ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارە پەقەت بىر يىللىقلا ئەمگەك توختامى تۈزسە، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئۈچ ئاي بولسا بولامدۇ؟

ئىدارە پەقەت بىر يىللىقلا ئەمگەك توختامى تۈزسە، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئۈچ ئاي بولسا بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2015-10-27 ئاۋاتلىقى: 436 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئىدارە پەقەت بىر يىللىقلا ئەمگەك توختامى تۈزسە، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئۈچ ئاي بولسا بولامدۇ؟

 

جاۋاب: بۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر ئىدارە پەقەت بىر يىللىقلا ئەمگەك توختامى تۈزسە، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئوخشاش بولمىسا، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ:

 

ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئۈچ ئايدىن ئۇزۇن بىر يىلدىن قىسقا بولسا، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مەۇددىتى بىر ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى بىر يىلدىن ئۇزۇن ئۈچ يىلدىن قىسقا بولسا، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ ئۈچ يىلدىن يۇقىرى مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ياكى مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

 

«ئەمگەك توختام قانۇنى» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بىر ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئوخشاش بىر ئەمگەكچى بىلەن پەقەت بىر قېتىملىقلا سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتىگە كېلىشسە بولىدۇ دەپ بەلگىلىگەن. يەنە كېلىپ مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى مۇددەت قىلغان ئەمگەك توختامىدا، ئەمگەك توختامى ياكى ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئۈچ ئايغا توشمىسا، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى بەلگىلەشكە بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى