋاقتى: 2016-03-05 ئاۋاتلىقى: 498 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(1)» بۇ يەردە!

 

 مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(2)

 

3.. گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەسىس قىلغان ساھەلەرگە مەسئۇل ئالاقىدار تارماقلار. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەرگەن خىزمەت ھوقۇقلىرىغا ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونلىرى، ئۆز ساھەلىرىنى مەھسۇلات سۈپىتىنى مەمۇرىي جەھەتتىن نازارەت قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت خاراكتېرلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت.


2. مەھسۇلات سۈپىتىنى ماكرولۇق باشقۇرۇش


1. كارخانىلارنىڭ سۈپەت سىستېمىسىغا گۇۋاھلىق بېرىش تۈزۈمى


كارخانىلارنىڭ سۈپەت سىستېمىسىغا گۇۋاھلىق بېرىش تۈزۈمى گوۋۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى بۇ تارماقلار ھوقۇق بەرگەن ئورۇنلار ئېتىراپ قىلغان گۇۋاھلىق بېرىش ئاپپاراتلىرى خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان «سۈپەت باشقۇرۇش ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش»تەك چاتما ئۆلچەمگە ئاساسەن، كارخانىلارنىڭ سۈپەت سىتېمىسى ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، لاياقەتلىك بولغانلىرىغا كارخانا سۈپەت سىستېمىسى گۇۋاھلىق بېرىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.


خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان «سۈپەت باشقۇرۇش ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش» ئۆلچىمى، خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى (ISO) 1987-يىلى 3-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلغان ISO9000 خەلقئارالىق ئۆلچەمنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئۆلچەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى جەۋھەرلىرى قوبۇل قىلىنىپ، سۈپەت ئاتالغۇسى ئۇقۇمى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، دۇنيادىكى سانائىتى تەرەققى تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سۈپەت باشقۇرۇشتىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەمدە راۋاجلاندۇرۇلغان. ھازىر، دۇنيادا 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىردەك ياكى ئۈنۈملۈك ھالدا بۇ چاتما ئۆلچەمنى قوللىنىۋاتىدۇ، بۇ تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى تەستىقلاتقان كارخانا 400 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سېتىۋالغۇچىلار بارغانسېرى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ISO900 سۈپەت ئۆلچىمىنى ھازىرلىغان- ھازىرلىمىغانلىقىنى مەھسۇلات سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلماقتا. بۇ چاتما ئۆلچەمنى قوللىنىش خەلقئارادا بىردەك خەلقئارا بازارغا كىرىشىنىڭ «يول خېتى» دەپ قارالماقتا.


دۆلەت تېخنىكىغا نازارەت قىلىش ئىدارىسى 1992-يىلى 5-ئايدا ISO900 نى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى ISO9000-GB/T19000 بىلەن بىللە قوللىنىشنى قارار قىلدى. تەڭ قوللىنىلىدىغان دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ تېخنىكا مەزمۇنى ISO900 بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش، يېزىلىش ئۇسۇلىمۇ تامامەن بىردەك.



كارخانىنىڭ سۈپەت سىستېمىسىغا گۇۋاھلىق بېرىش توختام بولۇش شەرتى ئاستىدا، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش، ئېھتىياجلىق تەرەپكە سۈپەت كاپالىتى بېرىش، كارخانىنىڭ بازاردىكى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ توختام بولمىغان ئەھۋالدا، كارخانىنىڭ  ئىچكى قىسمىدىكى سۈپەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت فاڭجېنى ۋە سۈپەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مەقسەت قىلىدۇ.


كارخانىنىڭ سۈپەت سىستېمىسىغا گۇۋاھلىق بېرىش پرىنسىپى شۇكى، كارخانىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دۆلەت رۇخسەت قىلغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئاپپاراتلارغا كارخانىنىڭ سۈپەت سىستېمىسىغا گۇۋاھلىق بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، لاياقەتلىك ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىلگەندىن كېيىن، گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئاپپاراتلار كارخانىنىڭ سۈپەت سىستېمىسىغا گۇۋاھلىق بېرىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ.


دۆلىتىمىزنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى(ISO)نىڭ لاياقەتلىكلەرنى باھالاش كومېتىتى(CASCO) ئېلان قىلغان ئالاقىدار قىبلىنەمىگە ئاساسەن ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكىتىمىزدە سۈپەت سىستېمىسىغا گۇۋاھلىق بېرىشنى قانات يايدۇرۇشقا دائىر يولغا قويۇش تەپسىلى پرىنسىپى ۋە مۇناسىپ يۈرۈشلەشكەن باشقۇرۇش چارىلىرىنى تۈزۈپ چىقتى، ھازىرغا قەدەر شاڭخەي سۈپەت سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەركىزى ئالتە مۇستەقىل 3-تەرەپ سۈپەت سىستېمىسىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئاپپاراتىغا ئىجازەت بېرىلدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىكسپورت تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ سۈپەت سىستېمىسى (ISO9000) خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق خۇاشىن تېخنىكا تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق سەككىز ئاپپارات سۈپەت سىستېمىسىنى باھالاش سالاھىيىتىگە تۇنجى تۈركۈمدە ئېرىشىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئېكسپورت تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلاردا ISO9000 بويىچە سۈپەت باھالاشنى قانات يايدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. ھازىر سۈپەتكە گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر تۈركۈم خادىملار دۆلەتلىك تىزىمغا ئېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
-------------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى