ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جۇڭگودىكى دەسلەپ قۇرۇلغان 17 شىركەتنىڭ مەغلۇپ بولۇش تارىخى (2)

جۇڭگودىكى دەسلەپ قۇرۇلغان 17 شىركەتنىڭ مەغلۇپ بولۇش تارىخى (2)

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 939 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى بۇ يەردە!
8. فەنفوۋ
فەنفوۋ (饭否)نىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا Twitter بىلەن ئوخشاش خەنزۇچە تور بېكەتلەردىنلا ئالتە يەتتىسى بار ئىدى،  بۇنىڭ ئىچىدە فەنفوۋ ھەرقايسى تەرەپلەردىن بىرقەدەر مۇكەممەل بولۇپ، Twitter غا ئەڭ يېقىنلاشقىنى ئىدى. Twitter بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خەنزۇچە بۇ تور بېكەت ئېنگلىزچىغا كۆنەلمىگەن جۇڭگولۇق خېرىدارلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تاللاش ئېلىپ كەلگەنىدى.
مەغلۇبىيەت ساۋىقى: يېڭى قۇرۇلغان شىركەتلەر ھۆكۈمەتنىڭ سەزگۈر دائىرىلىرىگە چېتىلماسلىقى كېرەك ئىدى.
2009-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا فانفوۋنىڭ ئابونتلىرىنىڭ سانى دەسلەپتىكى 300 مىڭدىن مىليونغا كۆتۈرۈلدى. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى خۈيپۇ تۇنجى كارخانا پۇل تۆلەيدىغان ئابونت بولۇپ، تۇنجى كېرىم قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېن دەنچىڭ، ئەي ۋېيۋېي، لياڭ ۋېنداۋ، لىيەن يۆ قاتارلىق بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ كىرىشى فەنفوۋنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 2009-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فەنفوۋ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن بىنورمال تاقىۋېتىلدى، 2010-يىلى فەنفوۋنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ شىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا فەنفوۋنىڭ بىر يىل بۇرۇن تۇيۇقسىز تاقىلىشىنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ توردىكى پىكىرلەرگە بولغان نازارىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن فەنفوۋ ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ماقالىلەرنى يۇيۇپ، سەزگۈر سۆز ئىبارىلەرنى چەكلەش ۋە ئىزدەشنى توختىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۇسۇللارنى قوللانغان ئىدى. بىز كۆپچىلىك ئويلىيالايدىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلدۇق. فەنفوۋ تاقالغاندىن كېيىن سىنا تورى تېزلا باش كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى ۋە چولپانلار شۇنىڭدەك داڭلىق شەخسلەر تەدبىرى بىلەن ئورۇننى تىكلىدى، سىنا تورىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلغۇدەك يېتەرلىك بايلىق ۋە ئادەم كۈچى بار ئىدى.
داۋام تەرەققىياتى: ۋاڭ شىڭ قۇرغان مېيتۈەن ئىنتايىن زور ئۇتۇقلارنى قازىنىپ، كوللېكتىپ سېتىۋېلىش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇتقۇچى بولۇپ قالدى. سوڭ خېنىڭ مەبلەغ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا فەنفوۋ 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قايتا ئىش باشلىدى، بىراق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى.

9. Mysee
Mysee دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى P2P ۋىدېئو بىۋاسىتە كۆرسىتىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلغان شىركەت بولۇپ، ۋىدېئو بىۋاسىتە كۆرسىتىش، تاللاپ كۆرۈش، ئۆزئارا كۆڭۈل ئېچىش، سىمسىز قوشۇمچە مۇلازىمەت قاتارلىق مۇلازىمەتلەر ئۆزىدە گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كەڭ بەلباغلىق ۋىدېئو كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمەت سۇپىسى ئىدى. شىركەت بۇرۇن ھەرقايسى چوڭ تور بېكەتلەر، تېلېگراف ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى 50 قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتنى توردا بىۋاسىتە كۆرسەتكەن.
#p#
مەغلۇبىيەت ساۋىقى: سۆلەتۋازلىق مەغلۇبىيىتى
2005-يىلى 2-ئايدا گاۋ رەن MySee.com نى قۇردى، جياڭ شىپېي بىر مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. 2006-يىلىنىڭ بېشىدا يەنە بېي جىگۇاڭ ۋە سەي بولې قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىگە ئېرىشتى. لېكىن MySee نىڭ پۇل خەجلەش سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتتى، نەچچە ئون ئادەم ھەر ئايدا بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇلنى خەجلىۋەتتى، ئىشخانىلارنىڭ بېزىلىشىگىلا مىليون پۇل كەتتى، يەنە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ۋېدىئونىڭ مەزمۇنىنى سېتىۋالدى. 8 ئاي ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ پاكىز تۈگىدى. ئۇنىڭدىن سىرت قۇرغۇچى ۋە شىركەتنىڭ باش لىدىرى گاۋ رەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەقىقەتنى كۆپتۈرۈشىگە قاراپ تۇردى، مەبلەغ ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئايلىنىپ قالدى. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئۆزىنىڭ نام ئابرۇيى ۋە ئوبرازى. ئۇ ھەممە يەردە قاتراپ نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ بېيىش ئۇتۇقلىرىنى ئېيتىپ، پەقەت ئۆزىنىڭلا بازىرىنى ياخشىلىدى، شىركەت ئۈچۈن بازار قىلمىدى دېگەن. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قارىشىدا گاۋ رەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇلى بىلەن ئۆزىنى ئورىغان ھەتتا باشقا يوللارغا ئىشلەتكەن، لېكىن شىركەت ئۈچۈن ئىشلەتمىگەن.
داۋام تەرەققىياتى: مەن 2010-يىلى بىر قېتىملىق كۆچمە تور يىغىلىشىدا ئاخىرقى قېتىم گاۋ رەننى ئۇچراتتىم. مەيداندا ئۇنى تونۇيدىغان تۈزۈك ئادەم يوق. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بېي جىگۇاڭ چاقىرغان VC كەسپىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە ئەمدى گاۋ رەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق كارخانىلارغا مەبلەغ سالمايدىغان بولغان. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دائىم قەھرىمان ئوراشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئېنىقكى ئۇ كەسىپتە مەغلۇپ بولدى.

10. 24 چەك
24 چەك بولسا خارۋاردنى پۈتتۈرگەن دۇ يىنەن قۇرغان كوللېكتىپ سېتىۋېلىش شىركىتى. دۇ يىنەن 24 چەكنى قۇرۇشتىن ئاۋۋال داڭلىق PE شىركىتى KKR نىڭ مەبلەغ سېلىش دىرېكتورى بولۇپ، مەبلەغ سېلىشقا ماھىر ئىدى. 24 چەكنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى مالايسىيا مۇۋەپپەقىيەت گۇرۇھى، سىنگاپور Vickers Venture Partner قاتارلىق ئورۇنلار بولۇپ، ئىلگىرى ئاخىر سېلىنغان مەبلەغ 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.
#p#
مەغلۇبىيەت ساۋىقى: مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ ۋە CEO بىلەن ئىچكى جېدەل
توپ سېتىۋېلىش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 24 چەك مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 100 مىليوندىن ئارتۇق قەرز بولدى. مەبلەغ سالغۇچى KK نى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىپ شىركەتكە كىردى. كۆلەمنى كىچىكلەتكەندىن كېيىن بەزى شەھەرلەردە پايدا ئالدى. لېكىن مەبلەغ سالغۇچىلار داۋاملىق مەبلەغ سالماقچى بولغاندا 24 چەكنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش بولۇپ، CEO دۇ يىنەن بىلەن مەبلەغ سالغۇچى تەرەپنىڭ ۋەكىلى KK تەرەپ ئارىسىدا كەسكىن تالاش تارتىش بولدى، ئۆز ئارا ئېلېكتىرونلۇق يوللانما يوللىشىپ، بىر بىرىنى ئەيىبلەشتى. مەبلەغ سالغۇچىلار CEO نى شىركەتنىڭ 2 مىليون يۈەن پۇلىنى ئېلىپ ئامېرىكىغا ئېلىپ كەتتى دېدى، ئەمەلىيەتتە دەتالاش بولۇشنىڭ سەۋەبى مەبلەغ سالغۇچى يېڭى مەبلەغ سېلىش شارائىتىدا CEO نى پېيىنى بىر خانىلىق سانغا چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، قۇرغۇچىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. مەن بىلىدىغان 24 چەكنىڭ مەبلىغى ئىچىدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشقا ئارىلاشقاندىكى بەزى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ئەخلاق ۋە پەزىلەتنى قايرىپ تۇرۇپ قارىغاندا، قۇرغۇچىسى دۇ يىنەن KKR نىڭ مەبلەغ سالغۇچى لىدىرى بولۇش بىلەن بىرگە خارۋاردنى پۈتتۈرگەن، مال مۈلۈكتە پۇل تاپالىشى مۇمكىن، لېكىن باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە تەجرىبىسى يېتەرلىك ئەمەس. مەبلەغ سالغۇچىلار ئەمەلىيەتتە بىر توپ سىنگاپورنىڭ مالىيە مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنگاپورلۇقلار بەك ئىنچىكە بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلىغا ماس كەلمەيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر بىلەن مەنپەئەت تەقسىماتىدا زىددىيەتنىڭ بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بۇ پەقەت خاتا ۋاقىتتا خاتا توينىڭ بولغىنىغا ئوخشاش، ئاجرىشىدىغان ۋاقىتتا يەنە بىر بىرىگە گۇماندا بولىدۇ.
داۋام تەرەققىياتى: 10-ئاينىڭ 20-كۈنى توپ سېتىۋېلىش تور بېكىتى 24 چەك نورمال تىجارەت قىلغىلى بولمىغانلىقتىن 20-چېسلادىن باشلاپ توپ سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىنى توختاتتى، خىزمەتچىلەر ھەممىسى ئۇزۇن دەم ئېلىشقا چىقىپ، ھازىر 24 چەك تور بېكىتىدىكى توپ سېتىۋېلىش پائالىيىتى بىر چۈشەندۈرۈلۈش تەرىپىدىن ئالماشتۇرۇلدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا F گۇرۇھىنىڭ سېتىۋېلىش مەقسىتى بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچى بىلەن دۇ يىنەن قايتا سۆھبەتلەشمەكچى بولغان، كېيىن خەۋىرى بولمىدى.

11. PPG: سۈنئىي ئاپەتتىن ۋەيران بولدى
PPG 2005-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، كەسىپ مودىلى توردا كىيىم سېتىش ئىدى. يېنىك مال-مۈلۈك، ئوبوروت ھالقىسىنىڭ ئۇقۇمىنى ئازايتىش ئارقىلىق تېلېۋىزور ۋە تاشقى ئېلانى ئارقىلىق تېزلا PPG نى بازاردىكى يېتەكچى ئورۇنغا كۆتۈردى، ھەممە يەردە «Yes! PPG » نىڭ ئېلانى ۋە ۋۇ يەنزۇنىڭ ئىشەنچلىك كۈلۈمسىرىشى بولۇپ كەتكەن ئىدى.
مەغلۇبىيەت ساۋىقى: قۇرغۇچىسى پۇل يۇيغان. ئۈچ ئايلانما مەبلەغ 46 مىليون ئامېرىكا دوللىرى شەكىل ئۆزگەرتىپ يۆتكەلگەن. كارخانا قۇرۇشنىڭ مەقسىتىنىڭ بىرى پۇل تېپىش، لېكىن پەقەت پۇل تېپىشلا بولسا بولمايدۇ. PPG نىڭ مەغلۇبىيىتى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى كارخانا تىجارىتىدە ئادەم ئامىلى ئىنتايىن مۇھىم.
#p#
2006-يىلى ئۈچىنچى پەسىلدە PPG TDF ۋە ئاسىياغا مەركەزلەشكەن بىرىنچى ئايلانما 6 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىگە ئېرىشتى. 2007-يىلى 4-ئايدا PPG ئىككىنچى ئايلانما مىليون يۈەنلىك مەبلەغگە ئېرىشتى، بىرىنچى ئايلانمىدىكى TDF ۋە جى فۇ ئاسىيانىڭ مەبلىغىدىن سىرت يەنە كەيپىڭ خۇايىڭنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشتى، ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەبلەغ سېلىش فوندىدۇر.
2007-يىلىنىڭ ئاخىرى سەنشەن شىركىتى باشقا رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ PPG غا 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى. 2008-يىلى PPG مودىلىدا فەنكې مەھسۇلاتلىرى، يوۋشەن تورى، CARRIS قاتارلىق نەچچە ئون تەقلىد قىلغۇچىلار ئوتتۇرىغا چىقتى، PPG كەسىپ ئاتامانلىق ئورنىدىن ئايرىلىپلا قالماي يەنە سوتقا چاقىرتىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكى باشقۇرغۇچىلار ئېقىپ كېتىپ ھەتتا قۇرغۇچىسى لى لىياڭنىمۇ قېچىپ كەتمەكچىكەن دېگەن سۆزلەرمۇ تارقالغان.
PPG نىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى قۇرغۇچىسى لى لىياڭ كۆرۈنۈشتە ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلغان بىلەن لېكىن يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئوبوروتى، مال ساقلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ شىركىتى ياكى ئۇنىڭ بىلەن ۋاسىتىلىق مۇناسىۋەتلىك، ئۇ توختىماستىن شۇ شىركەتلەرگە پۇل ئۇرغان، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ پۇلى شەكىل ئۆزگەرگەن ھالدا ئۆزىنىڭ نامىغا كىرگەن. پۇلنى يۆتكەپ بولغاندىن كېيىن لى لىياڭمۇ يوقاپ كەتكەن. ئۇ باشلىغاندىلا پىلانلىق ھالدا پۇلنى يۇيغان. ئۇ ئەقىللىك، تىرىشچان ۋە ئىجرا قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولسىمۇ چىقىش نۇقتىسى دۇرۇس بولمىغان.
داۋام تەرەققىياتى: PPG تاقىلىپ قالغان، لى لىياڭ ئامېرىكىغا چېقىپ كەتكەن. مەبلەغ سالغۇچىلار ئاخىرىدا ۋاز كەچكەن. فەنكې باش كۆتۈرگەندىن كېيىن PPG مۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن.

12. ۋېيمىيەن
ۋېيمىيەن تورى 2010-يىلى 11-ئايدا رەسمىي ئېچىلغان بولۇپ ئۇ نەزىرىنى يۇقىرى بازارغا قاراتقان. ۋېيمىيەن تورىنىڭ مەھسۇلاتلىرى پايپاقتىن ئاستا ئاستا ئىچ كىيىم، شارپىلارغا كېڭەيگەن، كېيىن يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودىغا قاتنىشىپ، نۇرغۇن مەبلەغنى ئېلان ئىشلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.
مەغلۇبىيەتنىڭ ساۋىقى: خاتا كەسىپ
2012-يىلى 12-ئايدا، شۈ شىياۋپىڭنىڭ دىققىتى توردىكى ۋېيمىيەنگە ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، كەينىدىنلا سىنادا ۋېيمىيەن تورىدىكى CEO لىن ۋېيگە مەخپىي خەت يوللاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ يۈز-تۇرانە پاراڭلىشىشنى سورايدۇ.
پەقەت 20 مىنۇتلۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن كېيىن، شۈ شىياۋپىڭ لىن ۋېيغا خەلق پۇلىدىن 10 مىليونلۇق پەرىشتە مەبلىغىنى بېرىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ ئىش كەسپى ساھەلەردە بىردەك قىزىق پاراڭ بولۇپ قالدى.
#p#
بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ۋېيمىيەن تورى كۆپ قېتىم كىرىزىسقا ئۇچرىدى، «نەچچە ئون مىليونلىق ئېلان قەرزگە بوغۇلدى»، «ۋېيمىيەن كەسكىن ھالدا خادىم قىسقارتىدۇ» دېگەندەك خەۋەرلەر ئۈزلۈكسىز قويۇلۇپ تۇردى. بۇ يىل يەتتىنجى ئايدا، مال تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ئىشىككىچە بېرىپ قەرز سۈيلىدى، بىراق بىر ئايغا سوزۇلغان ۋاقىت ئىچىدە، ۋېيمىيەن يەنىلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئامبارلىرى قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ پېچەتلەندى.
پايپاق گەرچە ئاسان ئۇپرايدىغان بويۇم بولسىمۇ لېكىن پارچە باھاسى تۆۋەن، ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىشقا قىلچىلىك ماس كەلمەيدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقىرى باھادىكى ئېقىم دەسمايىسى تېخىمۇ شۇنداق. بۇ دەل بىر خاتا بولغان ساھە. شۈ شىياۋپىڭ مۇئەللىمنىڭمۇ قايمۇقۇپ قالىدىغان ۋاقتى بولدى.
كېيىنكى تەرەققىيات: تور بېكىتىنى ئېچىش مۇمكىن بولمىدى؛ شىركەت ئاللىبۇرۇن ۋەيران بولغان بولۇشى مۇمكىن.

13. پىنجۈ تورى
پىنجۈ تورى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي ئېچىلىپ سىناق تەرىقىسىدە سودىسىنى باشلىدى، بۇرۇنقى شېڭدا جىن كۇنىڭ CEO گې ۋېنۋېن قاتارلىقلارنىڭ بىرلەشمە مەبلىغى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. گې ۋېنۋېن بىردەك سىرتقا مۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن، شېڭدا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ 2 مىلياردلىق مەبلىغىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، نىشاننى بىر يىل ئىچىدە تاۋباۋ تورى سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇنغا يەتكۈزۈش، ئۈچ يىلدىن كېيىن بازارغا سېلىش دەپ بېكىتتى.
مەغلۇبىيەتنىڭ ساۋىقى: كەسىپنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنماسلىق
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋەردە، شېڭدا چىشىيا ئېلېكتىرونلۇق سودا بېكىتىنىڭ پىنجۈ تورى تاقالدى دېيىلگەن. پىنجۈ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى گې ۋېنۋېن، تور بېكىتىنىڭ تاقىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مەبلەغنىڭ جايىدا ئىشلىتىلمىگەنلىكى دەپ بېكىتتى، ئۆزىنىڭ بىر ۋەيرانە ئاقىۋەتنى قالدۇرماسلىقى ئۈچۈن، تور بېكىتىنى تاقاش ئامال بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى ئامال دەپ قارىدى.
شېڭدا گۇرۇھى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدە مۇنداق كۆرسەتتى، شېڭدا گې ۋېنۋېن قۇرغان پىنجۈ تورىغا ئەزەلدىن مەبلەغ سېلىپ باقمىغان. پىنجۈ تورىنىڭ بارلىق كارخانا ھەرىكەت سىستېمىسى پىنجۈ تورى ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ چىقتى.
#p#
كاپىتال مازغاپلاشقان دەۋردە، ھەرقانداق ئادەم پو ئېتىپ ھەممىنى بېسىپ چۈشىمەن دېيەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، كەسىپنىڭ قانۇنىيىتىنى ھۆرمەتلەش ئەڭ مۇھىم. بۇنىڭدىن سىرت، شېڭدا جەمەت خاراكتېرىدىكى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقىلارنىڭ پۇلىنى باشقۇرىدىغان خەتەرلىك مەبلەغ بولمىسا، شېڭدادەك بۇنداق ئىقتىسادىي گۇرۇھ بۆرە بىلەن ئۇسۇل ئويناپ، ئەمەلىي ئىلگىرىلەش بولمايدۇ، چىياۋ گېنىڭ داۋاملىق قوللىشىغا ئېرىشىش مۇمكىن بولمايدۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چىياۋ گېنىڭ ئۇسلۇبى ھەر بىر ساھەنىڭ ھەممىسىگە كىرىش ئىكەن. پەقەت مۇۋاپىق ئادەمنى تاپالىسىلا، سىزگە پۇل ۋە بىر ۋاقىت بۆلىكى بېرىدۇ. ئەگەر ياخشى قىلالمىسىڭىز، تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. بۇ شېڭدا سىستېمىسىدىكى مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. فېڭ توۋمۇ شېڭدا سىستېمىسىدىكى شىركەتكە ئەگىشىشنى خالىمىغان.
پىنجۈنىڭ مىسالى پەقەت شېڭدا سىستېمىسى مىسالىنىڭ كىچىكلىتىلىشى.
كېيىنكى تەققىياتى: شېڭدا ۋە گې ۋېنۋېن ئۆز-ئارا دېيىشىۋېلىپ، سوتقا ئەرز قىلىش توغرىسىدا داۋراڭ سېلىپ، ئاخىرىدا نەتىجىسىز قالغان.

14. بەش مىنۇت
داڭلىق بولغان «كۆڭۈللۈك دېھقانچىلىق مەيدانى» «كىچىك جەڭ» ئويۇنلىرىنى ئېچىش بىلەن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان.
مەغلۇبىيەتنىڭ ساۋىقى: ئۆزگىرىشتىكى مەغلۇبىيەت
2012-يىلى 5-ئايدا، «بەش مىنۇت» B ئايلانمىلىق مەبلەغنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەمدە ھازىرقى ئىشخانىسى ياڭ پۇ ئەقلىي ئىقتىدار رايونىدىن چېكىنىپ چىقتى.
«بەش مىنۇت»نىڭ ۋەيران بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىچكى، تاشقى ئىككى سەۋەبتىن چىققان. ئىچكى سەۋەبى بولسا ئۆزگىرىشتىكى مەغلۇبىيەت، تاشقى سەۋەبى بولسا مەبلەغدىكى پايدىسىزلىقتۇر.
بۇ يىل 4-ئايدا، «بەش مىنۇت» دەسلەپكى تىپتىكى ئويۇن HTML5  «ئىتتىپاقداشلار جېڭى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، تۇنجى تىپتىكى يانفون ئويۇنى «تاشپاقا بىلەن توشقاننىڭ قايتا يۈگۈرۈشى»نىڭ ئابونىتلىرى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. سىرتىدىن قارىغاندا، «بەش مىنۇت» يانفون ئويۇنى يۆنىلىشىگە ئۆزگەرگەندەك كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تور بەتتىكى ئويۇندىنمۇ ۋاز كەچمىدى. بىراق ئەمەلىي ئىقتىدارى چەكلىك بولغان ئۇ ئۇرۇش سېپىنىڭ ئۇزۇن بولۇپ كېتىشىدەك خاتالىقنى سادىر قىلدى، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈشتەك يولنى تۇتمىدى. بۇ ئىككى يىلدا، باشقا ئىجتىمائىي تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كۆڭۈللۈك تورىنىڭ تۈرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى دۆلەت ئىچىدە ھەر قانداق مۇتلەق ئەۋزەللىكى يوق.
بۇنىڭدىن سىرت،يانفون ئويۇنى ساھەسىدە، رىقابەت تور بېتىدىكى ئويۇنلاردىن تېخىمۇ كەسكىن، پەقەت ئالما appstore ۋە Android بازاردىكى ئورنىغا قاراپلا شۇنى بايقىغىلى بولىدۇكى، يانفون ئويۇنى ئۇنى-بۇنى دەپ، ئاخىرىدا پەقەت بىر نەچچە كۈنلۈك تەنتەكلىك خالاس.
#p#
مەبلەغ جەھەتتە، «بەش مىنۇت» A ئايلانمىلىق مەبلەغنى قۇرۇتىۋېتىدۇ، مەلۇم سودا شەكلى ئارقىلىق يېڭى مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كۆڭۈللۈك تور بېكىتى تەرىپىدىن تۆۋەنگە تارتىلىۋاتقان، ئۆزگىرىشى يورۇقلىقنى كۆرۈۋاتقان ھەم يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا تىمسىقىلاپ يۈرۈۋاتقان «بەش مىنۇت» رەھىمسىز رىقابەت ئالدىدا، ھېچقانداق قايىل قىلىش كۈچى يوق. A ئايلانمىلىق مەبلەغكە سېلىشتۇرغاندا بىرقىسىم نەزەرىيەلەرنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ، B ئايلانما مەبلىغى بولسا بىرقەدەر ئەمىلىي ھېسابلىنىدۇ. ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، «بەش مىنۇت» ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىملىق مەبلەغكە ئېرىشكەن، 2009-يىلى 12-ئايدا دې فېڭجې 35 مېليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان، 2010-يىلى 7-ئايدا CyberAgent بىرلەشمىسىنىڭ JAIC جۇڭگودىكى مەبلىغىنىڭ سوممىسى 500 مىڭدىن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئارىسىدا بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا، بەش مىنۇتنىڭ ئۆزگىرىشتىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ سەۋەبى قۇرغۇچىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى پايدىسىزلىقىدۇر. قۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، خىزمەت تەجرىبىسى يوق، مەبلەغ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر ئەترەتلەر بارا-بارا يوقىلىدۇ، شىركەتنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىمۇ بىلمەك تەس ئەمەس.
كېيىنكى تەرەققىياتى: ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئاللىبۇرۇن ئىككى شىركەتكە پارچىلىنىپ كەتكەن. شۈ چېڭ يەنىلا كونا قىسىمدىكى تىجارەت سىنا مېكرو ئويۇن سەھپىسىنى باشقۇرغان؛ خاۋ يۈننىڭ ئاللىبۇرۇن تەرەققىياتى بولمىغان.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى