ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشاتسا، قايسى ئەھۋاللاردا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرمىسىمۇ بولىدۇ؟

ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشاتسا، قايسى ئەھۋاللاردا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرمىسىمۇ بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2014-03-10 ئاۋاتلىقى: 452 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشاتسا، قايسى ئەھۋاللاردا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرمىسىمۇ بولىدۇ؟

 

جاۋاب: ئەگەر ئەمگەكچىدە سەۋەنلىك بار بولسا، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن خالىغان ۋاقىتتا ئەمگەكچىگە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ، بۇ ھەم سەۋەنلىكتىن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.

 

بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەگەر ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ.

«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 39-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەكچىلەردە تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئەھۋالنىڭ بىرسى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:

 

1. سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە خىزمەتكە ئېلىش شەرتىگە توشمايدىغانلىقى ئىسپاتلانسا.
2. ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ قائىدە-نىزاملىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا.
3. خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىپ كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا ئېغىز زىيان سالسا.
4. ئەمگەكچى بىرلا ۋاقىتتا باشقا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مۇشۇ ئىدارىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزسە ياكى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن تۈزەتمىسە.
5. ئالدامچىلىق، مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى بىلەن ياكى قارىغۇچى ياردا قىستاپ، قارشى تەرەپنى ئۆز خاھىشىغا خىلاپ ئەھۋالدا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە ياكى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاپ، ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا.
6. قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغان بولسا.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى