ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇر قىزى ئامانگۈلنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ روناق تېپىشى

ئۇيغۇر قىزى ئامانگۈلنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ روناق تېپىشى

ۋاقتى: 2016-07-13 ئاۋاتلىقى: 507 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۈندە مال زاكاس قىلىدىغان تېلېفون سايراپ توختىمايدۇ، مال ئالغىلى كېلىدىغانلارنىڭمۇ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ، بىر ئايدا كورلا شەھىرىگە 1000 يەشىك مال يەتكۈزسىمۇ خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ... توقسۇ كود (科德) بىئو-خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامانگۈل كېرەم تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 11-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىر توقسۇ ناھىيەسى ئىچىئېرىق كەنتى قاراتاش يېزىسىدا ئامانگۈلنى ئۇچىراتقىنىدا، ئۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتقان بولۇپ، بېشىغا سېرىق رەڭلىك ئاپتاپتىن ساقلىنىش قالپىقىم ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىپ كۈچ-قۇۋەتكە تولغان ھالدا ئىشلەۋاتاتتى، مۇخبىر بىلەن پىكىرلەشكەندە ئۇنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم ئۇنىڭغا ئاجايىپ ئىشەنچ ئاتا قىلىپ تۇراتتى.

قەلبىگە تىكلەنگەن ئىگىلىك تىكلەش غايىسى
ئامانگۈلنىڭ شىركىتى بۇ يىل 8-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، چىلىغان كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. چىلىغان كۆكتاتنى تىلغا ئالغىنىمىزدا ئامانگۈلنىڭ بىر قاتار ئەسلىمىلىرى نامايەن بولىدۇ.
بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ئامانگۈل ئەسلىدە توقسۇ ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ كاسىرى بولۇپ، ھەر ئايلىق ئىش ھەققى 3000 يۈەن ئىدى، يولدىشى دۆلەت مەمۇرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار، بۇ بىر ئائىلىلىكنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتەتتى.
بىراق ئامانگۈلنىڭ ئىزچىل ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار بولۇپ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى ئويلايتتى، بالىلىرىنىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىدى. ئامانگۈل ئەينى ۋاقىتنى ئەسلىگىنىچە ناھايىتى قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «مەن  بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى ئويلايتتىم، بۇ خىيالىم بارغانچە كۈچەيدى».


مۇقىم خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ شىركەت قۇرۇش
بۇ يىل 5-ئايدا ئامانگۈل خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۈرۈمچىگە باردى ۋە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى دېھقانچىلىق قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلىنىدىغان ئاكىسىنى ئىزدەپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش غايىسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ئاكىسىنىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن ئامانگۈل چىلىغان كۆكتات ياساشنى ئۆگەندى. 
ئاكىسىنىڭ ئۇنى ئېچىتىلغان كۆكتات ياساشنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىشىدىكى سەۋەب ناھايىتى ئاددى، ئۇ بولسىمۇ ئېچىتىلغان كۆكتاتتىن ئىبارەت بۇ يېمەكلىك تۈرى ئاز سانلىق مىللەتتىكى دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىۋاتقان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇ تۈردىكى ئىشلەپچىقىرىشتا بوشلۇق بار، ناھايىتى ياخشى بازار ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى.
كۆكتات ئېچىتىش تېخنىكىسىنى ئىككى ئاي پىششىق ئىگىلىگەندىن كېيىن ئامانگۈل ناھىيەگە قايتىپ كېلىپ شىركەت قۇرۇشقا تىزىملاتتى. ئۇيغۇر ئايالنىڭ مۇقىم خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ باشقا ئىش قىلىش ئىرادىسى توقسۇ ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئامانگۈلنى «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»دىكى يۆلەش ئوبيېكتىغا كىرگۈزدى، توقسۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۇنى ھەقسىز زاۋۇت بىلەن تەمىنلىدى. ناھىيەلىك تېلېۋېزىيە ئىدارىسى ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ھەقسىز تەشۋىق قىلدى. 8-ئايدا ئىشقا كىرىشكەندىن باشلاپ، ئامانگۈل ئىشلەپچىقارغان چىلىغان كۆكتات ناھايىتى تېزلا بازار تاپتى، ھازىر ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، كورلىغا سېتىپ چىقىرىدۇ.
مۇخبىر ئامانگۈلدىن چىلىغان كۆكتاتنىڭ قانداق قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئامانگۈل مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە مەن ئىشلەپچىقارغان كۆكتاتنى تەڭشەش ناھايىتى ئاسان، باشقا چىلىغان كۆكتاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ، پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسلىق تاماقلىرى مايلىق بولغاچقا چىلىغان كۆكتاتنى قوشۇپ يېگەندە ناھايىتى تېتىيدۇ، شۇنداقلا مەن ئىشلەپچىقارغان چىلىغان كۆكتاتتا مۇسۇلمانچە بەلگىسى بار، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىمىز، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى».
ئامانگۈل مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئىككى ئۈچ ئاي ئىچىدە تىجارىتىمنى باشلاپ كېتەلىشىمدە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى مۇھىم رول ئوينىدى، ئەگەر ھۆكۈمەت ماڭا يەر ۋە زاۋۇت بىلەن تەمىنلەپ بەرمىگەن بولسا، بەلكىم ھازىرغىچە بۇ ئىشنى باشلاپ بولالمىغان بولغىيتتىم. مەن يەنە يولدىشىمغىمۇ رەھمەت ئېيىتىمەن، ئۇنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، باللىرىمغا قاراپ تۇرمىغان بولسا، مەن ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولاتتىم».


يەرلىك دېھقانلار كۆكتاتلارنى سېتىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىغان بولدى
شىركەتكە مەبلەغ سالغاندىن كېيىن، كۈندىلىك ئىشلىتىدىغان چىلىغان كۆكتات ماتېرىيالى تەخمىنەن 500 كىلوگىرام ئەتىراپىدا كېلىدۇ، بۇنداقتا كۆكتات تېرىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دېھقانلار سېتىش يوللىرىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.
ئابلەت ئامۇت قاراتاش يېزىسىدىكى دېھقان، بۇ يېزىدا يېسىۋىلەك، تۇرۇپ تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ، ئابلەتنىڭ ئۆيىدە ئىككى پارنىك بار بولۇپ، كۆكتاتلارنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتنى مىنىپ نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بازارغا ئاپىرىپ ساتاتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بازاردا بىرەر كۈن ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن كۆكتاتلىرىمىزنى سېتىپ بولاتتۇق، قىش پەسلى سوغوق بولغاچقا كۆكتات سېتىۋالىدىغانلارمۇ ئاز ئىدى،  داۋاملىق سېتىپ بولالمىغان كۆكتاتلىرىمىز ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالغاچقا بۇزۇلۇپ قالاتتى. مەن ھازىر كۆكتاتلىرىمنىڭ تۇرۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم، كۈندىلىك سېتىپ بولالمىغان كۆكتاتلارنى ئامانگۈلنىڭ شىركىتىگە ئېلىپ كېلىمەن، ئۇ قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك سېتىۋالىدۇ، باھاسىمۇ بازار باھاسىغا ئوخشاش، بىز ئامانگۈلگە كۆكتاتلىرىمىزنى خوشاللىق بىلەن سېتىپ بېرىمىز».

يېزىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى
ئامانگۈلنىڭ شىركىتى ئىش باشلىغاندىن كېيىن، يەرلىك ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى خىزمەت ئورنىنى تاپتى.
ئامانگۈل مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىش سېخى 20 ئايالغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۇلار ھەر ئايدا تەخمىنەن 2000 يۈەن ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتكەندىن كېيىن شىركىتىمىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ».
بۈگۈنگە كەلگەندە، ئامانگۈلنىڭ شىركىتى كۈنىگە 150 كىلوگىرام چىلىغان كۆكتات ئىشلەپچىقارسىمۇ بازار ئېھتىياجىنى قامدىيالمايۋاتىدۇ، ئۇ ھازىر ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى ئىككى ھەسسىدىن ئۈچ ھەسسىگە كېڭەيتىشنى پىلانلىدى، ئۇ يەنە گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى پىلانغا ئالدى.
ئامانگۈل مۇنداق دەيدۇ: «شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر يىللىق كىرىمى 100 مىڭدىن 200 مىڭ يۈەنگىچە بولدى. مېنىڭ بېيىش چۈشۈم بارغانچە ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ، ھازىر مېنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئارزۇلىرىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا يېزا خەلقىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش».

مەدىنۇر ئەخمەت تەرجىمىسى
ئەسلى خەنزۇچە مەنبە: ئاسىيا كىندىكى تورى
ئادرېسى: 
http://news.iyaxin.com/content/2013-12/12/content_4333305_4.htm

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى