ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سىمبىيەن (Symbian) نىڭ قىسقىچە تارىخى

سىمبىيەن (Symbian) نىڭ قىسقىچە تارىخى

ۋاقتى: 2015-05-27 ئاۋاتلىقى: 798 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1980-2013 بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىشى
كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممە ئادەم شۇنداق بىر كۈننىڭ ھامان كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق شۇ كۈن كەلگەن ۋاقىتتا ھەممە ئادەم ھەيران قالىدۇ.
يېقىندا، نوكىيا 2012-يىل تۆتىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدا ئالدىنقى يىلى ئېلان قىلغان PureView دا 808 نىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىمبىيەن سىستېمىسىنى قوللانغان يانفون ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
سىمبىيەن، بۇ ئىلگىرى زور شان شەرەپ ياراتقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى، ئاخىرى ئۇنىڭ ئاخىرقى چېكىگە يېتىپ باردى. ھازىر بۇ سانسىز يان يانفون ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن بىرگە چوڭ بولغان يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىر ئەسلەپ ئۆتەيلى.

ئىلگىرى پارلاق دەۋر قۇچقان سىمبىيەن يانفون بىرلەشمىسى


دەسلەپكى دەۋرى
دۆلەت ئىچىدىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سىمبىيەن دېگەن بۇ ئىسىم بىلەن ئۇچرىشىشى، تەخمىنەن 2002-يىلدىكى 7650 بىلەن باشلانغان، N-Gage ياكى سېمىز 6 (نوكىيا 6600)گە كەلگەندە بىر قېتىملىق يۇقىرى دولقۇنغا يەتكەن. ئەمەلىيەتتە، سىمبىيەن سىستېمىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ئىدى. بۇنى بىر Psion ئىسىملىك شىركەتتىن باشلىشىمىز كېرەك.
Psion شىركىتى 1980-يىلى قۇرۇلغان، قۇرغۇچىسى داۋىد پوتتېر(David Potter)، بۇ بىر ياۋروپادىكى شىركەت، ھەم ياۋروپادىكى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئاساسلىق PDA زاۋۇتى. EPOC بولسا Psion Software شىركىتى بازارغا سالغان مەشغۇلات سىستېمىسى، مەخسۇس كۆچمە ئۇچۇر ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئالقان كومپيۇتېرمۇ بار. EPOC دېگەن بۇ ئىسىم Electronic Piece of Cheese نىڭ قىسقارتىلمىسى، مەنىسى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش بەئەينى پىشلاق يېيىشتەك ئاسان دېگەن مەنىدە. ئۇ بىر ئېچىۋىتىلگەن مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ سىمسىز ئالاقە ساھەسىگە كىرىشنى باشلىغان، ئەينى ۋاقىتتىكى Palm ۋە Windows EC بىلەن سېلىشتۇرغاندا، Sysbian سىستېمىسى ئالاقە تەرەپلەردە تەبئىي ئالاھىدىلىكى بولۇپلا قالماي، بەلكىم شۇ ۋاقىتتىلا بۇ سىستېمىنىڭ يانفون ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى بېكىتىلىپ بولغان بولسا كېرەك.
#p#
1986-يىلى 6-ئايدا، Psion شىركىتى نوكىيا، ئەيرىسون، موتوروللا بىلەن بىرلىشىپ Symbian شىركىتىنى قۇردى. بىر ئېچىۋېتىلگەن سەھنە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر قانداق ئادەم سىمبىيەننى قوللايدىغان ئەسلىھەلەر ئۈچۈن يۇمشاق دېتال يارىتالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن Symbian شىركىتى ئاق ئالتۇن ھەمكارلىشىش پىلانى يولغا قويدى، ARM، Motorola، تېكساس ئەسلىھەلەر شىركىتى قاتارلىقلار ئارقا ئارقىدىن ئۇنىڭغا قوشۇلدى. ئاندىن يەنە Panasonic، Siemens، Samsung ۋە Lenovo (ليەنشياڭ) قاتارلىق شىركەتلەر كەينى كەينىدىن قوشۇلدى.

 

Symbian بىرلەشمىسى

 
1999-يىلى 3-ئايدا Symbian شىركىتى Symbian 5.0 مەشغۇلات سىستېمىسىنى بازارغا سالدى، ئۆلچەملىك تور بەتنى قوللايدىغان تور كۆرگۈچ بولغاندىن سىرت، Java تىلىنى قوللاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن سىمبىيەن كىچىك ئەمەلىي پىروگراممىلارنى ئىجرا قىلالايدىغان بولدى، بىراق بۇ نەشرنى ئىشلەتكەن يانفون نۆل دېيەرلىك.  Symbian6.0بولسا Symbian 5.0 نىڭ ئاساسىدا يېڭىدىن GPRS، WAP1.2 تور كۆرگۈچ ۋە يەنە BlueTooth ئىقتىدارىنى قوشتى، C++، J2ME ئاساسىدا ياسالغان پىروگراممىلارنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ.  Symbian6.1سىستېمىسى Symbian6.0 غا سېلىشتۇرغاندا يەنە USB قوللايدىغان بولدى.
#p#
Symbian 5.0 دىن كېيىن، ھەقىقى بازارغا يۈزلەنگەن مەھسۇلات بولسا 2000-يىلدىكى ericsson R380، بۇ Symbian نىڭ بىرىنچى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى ھېسابلىندۇ، EPOC Release 5.0u(Symbian OS 5.1)+ECK كۆرۈنمە يۈزى ئىشلىتىلگەن، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئاساسچىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

 

ئېرىكسون R380

بارا-بارا راۋاجلىنىش
2000--2002-يىللىرى بولسا يانفوندا زور ئۆزگىرىش بولغان دەۋر.
ئاشۇ ۋاقىتتا جىنۇلىۋېيس قولىدا نوكىيا 7100نى ئېلىپ خاككىر ئىمپىرىيەسىدە كۆزنى قاماشتۇرۇپ سەھنىگە چىقتى، تۈرداشلار تېخىچە 56k لىق مودېم بىلەن تورغا چىقىۋاتاتتى، مەكتەپتە تىجىمەل بىلەن يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچىلەر بولسا 3310 ۋە 8310 نى ئىشلىتەتتى، بۇ ۋاقىتتا رەڭلىك ئېكرانلىق يانفونلار باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان ئىدى.
2002-يىلنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 7650 ئاللىبۇرۇن كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، 5000 نەچچە يۈەن، رەڭلىك ئېكرانلىق، سىيرىلما ياپقۇچ، 300 مىڭ پىكسېللىق سىنئالغۇچ كۆزى، يۈكسەك تەۋرىنىش قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە.

 

نوكىيا 7650

بۇ يانفوننىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون» دېگەن بۇ ئۇقۇم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا پەيدا  بولۇشقا باشلىدى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، سىمبىيەن سىستېمىسىمۇ نوكىيا بىلەن زىچ باغلىنىپ قالدى، ھەتتا بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ھەممە جايدا نوكىيانى تىلغا ئالمىسا بولمايدىغان بوپ قالدى.
#p#
Symbian شىركىتى قولىدىكى ئۈچ خىل سىستېما ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىسىم قويدى، Pearl، Quartz، Crystal. ھەممىسىگە Symbian نىڭ يادرولۇق كودىنى ئىشلەتتى، ئوخشىمىغان يۈرۈشلەر ئارىسىدىكى پەرق ئاساسلىقى ئابونىتنىڭ ئۇلانما ئېغىزى ۋە ئېكراننىڭ چوڭ كىچىكلىكى بولدى.
نوكىيا 7650، 6600 ۋە 7610 ۋە كەينىدىكى سونى-ئېرىكسون P800، P900 ۋە P910 قاتارلىقلار بولسا Pearl يۈرۈشتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىدى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۈگۈنگە قەدەر، ھازىرمۇ بەزىلەر سىمبىيەن يانفونىنى S60 يانفونى دەپ ئاتايدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە S60 يانفون سىستېمىسى ئەمەس، نوكىيا Symbian سىستېمىسى ئۈچۈن ياسىغان بىر كۆرۈنمە يۈز (UI).
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئازراق ۋاقىتتا، سىمبىيەن يانفونى يەنىلا كۆمۈلۈپ قالغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدىكى بازارنى ئىگىلىگىنى بولسا نوكىيانىڭ ئەقلىي ئىقتىدارسىز يانفونى 6108 ۋە مودا 7250 ئىدى. بىراق بۇ ۋاقىتتا سىمبىيەن سىستېمىسى ئاللىقاچان بىخ چىقىرىپ شاخلاشقا باشلىغان، ھەمدە توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا تۇرۇۋاتاتتى.

 

N_Gage

#p#
2003-يىلى 10-ئايدا، نوكىيا N_Gage ۋە 6600 ئاپپارات مەيدانغا كەلدى، دۆلەت ئىچىدىكى يانفون ئەتكەس مال بازىرى ھەقىقى مەنىدىكى بىرىنچى باھارنى كۈتۈۋالدى. يانفون ئۇيۇشمىلىرىمۇ يېڭى بىر چوڭ دەۋرنى كۈتۈۋالدى، N_Gage ۋە سېمىز 6 شۇ ۋاقىتتىكى مودىچىلارنىڭ چوقۇم ھازىرلايدىغان قورالىغا ئايلاندى، يانچە تۇرۇپ يانفون قىلغان N_Gage دېگەن گەپ نەمۇنەنىڭ ۋاكالەتچى گېپىگە ئايلاندى. 2004-يىلى بىر مىليون پىكاپلىق 7610، سىرتقى كۆرۈشى ئالاھىدە 6630 قاتارلىقلار بۇ يانفون مودىلىق دولقۇنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

 

نوكىيا 6600 كىشىلەر تەرىپىدىن سېمىز 6 دەپ ئاتالدى.
Symbian سىستېمىسى «App Store» گە ئوخشاش نەرسىنى تەمىنلەپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۈچىنچى تەرەپ سودىگەرلىرى دېگەننى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىنمۇ ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان.
#p#
بۇ خىل ئوڭايسىزلىق بىر تۈركۈم سىمبىيەن مۇنبىرىنى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك تاياقچىسىدەك ۋۇجۇدقا كەلتۈردى، نۇرغۇنلىغان ھەۋەسكارلار ھەر كۈنى بۇ يەردە پىكىر ۋە يۇمشاق دېتال ئالماشتۇردى. ئۇ ۋاقىتتا كۆچمە تور ئالاقە دېگەن ئىسىم تېخى كەشىپ قىلىنمىغان بولۇپ، يازما كۆرۈش، كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈش، يانفونغا يۆتكەش، قاچىلاپ ئورنىتىش، بۇ بىر يۈرۈش باسقۇچلار ئوتۇنچىلارنىڭ كۈندىلىك قىلىدىغان ئىشىغا ئايلاندى. يەنە بىر قانچە تىلغا ئالمىسا بولمايدىغان يانفون بار، ئۇلار 2002-يىلدىكى سونى-ئېرىكسون ئىشلەپ چىقارغان سىمبىيەن UIQ يانفون P800؛ 2003-يىل ئىشلەپچىقارغان كۇنۇپكىسى يانفوننىڭ ئىككى تەرىپىدە سىممېتىرىك بولغان Siemens SX1.

 

ئەينى ۋاقىتتىكى مودا ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ۋاكالەتچى ئىسمى سونى-ئېرىكسون P800

 #p#

تەڭداشسىز Siemens SX1

بۇ خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى سىمبىيەن يانفونى يولىدا تېخىمۇ ئۇزۇنغا ماڭالمىدى. كېيىن ھەقىقەت ئىسپاتلىدىكى، نوكىيانىڭ ئەينى يىلدىكى قاپ ئالماشتۇرۇش تاكتىكىسى توغرا بولغان، ئۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ كۆپ مەھسۇلات بارلىقى كەلتۈردى، تاللاش كەمچىل بولغان بازارنى تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىدى، تېخىمۇ كۆپ بازار ئىگەللىدى ۋە نەپكە ئېرىشتى.
#p#
دۇنياغا خوجا بولۇش

2004-يىلى 2-ئايدا Symbian OS 8.0 مەيدانغا كەلدى. بۇ نۇسخىدىكى سىمبىيەن سىستېمىسى يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ، كۆپ خىل ئۆلچەملىرىنى قوللايدىغان بولدى. شۇ يىلى Psion شىركىتى ئۆزىنىڭ قولىدىكى Symbian شىركىتىنىڭ %31.1 پاي چېكىنى سېتىۋەتتى، ھەر قايسى تەرەپ سېتىۋالغاندىن كېيىن نوكىيا تەخمىنەن %47.9 پايچىكىنى ئىگىلىدى، داۋاملىق ئۆزىنىڭ بىر چوڭ ئورنىنى ساقلاپ قالدى، ئېرىكسون %15.6، سونى-ئېرىكسون %13.1، پاناسونىك %10.5، سامسۇڭ %4.5، Siemens %8.4 نى ئىگىلىدى.
بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئەينى ۋاقىتتىكى سىمبىيەن بىرلەشمىسى ئەمەلىيەتتە نوكىيا بىر شىركەتنىڭ بولدى. بۇنداق بىرلەشمە تەبىئىى مۇقىم بولالمايدۇ، بارچە ئادەمنىڭ تىرىشىشى ئەمەلىيەتتە نوكىيا دېگەن بۇ رىقابەتچىنى ھاسىل قىلدى، سىمبىيەن ئاللىبۇرۇن نوكىيانىڭ تارماق شىركىتىدەك بولۇپ قالدى.

نوكىيا 2005-يىلى ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى كۈتۈۋالدى
بىر شىركەت ئەگەر بىر ئاممىباپ ئويۇنچۇقى (Arcade game) ياساپ چىقالىسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ، لېكىن 3230، 6680، N70 ئۈچ خىل ئاممىباپ ئۇيۇنچۇقى بولسا ئۇنداقتا شەب-شۈبىسىز بۇ بازارغا خوجا بولىدۇ.

 

3230، 6680، N70 ئۈچ خىل ئاۋات سېتىلغان مەھسۇلات
#p#

2005-يىلنىڭ بېشىدا، Symbian OS 9.1 ئېلان قىلىندى، بۇ سىمبىيەن سىستېمىسىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىش. ئۇ يېڭى بىر سىستېما بىخەتەرلىك تۈزۈمىنى قوللانغان، يېڭى تىپتىكى ARM بىرتەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن، ھەمدە EKA2 يادرو ئىشلىتىلگەن، ئىلگىرى ئىشلەتكەن EKA1 غا سېلىشتۇرغاندا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بار، ھەممىسى بۇندىن كېيىنكى يانفوننىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشى ئىدى. بىراق دەل مۇشۇ ئۆزگىرىشلەردىن Symbian OS 9.1 سىستېمىسى ئىشلەتكەن يانفونلارنىڭ ھەممىسىدە ئىلگىرىكى نۇسخىدىكى ئەمەلىي پىروگراممىلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەمدە بۇرۇنقى سىستېما ئەسۋابلىرىغا Symbian OS 9.1 ئاساسىدا تۈزۈلگەن پىروگراممىلارنى ئىشلەتكىلى بولمىغان، يۇمشاق دېتال ياسىغۇچىلارنىڭ قايتىدىن تەھرىرلەش ۋە تەرجىمە قىلىشى زۆرۈر بولغان. 2006-يىلنىڭ بېشىدا تۇنجى Symbian OS9.1 سىستېمىسى قوللانغان يانفون 3250 ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۈزى Seriers 60 نىڭ ئۈچىنچى نۇسخىسى بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ Symbian OS 9.1 سىستېمىسى يەنە S60 V3 دەپ ئاتالدى.
«گۇۋاھنامە» دېگەن بۇ نەرسە سىمبىيەن يانفونى ئۈچۈن ئازراق ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ نوكىيا E61، N73، N72، N93 لەرنىڭ كىشىلەرنىڭ تالىشىپ تۇرۇپ سېتىۋالىدىغان مال بولۇشىنى توسۇپ قالالمىدى، بۈگۈنكى جۇڭگۈەنسۈن (中关村)دىكى يانفون سودىگەرلىرى ئەينى ۋاقىتىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «نوكىيا نېمە چىقارسا شۇ ئاۋات بولاتتى.»
2006-يىلى بىرىنچى پەسلى، S60 سۇپىسى ئاساسىدىكى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش مىقدارى بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىلىش مىقدارىنىڭ %54.1 نى ئىگىلىدى، لېكىن Symbian سىستېمىسىنىڭ باشقا سۇپىدىكى مەھسۇلاتى (Series80,Series90,UIQ قاتارلىقلار) %22 بازار نىسبىتىنى ئىگىلىدى، بۇ ۋاقىتتا Windows Mobile ، Palm، RIM، LINUX قاتارلىقلارنىڭ بازار نىسبىتىنىڭ يىغىندىسى بىر S60 سۇپىسىغا تەڭ كەلمەيتتى.

 

E61، N73، N72، N93 قاتارلىق يانفونلار يەنە بىر قېتىم يوقىرى پەللە پەيدا قىلدى

بۇ قېتىمقى يۇقىرى دولقۇن ئىككى يىل داۋاملاشتى، بىز يەنىلا ساناپ باقايلى، N82,N76,N95.... ئەڭ پىششىق تېلېفوندىن باشلاپ ئەڭ ياخشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونغىچە، نوكىيا دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدە تۇردى، ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكى شۇكى: قولىدا ئەڭ يېڭى تېخنىكا بار، سېتىۋالغۇچىلارنى قايتا سېتىۋېلىشقا ئۈندەيدۇ.
#p#

زاۋاللىققا يۈزلىنىشى
ئېگىز چوققىدا تۇرغان نوكىيا غەلىبە خۇشاللىقىغا مەپتۇن بولۇپ، ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى ئالما شىركىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن ھەرىكەتلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلمىغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا iPhone ئىقتىدارى ئاز، APP كەمچىل، توك ئاز يېتىدىغان بولۇپ، چېقىلىشقا قارشى تۇرۇشى ھەرگىز نوكىياغا يەتمەيتتى. بىراق ستېۋ جوبس ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئۈچۈن يېڭى بىر ئىشىك ئاچتى: تېگىشمە (سەزمە ئېكران) كونترول قىلىنىدىغان ئېكران.
2007-يىلى E71 يەنىلا ئەڭ ياخشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىدى، بىراق نوكىيانىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ئىشلىتىلىپ تۈگەپ بولدى، NG95-8G، N96 بۇ مەھسۇلاتلار نوكىيانىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالدى، گەرچە كېيىنكى نوكىيا 5800 ۋە ئۇنىڭ يۈرۈشلۈك ئەگەشمە مەھسۇلاتلىرى يەنىلا نوكىيا ئۈچۈن كوپ بايلىق بەرپا قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئالما شىركىتى ئاللىقاچان خانلىق تەخت يولىغا قاراپ مېڭىپ بولغان ئىدى، ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بىر يېشىل رەڭلىك ماشىنا ئادەم خىرىس قىلىپ تۇراتتى.

 

نوكىيا E71 بىر دەۋرنىڭ مۇتلەق يۇقىرى كامالەتكە يېتىشى

#p#
2008-يىلى نوكىيانىڭ تۇنجى تېگىشمە كونترول قىلىنىدىغان يانفونى 5800 مەيدانغا كەلدى، ئۇ Symbian OS 9.4 دىن ياسالغان، كۆرۈنمە يۈزى S60 نىڭ بەشىنچى نەشرى بولۇپ، S60 V5 دەپ ئاتالدى. ئۇ S60 نىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىنى ھەل قىلدى، ھەممە كۆرۈنمە يۈزى تېگىشمە كونترول قىلىش مەشغۇلاتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. بىراق نوكىيا بۇ كىلاسسىك S60 كۆرۈنمە يۈزىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى خالىمايدىغاندەك تۇراتتى، شۇڭا S60 V5 نىڭ تىگىشمىسىز كونترول قىلىشتىن تېگىشمە كونترول قىلىشقا ئايلىنىشى، خېرىدارنىڭ ئىشلىتىش سېزىمىنى رىقابەتچى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويدى.

 

نوكىيانىڭ تۇنجى تېگىشمە كونترول قىلىش يانفونى 5800

#p#
بىراق بۇ N97 نىڭ تېز سېتىلىشىنى توسۇپ قالالمىدى، شۇ ۋاقىتتا بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىر پىروگراممىدا ھەتتا بىر تال N97 سېتىۋېلىشنىڭ شۇنچە قىيىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەنىدى. ئەگەر بىر جۈملە بىلەن بۇ يانفوننىڭ ئەينى ۋاقىتتا قانچىلىك ئاۋاتلىقىنى ئىپادىلەپ بىرىڭ دېسە مۇنداق ئىپادىلەشكە بولىدۇ: «بۈگۈنكىدەك iPhone نى نومۇر ئايلاندۇرۇپ سېتىۋالغاندا ئوخشايدۇ.»

 

نوكىيا N97 مۇ بىر تېلېفوننى سېتىۋېلىش تەس بوپ كەتتى

بۇ بىر يىلدا نوكىيا Symbian شىركىتىنى سېتىۋالدى، Symbian سىستېمىسى نوكىيانىڭ يالغۇز ئىگىلىگەن سىستېمىسىغا ئايلاندى.
 #p#
سىمبىيەننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى
2009-يىلى سونى-ئېرىكسون قاتارلىق خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇتلار سىمبىيەن سۇپىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، Android سېپىگە بۇرۇلدى. 2010-يىلى سامسۇڭ سىمبىيەن سۇپىسىدىن چېكىنىپ، Android سېپىگە بۇرۇلدى.
سىمبىيەننى پەقەت نوكىيا بىرلا شىركەت قوللاپ قالدى، ئىككىلىسى تىپىرلاۋاتىدۇ، ھارغىنلىقى چىقىپ تۇراتتى.
2010-يىلى MWC يېغىنىدا، سىمبىيەن فوندى كېلەركى ئايدا 3Symbian سېستېمىسىنىڭ كودىنى ياساشنى تاماملايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەرنىڭ تېمىسى: بۇ يېڭى سىستېما Symbian نىڭ تارىخىدىكى بىر قېتىملىق نامايەندىلىك ئۆزگىرىشى بوپ قالغۇسى ئىدى.
2010-يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدا نوكىيا رەسمىي 3Symbian سىستېمىسىنى يولغا قويدى، بۇ سىمبىيەن 3 دەپ ئاتالدى. ھازىرقى S60 V5 غا سېلىشتۇرغاندا 3Symbian نىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزگەرتىشى رىقابەتچىسىدىن كەلگەن: ئومۇميۈزلۈك ئېلېكتىر سىغىمى ئېكراننى قوللاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ھەمدە تۇنجى قېتىم نوكىيا يانفوندا كۆپ چېكىتلىك تېگىشمە كونترول قىلىدىغان ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، ئۈستەل يۈزى، Widget قىستۇرما دېتالى، يىغىندا SNS ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىنى قوللايدىغان بولغان، 2D/3D ئويۇن تېزلشتۈرۈشنى قوللىغان.
  تۇنجى نۇسخىدىكى 3Symbian سىستېمىسىدىكى يانفون N8 2010-يىلى 10-ئايدا دۇنياغا كەلدى، پەقەت نوكىيا تەتقىقاتنىڭ مۇھىتىنى ئاشۇ 12 مىليون پاسكال كامېرا كۆزىگە قاراتتى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، Symbian3 سىمبىيەن ۋە نوكىيانى قۇتقۇزۇپ قالالمىدى، 2011-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، نوكىيا سىمبىيەننى Accenture شىركىتىگە ھۆددىگە بەردى. نوكىيا باياناتتا: 2016-يىلغىچە Accenture شىركىتى نوكىيانى يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 

تۇنجى نۇسخىدىكى Symbian3 سېتىلمىلىق يانفون N8
#p#

 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى نوكىيا Symbian ئىسمىدىن ۋاز كېچىپ كېيىنكى قېتىملىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىسمىنى نوكىيا Belle دەپ ئاتاشنى ئېلان قىلدى، ھەمدە سىمبىيەن Anna سىستېمىسىمۇ ئوخشاشلا نوكىيا Belle دەپ ئۆزگەرتىلدى، بۇرۇن پارلاق تاپقان سىمبىيەن دېگەن بۇ ئىسىم مۇشۇنداقلا بىز بىلەن خوشلاشتى، نوكىيانىڭ بۇندىن كېيىنكى سىمبىيەن تېلېفونىدا سىمبىيەن دېگەن بۇ ئىسىم ئەمدى كۆرۈنمەيدۇ.
 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى نوكىيا MWC كۆچمە دۇنيا چوڭ يىغىنىدا 4100 پىكسىللىق سىمبىيەن سۈرەتكە تارتىش يانفونى 808 PureView نى ئېلان قىلدى. پاسكال سانى ئاددىي لىنزىلىق رېفلېكسلىق فوتوكامېرادىن ئېشىپ چۈشىدىغان بۇ يانفون بولسا سىمبىيەننىڭ دۇنياغا ئەكەلگەن ئەڭ ئاخىرقى خۇشاللىقى ھېسابلىنىدۇ. ھەممە ۋاسىتىلەرنىڭ بۇ يانفوننىڭ سىنىپىغا بەرگەن باھاسى: «رەسىمگە تارتىشى كارامەت، سىستېمىسى كەينىگە تارتىپتۇ.» دېگەندىن ئىبارەت بولدى.
  ياشانغان Symbian سىستېمىسى Android, IOS لەرنى ئەمدى سۆرىيەلمىدى، ھەمدە ئاخىرى بۈگۈنگە كەلگەندە يېقىلىپ چۈشتى.

 

نوكىيا 808 PureView تېلېفوندىكى سۈرەتكە تارتىش ئاپپاراتى

بۇ ۋاقىتتا، دەل 2012-يىل 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، نوكىيا 2012-يىل تۆتىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدا 808 PureView نىڭ ئەڭ ئاخىرقى Symbian سىستېمىسىدىكى يانفون ئىكەنلىكىنى، سىمبىيەننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.بىر ئەۋلاد ئوتۇنچىلارنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمگە ھەمرا بولۇپ، بىر پارلاق دەۋر شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى