ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش --- ئىشخانا ئەسلىھەلىرى سېتىۋېلىش (12)

ئىگىلىك تىكلەش --- ئىشخانا ئەسلىھەلىرى سېتىۋېلىش (12)

ۋاقتى: 2016-09-15 ئاۋاتلىقى: 716 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىركەت ئېچىلىپ، كەسىپ باشلانغاندىن كېيىن، خىزمەتچى ئاستا ئاستا كۆپىيىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم ئىشخانا ئەسلىھەلىرى كېرەكلىك بولىدۇ.
ئادەتتە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز، شىركەت ئىش باشلاپ ئۈچتىن بەشكىچە توختامغا ئىگە بولغان باسقۇچتا، ئىشخانا ئەسلىھەلىرىگە بولغان تەلەپ ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، قانچە تۆۋەن بولسا شۇنچە ياخشى، پۇلىنى قانچە تېجىسە شۇنچە ياخشى، ھەقىقى نەق پۇلغا ئېرىشكەندە ئاندىن بېزەشنى باشلىسا بولىدۇ.
ئەگەر ئۆي ئىجارە ئېلىنغان بولسىمۇ لېكىن كېرەكلىك بولغان ئەسلىھەلەرنى چوقۇم سېتىۋېلىش كېرەك.
ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى قەيەردىن سېتىۋالىمىز؟
بىرىنچىسى ئۆي جاھازا شەھەرچىسى، بۇ يەردە بەكلا قىممەت، تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
ئىككىنچىسى كومپيۇتېر دۇنياسى مەيدانى، ھەرخىل بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى بار، باھاسى ئەرزان، شۇنداقلا ئىشىكىگىچە ئېلىپ كېلىدۇ، مۇشۇ يەردىن سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئۈچىنچىدىن نىمكەش ئەسلىھەلەرنى يىغىپ سېتىش ئورنى، ئەتراپىڭىزدىكى يىغىپ سېتىش شىركىتىگە بېرىپ قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ، سۈپىتى خېلىلا ياخشى بولغان، بۇزۇلۇپ كەتمىگەن، ئوخشاشلا ئىشلەتكىلى بولدىغان بىراق باھاسى ئەزان بولغان جاھازىلارنى تاپقىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ يەردە يەنە باھا چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئوخشاش بولغان جاھازىلارنىڭ بازار باھاسىنى بىلىشمۇ ناھايىتى مۇھىم.
تۆۋەندە مەن كومپيۇتېر دۇنياسى مەيدانىدىكى جاھازىلارنىڭ باھاسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
بىرىنچىسى خىزمەت ئۈستىلى، بۇنى كۆپچىلىك جىق ئۇچراتقان، بۇ كومپيۇتېر ئۈستىلى ئىككى خىل ئۇسلۇبتا بولۇپ، توردىكى رەسىمگە قارىساق تۆۋەندىكىدەك:
بۇ خىلدىكى كومپيۇتېر خىزمەت ئۈستىلىنىڭ تۈرى كۆپ بىراق شەكلى ئاساسەن مۇشۇنداق، شەكلىنى تاللىغاندا كومپيۇتېر ئاساسى ماشىنىسىنى قويىدىغان جايغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇنىڭ ئورنىدا تارتما بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ھازىر خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىلىشى بارغانسېرى كۆپ بولماقتا، ئاستىغا كومپيۇتېر ئاساسى ماشىنىسى قويىدىغان بوشلۇقى بار ئۈستەلنى تاللىغاندا بوشلۇق ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.
#p#
ئىككىنچىدىن مۇشۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوتتۇرىدا بوشلۇق بارنى تاللاش كېرەك، ئىلگىرىكى كومپيۇتېر ئۈستىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر توغرا تاختاي بولۇپ پۇتنى سۇنغىلى بولماي كىشىنى بىئارام قىلىدۇ.
مۇشۇنداق كومپيۇتېر ئۈستىلىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئاددى بولغانلىرى 100 يۈەن، ئەگەر رەسىمدىكىنىڭ ئۆزى بولسا 200 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن چوڭ كۆركەم بولغان خوجايىن ئۈستىلى بولسا 300 نەچچە يۈەن بولىدۇ، يەنە 500 نەچچە يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغانلىرىمۇ بار، شەكلى تۆۋەندىكىدەك بولغان خوجايىن ئۈستىلىنى كومپيۇتېر شەھەرچىسىدىن 500 يۈەنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇ:
ئەلۋەتتە شىركەتنى ناھايىتى مۇنتىزىم كۆرسىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىرلەشكەن خىزمەت ئۈستىلى سېتىۋېلىشنى ئويلاشسا بولىدۇ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
مۇشۇ دەل بىرلەشكەن خىزمەت ئۈستىلى، ھەر خىل گۇرۇپپا ۋە ھەر خىل رەڭدىكىسى بار. بۇ رەسىمدىكى شەكىل ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، تۆت ئادەم يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ.
#p#
بۇ خىل ئۇسلۇبتىكى چوڭ ئۈستەلنى ئىش باشلىغاندىلا ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئورۇن ئىگىلەش يۈزى چوڭ، بىر ئادەم ئاز بولغاندىمۇ 4 كىۋادرات مېتىر ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. مەيلى قايسى خىل ئۇسلۇبتىكى قوشما ئۈستەل بولسۇن، بىرىنچىدىن كۆركەم بولۇشنى قوغلاشماسلىق، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى يوق، ئەرزان بولۇش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئوخشاشلا چىداملىق؛ ئىككىنچىدىن ئادەم ئاز بولغاندا ھازىرقى كۆلەمدە يەنە ئىككى ئورۇننى كۆپەيتكىلى بولىدۇ، بۇ گۇرۇپپىلاشقا ئاسان بولىدۇ.
#p#
بىرلەشكەن ئۇسلۇبتىكى ئۈستەلنى سېتىۋالغاندا ئوخشاش بولمىغان ئورۇنغا قاراپ يەككە باھا ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئۇلانما تاختا (ئۇزۇنلۇقىغا قارىلىدۇ، ئادەتتە 300_100 ھەممىسى بار، ئۆلچىمى ۋە ماتېرىيالىغا قارىلىدۇ)، خىزمەت ئۈستىلى يۈزى (ئادەتتە بىرسى 100 يۈەن بولىدۇ، L شەكىلدىكى قىممەت بولۇپ، ئەمدىلا ئىش باشلىغاندا تاللاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ)، كومپيۇتېر تاختا تارتمىسى(ئەڭ ياخشىسى تاللىماڭ، ھەق ئېلىنىدۇ)، خىزمەت تارتمىسى (بىرسى 50) رەڭگىنى ئۆزى تەلەپكە ئاساسەن تاللىسا بولىدۇ، ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە بولىدۇ، مال يەتكۈزۈلىدۇ.
خىزمەت ئۈستىلى بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئورۇندۇق سېتىۋېلىش كېرەك، شەخسىي پىكىرىم چاقى بار ۋە يۇقىرى تۆۋەن تەڭشىگىلى بولىدىغان ئورۇندۇقنى تاللىماڭ، قىممەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل خەجلەپ ناھايىتى ياخشى بولغاننى تاللىمىسڭىز، چاق ۋە يۇقىرى تۆۋەن تەڭشەش قۇرۇلمىسى ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. ئادەتتە ئورۇندۇق بەك ئەرزان بولسا بولمايدۇ، 60 يۈەن ئەتراپىدىكىسى ئولتۇرغاندا كىشىنى بىئارام قىلىدۇ، 80 يۈەن ئەتراپىدىكىنى تاللاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، چوقۇم ئۆزى كۆپ قېتىم ئولتۇرۇپ سىناپ بېقىپ، راھەت بولغاننى سېتىۋېلىش كېرەك، مېنىڭ قارىشىم چوقۇم ياخشى ئورۇندۇقنى ئېلىڭ، ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرىدىغان ئادەم، يەنىلا ئولتۇرسا راھەت تۇرىدىغان ئورۇندۇقنى ئالغىنى ياخشى.
بۇنىڭدىن باشقا ئەڭ ياخشىسى باشقا ئەسلىھەلەرنى ئالغان شىركەتتىن بىراقلا سېتىۋېلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا مال بىللە يەتكۈزۈلىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا بىر نەچچە ئورۇندۇقنى ئايرىم يەتكۈزۈپ بەرمەيدۇ، يەنە ئايرىم چىقىم قىلىدىغان ئىش، پايدىسىز.
ئەگەر سىز خوجايىن ئۈستىلى ئالغان بولسىڭىز، ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ خوجايىن ئورۇندۇقى ئېلىش كېرەكمۇ قانداق؟ كۆپلىگەن كىشى خوجايىن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان تۇيغۇغا ئامراق بولىدۇ، مېنىڭچە پۇل خەجلەپ 300 يۈەنگە بىر ئورۇندۇق ئېلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، بۇ بىر ئىگىلىك تىكلەۋاتقان شىركەت، نېمە خوجايىن ئۇ؟ بىراق بۇمۇ بىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشمۇ ئاسان ئەمەس، بۇ بىر تەسەللىي خالاس.
#p#
يەنە يىغىن ئۈستىلى سەپلەش كېرەك، يىغىن ئاچقاندا تېخىمۇ رەسمىي كۆرۈنىدۇ.
مەن تۆۋەندىكىدەك يىغىن ئۈستىلىنى تەۋسىيە قىلىمەن، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرستىلگەندەك:
ئۇزۇن قىسقىلىقىنى تەڭشىسە بولىدۇ، ئىش بولسا يىغىن ئاچسا، ئىش يوق چاغدا ئۆزگەرتىپ خىزمەتچى ئۈستىلى قىلسا بولىدۇ، بۇ يېڭى خىزمەت ئۈستىلىنى سېتىۋالىدىغاندا تەننەرخى تېجەپ قالىدۇ. بۇنداق يىغىن ئۈستىلى كومپيۇتېر شەھەرچىسىدە 2*1.8 مېتىر بولغىنىنىڭ باھاسى 700 يۈەن ئەتراپىدا، شەكلى ناھايىتى كۆپ.
يەنە سىرتى تۆمۈر بولغان ماتېرىيال ئۈستىلىنى سېتىۋېلىپ، مۇھىم ماتېرىيالنى قويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنداق ئشىكاپتىن بىرسى بولسا يېتەرلىك، ئەگەر باشتا ماتېرىيال كۆپ بولمىغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەت ئۈستىلىدىكى ئىشكاپىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنچە كۆپ مەبلەغ سېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئىچىملىك سۇ ماشىنىسى، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، توك ئوچاق، قەھۋە ماشىنىسى قاتارلىق كىچىك ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى ماس ھالدا بىرلەشتۈرگەندە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ تەننەرخىنى تېجىگىلى بولىدۇ. بەزىدە يەنە خىزمەت مۇھىت رازىمەنلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، بىراق ھەممىنى يىغىنچاقلىساق، شىركەت ئەمدىلا قۇرۇلغاندا، بىر كۆزگە كۆرۈنەرلىك شىركەت قىلىپ چىقىشنى ئويلايسىز، بىراق كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر شىركەتنىڭ بىردىن بىر ئۆلچىمى بولسا: ئۇنىڭ پۇل تاپىدىغان ياكى تاپالمايدىغانلىقدا، ھەرگىزمۇ بىزىلىشىنىڭ كۆركەم بولۇشى ۋە قانچە پۇل خەجلىگەنلىكىدە ئەمەس.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى