ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىلقۇت تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلەر

ئىلقۇت تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلەر

ۋاقتى: 2016-03-01 ئاۋاتلىقى: 633 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۈرۈمچى پەرىشتە تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سىز ئۈچۈن تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلىرى

بىرىنچى، تور بېكەت ياساپ بېرىش
سىز پەقەت تەلىپىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىزلا، كۆڭلىڭىزدىكىدەك تور بېكەت ياساپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. 
ياسالماقچى بولغان تور بېكەتلەرنىڭ قۇرۇلما لايىھەسى (بەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى)، كۆرۈنمە لايىھەسى (UI) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى بىر قوللۇق ئۆزىمىز قىلىپ، سىز رازى بولغۇدەك بېكەت ياساپ بېرىشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. 
بېكەتنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى، يانفون تور نۇسخىسى، يانفون تېرمىنالى (ئەپ) قاتارلىق بىر يۈرۈش سىستېمىلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىڭىزدىكىدەك ياساپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز ۋە تور بېكىتىڭىزنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.
بىز ھازىرغىچە ياساپ چىققان بېكەتلەر: 
1. ئىلقۇت كارخانىچىلار تور بېكىتى
ئادرېسى: www.ilqut.com
يانفون تور نەشرى: www.ilqut.com/m
يانفون ئەپ نۇسخىسى: www.ilqut.com/m.apk
2. پەرىشتە ئانا-بالا ساغلاملىق تورى
ئادرېسى: www.anabala.com
يانفون تور نەشرى: m.anabala.com
يانفون ئەپ نۇسخىسى: www.anabala.com/m.apk
3. يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئۇيغۇرچە ئورگان تور بېكىتى
ئادرېسى: www.pidayi.org
يانفون تور نەشرى: www.pidayi.org/m
4. تېببىي جەۋھەر تور بېكىتى
ئادرېسى: www.tibbiyjawhar.com

ئىككىنچى، ئەپ ياساپ بېرىش
ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىر IT ساھەسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى PC دىن كۆچمە ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ ھەم بۇ مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى بېكەتلەرنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەر نۇسخىسىنى ئىشلىمەسلىك پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقتۇر. 
شۇڭا ئەگەر سىز بېكىتىڭىزگە يانفون تور نەشرى (web نەشرى) ۋە يانفون ئەپ نەشرى (تېرمىنال)نى ياساتماقچى بولسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، بېكىتىڭىزنىڭ ھەر قانداق يانفوندا نورمال كۆرۈنۈش (خەت نۇسخىسى قاچىلاش ھاجەتسىز) ئىشقا ئاشۇرۇلغان كۆڭۈلدىكىدەك كۆچمە نەشرىنى ياساپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
تۆۋەندىكى يانفون تور نەشرى ۋە يانفون ئەپلىرىنى خالىغانچە كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
1. ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى:
يانفون تور نەشرى: www.ilqut.com/m
يانفون ئەپ نۇسخىسى: www.ilqut.com/m.apk
2. پەرىشتە ئانا-بالا ساغلاملىق تورى
يانفون تور نەشرى: m.anabala.com
يانفون ئەپ نۇسخىسى: www.anabala.com/m.apk
3. «ئىزدەش» يانفون ئىزدەش ماتورى
ئەپ چۈشۈرۈش ئادرېسى: www.ilqut.com/izdax.apk
4. يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئۇيغۇرچە ئورگان تور بېكىتى
يانفون تور نەشرى: www.pidayi.org/m

ئۈچىنچى، تەرجىمىچىلىك مۇلازىمىتى
ئەگەر سىزنىڭ ماتېرىيال تەرجىمىچىلىككە ئېھتىياجىڭىز بولسا ھەر ۋاقىت بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، بىز سۈپەتلىك، توغرا، تېز بولغان تەرجىمە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. 
بىزنىڭ تەرجىمە قوشۇنىمىز نىسبەتەن سىستېمىلاشقان بولۇپ، تەرجىمە قوشۇنىمىزنىڭ تەرجىمىلىرى نوپۇزلۇق ژۇرناللار ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. 
تەرجىمانلىرىمىز ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تەرجىمە قىلغان ۋە تەرجىمىسىگە قاتناشقان تۈرلەردىن: 
(1) مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Office 2013 دېتالىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئېنگىلىزچىدىن بىۋاسىتە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان ۋە تەرجىمە سۈپىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن؛ 
(2) غولجا شەھەرلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئېلىش تۈر پىلانىنىڭ تەرجىمىسى (200 مىڭ خەتلىكتىن ئارتۇق ماتېرىيال)نى قىلغان؛
(3) جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ بانكا سىستېمىسىنىڭ تەرجىمىسىنى قىلغان؛
(4) مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ «جۇڭگو تارىخىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرجىمىھالى» ناملىق توپلامنىڭ تەرجىمىسىگە قاتناشقان؛
(5) سودا نازارىتىنىڭ «رۇسچە-خەنزۇچە-تاجىكچە ۋە ئۇيغۇرچە تۇرمۇش سۆزلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇچە تەرجىمىسىنى قىلغان؛
(6) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتىنىڭ «ئاپەتتىن جىددىن قۇتقۇزۇش چارىسى» ناملىق ماتېرىيالىنىڭ تەرجىمىسىنى قىلغان؛
(7) «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى قاتارلىق ژۇرناللاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 23 پارچىغا يېقىن تەرجىمە ماقالە ئېلان قىلغان ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن؛
(8) شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 10 دىن ئارتۇق كىنو ۋە كارتون فىلىمىنىڭ تەرجىمىسىنى قىلغان؛
(9) ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 7 پارچىغا يېقىن كىتاب تەرجىمە قىلغان؛
(10) دوختۇرخانا، پىلانلىق تۇغۇت پوتكىتلىرىنىڭ خىزمەت تۈزۈملىرى، تەشۋىقات ماتېرىياللىرى، ئىچكى ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلغان ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن؛
(11) جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلغان؛
(12) سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەر خىل دېلو-ئەنزىلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلغان؛
(13)  دىيارىمىزدىكى كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇشى، دورا مەھسۇلاتلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى، كىتابلىرى قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلغان؛
(14) ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى ۋە پەرىشتە ئانا-بالا تورىنىڭ بارلىق مەزمۇنى كۈچلۈك تەشكىللىككە ۋە سىستېمىلىققا ئىگە مۇنتىزىم تەرجىمانلار قوشۇنىنىڭ كۈچى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن.
قىسقىسى، ئەگەر تەرجىمە جەھەتتە ئېھتىياجىڭىز بولسا، بىزنى ئىزدىسىڭىز بىز سىزنى سۈپەتلىك، توغرا، تېز بولۇشتەك ئەلا تەرجىمە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

تۆتىنچى: ئىگىلىك مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى
1. شىركەت قۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى ۋە ۋاكالىتەن شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇپ بېرىش مۇلازىمىتى؛
2. كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى، شىركەت خادىملىرىغا قارىتا تەربىيەلەش مۇلازىمىتى؛
3. شىركەت تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى؛
4. بازار ئېچىش لايىھەسى تۈزۈپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا ئىجرا قىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى؛
5. كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە قارىتا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش مۇلازىمىتى؛
6. ماركا ئەنگە ئېلىش مەسلىھەتچىلىكى ۋە ماركا لايىھەلەپ بېرىش، ماركىنى ئەنگە ئېلىپ بېرىش مۇلازىمىتى؛
7. مەھسۇلات ئورالمىسى پاتنېتى مۇلازىمىتى؛
8. شىركەت بوغالتىرلىق مۇلازىمىتى؛
9. ئېلان-لايىھە مۇلازىمىتى؛ 
10. تەشۋىقات ئىشلىرى مۇلازىمىتى؛

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى