ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس، دەپ ئىچىڭىزدە ئوقۇپ تۇرۇڭ

ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس، دەپ ئىچىڭىزدە ئوقۇپ تۇرۇڭ

ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1444 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئوي – پىكرىڭىزدە بۇرۇلۇش بولسا، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ ياخشى» بۇ يەردە!

 

 ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس، دەپ ئىچىڭىزدە ئوقۇپ تۇرۇڭ

 

ھەر كۈنى ئۆز – ئۆزىڭىزگە: «ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» دەپ ئوقۇپ تۇرۇڭ. بۇ سۆز مەلۇم دەرىجىدە مۇشۇ كىتابنىڭ تۇرمۇشتىكى ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارنى چوڭايتىۋەتمەڭ، كىچىك ئىشلارغا كاللىڭىزنى ئۇپراتماڭ، دېگەن مۇددىئاسىنى مەركەزلىك ئىپادىلەيدۇ. بىز تۇرمۇشنى يۈك قىلىۋالماي، ئۇنىڭ پەيزىنى سۈرىشىمىز كېرەك.


ئەتراپىمىزدا ئۆز كەسپىدە ناھايىتى مۇۋپپەقىيەت قازانغان، لېكىن ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ھەمىشە ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلار دائىم ئۆزلىرى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىغان ئايرىم ئەھۋاللارغا سەل قاراپ، تۇرمۇشتىكى ئىناقسىزلىقلارغا بىۋاستە سەۋەب بولىدۇ. ئۆزىنىڭ غايىسىدىكى تۇرمۇشنى يارىتىشقا ئامالسىز، غايىسىدىكى ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ، تۇرمۇشنى ھەددىدىن زىيادە ئالدىراش ئۆتكۈزىدۇ، تۇرمۇشنى ھەمىشە ئىنتايىن جىددىي ئەھۋال بىلەن تولۇپ تاشقاندەك، ھەپتىدە 80 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلمىسا، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى تۈگىتەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.
ھەتتا ئائىلە ئاياللىرىمۇ كىشىلىك ھاياتتىن گاڭگىراش ھېس قىلىپ: «بۇ ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز ياشىمىغۇچە، ئۇنى مەڭگۈ پاكىز تۇتالمايدىغان ئوخشايمەن» دەپ ئاغرىنماقتا. ئۇلار ئۆي ئىشلىرى بىلەن ھەددىدىن زىيادە جىددىيلەشمەكتە، ئەتىگەندىن – كەچكىچە ئالدىراش ئۆتۈپ، بەللىرى مۈكچىيىپ، پۇتلىرى ئاغرىپ كەتسىمۇ، كۆكتات سېتىۋېلىش، تاماق ئېتىش، قاچا – قۇچا يۇيۇش، كىر يۇيۇش، ئۆيلەرنى تازىلاش، بالا بېقىش... ئىشلىرىنى تۈگىتەلمەيدۇ. خۇددى بىر تاپانچا مېڭىسىگە بەتلىنىپ: «ھەربىر قاچا – قۇچىنى دەرھال يىغىشتۇر، ھەربىر يوتقان – كۆرپە، ئەدىياللارنى چىرايلىق قاتلا...» دەپ بۇيرۇق چۈشكەندەك. ئۇلار ھەر دائىم ئۆز – ئۆزىگە: «ئەھۋال جىددىي، ھەربىر ئىشنى دەرھال ئىشلەپ تۈگەت!» دەپ كۆڭلىدە جېكىلەپ تۇرىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىشىپ بەرمىگەنلىكىدىن ئاغرىنىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىر كۈن خىزمەت قىلىپ ھېرىپ – چارچىغانلىقىنى نەزەرگە ئالمايدۇ.



ئەمەلىيەتتە، بىرمۇنچە ئىشلارنى قىلىشنىڭ تامامەن ھاجىتى يوق ياكى بىرمۇنچە ئىشلارنى قويۇپ تۇرۇپ ئەتىسى قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، كىچىك ئىشنى چوڭايتىپ كۆرسىتىپ باقمىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك. بىز تۇرمۇشقا بىرخىل مۇكەممەل غايىچىلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ ئادەتلىنىپ قالدۇق. مەيلى خەققە، ئۆزىمىزگە ياكى نەرسىلەرگە بولسۇن، ئۆزىمىز چارچاپ ماجالىمىز قالمىغانلىقىنى ھېس قىلغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق تەلەپ قويىمىزكى، ئۆزىمىزگە بىردەم بولسىمۇ ئارام بېرىشنى ئۇنتۇپ قالىمىز. بىزنىڭ جىددىيلىكىمىز ئۆزىمىزنى ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرنى ئازابلىماقتا!
ئەمەلىيەتتە، ئۆز – ئۆزىمىزنى ئاشۇنداق نابۇت قىلىشىمىزنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق، بىز ئەركىن – ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. تەمكىن بولۇش، تۇرمۇشنى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزىدىغان بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز بىرىنچى قەدەمدە كۆپىنچە ئەھۋالدا جىددىي كەيپىياتنى ئۆزىمىزنىڭ پەيدا قىلغانلىقىمىزنى، تۇرمۇشنىڭ ئەسلىدىلا بۇنچىۋالا قالايمىقان بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى كەمتەرلىك بىلەن ئېتراپ قىلىشىمىز كېرەك؛ ئىككىنچى قەدەمدە، ساپادا يېتىپ ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن تېلېۋىزور كۆرۈشىمىز، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزۈش ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق دەپ ئەنسىرىمەسلىكىمىز كېرەك.


كۈننى بىمالال، ئارامخۇدا ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، ئىشنى ئۆزىڭىزنىڭ پىلانى بويىچە قىلمىسىڭىزمۇ يەر شارىنىڭ ئاۋۋالقىدەكلا چۆرگىلەۋېرىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشنىڭ ئاۋۋالقىدەكلا ئۆتۈۋېرىدىغانلىقىنى بايقايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىڭىزگە ياردەم بېرىپ، «ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» دېگەن سۆزنى ھەرۋاقىت ئىچىڭىزدە ئوقۇپ تۇرۇڭ.
-----------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى