جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانداق رول ئوينايدۇ؟
ۋاقتى: 2016-05-21
ئاۋاتلىقى: 314 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانداق رول ئوينايدۇ؟
جاۋاب: جىددىي ئەھۋالدا، ئەگەر ئەمگەكچىنىڭ مۇھىم ھوقۇق-مەنپەئەتىگە، ھەتتا جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق بولسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بېرىپ، خەتەرلىك ھالەتنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇسا ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى»نىڭ 24-ماددىسىدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانىنىڭ قائىدىگە خىلاپ باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئىشچىلارنى خەتەرلىك مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بايقىسا ياكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا روشەن ئېغىر ھادىسە خەۋپى ۋە كەسپىي كېسەل خەتىرى بارلىقىنى بايقىسا، بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق، كارخانا ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ خىزمەتچىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ئەھۋالنى بايقىغاندا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كارخانىغا خىزمەتچىلەرنى خەتەرلىك نەق مەيداندىن چېكىنىپ چىقىشقا تەشكىللەش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، كارخانا چوقۇم ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.