ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چەرچەننىڭ 2.3 توننىلىق ئاق قاشتېشى ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە جۇلالاندى

چەرچەننىڭ 2.3 توننىلىق ئاق قاشتېشى ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە جۇلالاندى

ۋاقتى: 2016-06-15 ئاۋاتلىقى: 759 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2.3 توننا ئېغىرلىقتىكى چەرچەن ئاق قاشتېشى بايىنغۇلىن ئوبراز رايونىدا كۆرگەزمە قىلىنىپ، كۆپلىگەن كۆرگەزمە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى

 

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى، ھەيۋەتلىك قاراقۇرۇم تېغىدىن گۈزەل قاشتېشى چىقىدۇ. 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسىدە، مول خوتەن قاشتېشى چىقىشى بىلەن داڭلىق بولغان شىنجاڭ چەرچەن ناھىيەسى ئېغىرلىقى 2.3 توننا كېلىدىغان ئاق قاشتېشىنى يەرمەنكىگە ئېلىپ كەلدى. بۇ ئاق قاشتېشى ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى بايىنغۇلىن كۆرگەزمىخانىسىنىڭ «گۆھىرى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن كۆگەزمە كۆرۈرمەنلىرىنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى. ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە مۆلچەرلىگەندە، ئەگەر كىمىكى بۇ ئاق قاشتېىشىنى سېتىۋالماقچى بولىدىكەن، ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئىككى توننا يۈز يۈەنلىك پۇل تەييارلىشى زۆرۈر، يەنى 100 مىليون يۈەن تەييارلىشى كېرەك. 30-ئاۋغۇست، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر پۇخرا ئائىلىسىدىن بۇ قاشتېشىنىڭ رىۋايەتسىمان ھېكايىسىنى ئالدىن ئىگىلىگەن.
ئۇنداقتا، بۇ قاشتېشى پادىشاھى قانداق بايقالغان؟ چەرچەن ناھىيەلىك ئۇلتاش كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئالىم يۈسۈپ مۇخبىرغا بۇ تاشنى ئاكىسى ياقۇپ ھېيىتنىڭ 1993-يىلى تاتلىقسۇ كان تېغىدا ئۇشتۇمتۇم بايقىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. تاتلىقسۇ قاشتېشى كېنى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكىدىكى تاغ ئوتتۇرىغا جايلاشقان. ئادەم ناھايىتى ئاز بارىدىغان جاي بولغاچقا، ئىزچىل ھالدا چوڭ تىپتىكى تىرانسىپورت قوراللىرى چىقالمايتتى.
ئۇ ۋاقىتتا، ياقۇپ ھېيىتنىڭ ئىقتىسادى كۈچى ئاجىز بولغاچقا، ئۆزى بايقىغان بۇ قاشتېشى پادىشاھىنى سىر تۇتۇپ كەلگەن. 1997-يىلىغا كەلگەندىلا، ئۇ بۇ قاشتېشىنى يۆتكەپ كېتىشنى قارار قىلغان. بۇ قاشتېشىنى يۆتكەشكە ياقۇپ ھېيىت 50 دەك ئادەمنى ياللىغان بولۇپ، ئودا 50 كۈندەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ئۇنى قاراقۇرۇم تېغىدىن يۆتكەپ كەتكەن.



بۇ ئاق قاشتېشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.2 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.2 مېتىر، كەڭلىكى 1.1 مېتىر بولۇپ، كۋادىراتسىمان ھالەتتە ئىكەن. ئالىم يۈسۈپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭ كانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ باھالىشىچە، بۇ قاشتېشىنىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، زىچلىقى، قاتتىقلىقى جەھەتتە قاشتېشى ئۆلچىمىگە تولۇق توشىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، قاشتېشى پادىشاھىنىڭ ئىگىدارى ياقۇپ ھېيىتنىڭ بۇ قاشتېشىغا مېھرى چوڭقۇر بولۇپ، ئىلگىرى نۇرغۇن خېرىدارلار بۇنى سېتىۋېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھەممىسى ياقۇپ ھېيىتنىڭ چىرايلىقچە رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ياقۇپ ھېيىتنىڭ قارىشىچە، قاشتېشى پادىشاھىنى بايقاش ئۇنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن «نىسىۋە» بولۇپ، بۇ قاشتېشى پادىشاھىنى قانداق پىششىقلاپ ئىشلەشمۇ «نىسىۋە»گە مۇھتاج ئىكەن، شۇڭا ئۇ ئاشۇنداق بىر «نىسىۋىسى» بار ئادەمنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكەن.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئاق قاشتېشى پادىشاھى بىلەن ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ زىچ «نىسىۋىلىك»كى بولۇپ، 2011-يىلىلا، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى ئېچىلغاندا، ياقۇپ ھېيىت بۇ ئاق قاشتېشى پادىشاھىنى يەرمەنكىگە ئېلىپ كېلىپ، دۇنيا خەلقىگە چەرچەننىڭ قاشتېشى بايلىقىنى تونۇپ يەتكۈزۈشنى ئويلىغان. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا شارائىت پىشىپ يېتىلمىگەن بولغاچقا، ياقۇپ ھېيىتنىڭ بۇ ئازرۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان.
بۇ يىل ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، ياقۇپ ھېيىتتا بۇ قاشتېشىنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇش ئارزۇسى يەنە بىر قېتىم پەيدا بولۇپ، چەرچەن ناھىيەسى ۋە بايىنغۇلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، ياقۇپ ھېيىتنىڭ ئازرۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشقان.
http://news.ts.cn/content/2013-09/03/content_8652027.htm

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى