ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(4)

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(4)

ۋاقتى: 2016-07-11 ئاۋاتلىقى: 446 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(3)» بۇ يەردە!

 

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(4)

 

2. جامائەت پىكرى قوراللىرىنىڭ نازارىتى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار نازارىتى


گېزىت-ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق جامائەت پىكرى قوراللىرىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، خەۋەر ۋاستىسىنى قوللىنىپ، مەھسۇلات سۈپىتىگە جامائەت پىكرى ئارقىلىق نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.


ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ نازارىتى ئاساسلىق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ۋە باشقا ئىستېمالچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەھسۇلات سۈپىتىگە قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ئىجتىمائىي نازارىتىنى كۆرسىتىدۇ.


ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان تەشكىلاتلارنى ئارقا-ئارقىدىن قۇرماقتا. ئىستېمالچىلار ئىتتىپاقى خەلقئارا تەشكىلاتى ئىستېمالچىلارنىڭ خەلقئارالىق بىرلەشمە تەشكىلاتىدۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1985 –يىلى «ئىستېمالچىلارنى قوغداش مىزانى»نى ماقۇللىدى.


ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، 1993-يىل 10-ئاينىڭ 3-كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ مەملىكەتلىك 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى ماقۇللىغان «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»دا، «ئىستېمالچىلار تەشكىلاتى» مەخسۇس باب قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ فونكىسيىسىدە ئېنىق قىلىپ: «ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلارنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەتكە بولغان نازارەت-تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىدۇ»، «تاۋار ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان دەۋا ئىشلىرىنى باھا بېرىش ئورۇنلىرىنىڭ باھا بېرىشىگە سۇنسا بولىدۇ، باھا بېرىش ئورۇنلىرى باھالاش خۇلاسىسىنى ئۇقتۇرۇشى لازىم»، «ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەردە، زىيانغا ئۇچرىغان ئىستېمالچىلارنىڭ دەۋالىرىنى قوللايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

----------------------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى



3. ئىستېمالچىلار ۋە خېرىدارلارنىڭ نازارىتى


دۆلىتىمىزنىڭ «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى» دا، ئىستېمالچىلار ۋە خېرىدارلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە بولغان نازارىتىگە دائىر تەپسىلى بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان.


بىرىنچىدىن، بۇ قانۇندا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى ئېنىق بەلگىلەنگەن، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقلىرى مۇنۇلار: (1) تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى چۈشىنىش ھوقۇقى؛(2) تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى تاللىۋېلىش ھوقۇقى؛ (3) تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىخەتەرلىكىگە، تازىلىقىغا ئېرىشىش ھوقۇقى؛ (4) تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى، سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى؛ (5) تاۋار ۋە مۇلازىمەتكە پىكر بېرىش ھوقۇقى؛ (6) تاۋار ۋە مۇلازىمەتتە زىيانغا ئۇچرىغاندا تۆلەم ئېلىش ھوقۇقى.


ئىككىنچى، ئىستېمالچىلار، خېرىدارلار مەھسۇلات سۈپىتى مەسلىسى توغرىلىق، مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ساتقۇچىلاردىن سۈرۈشتە قىلىش؛ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار باشقا مەمۇرىي تارماقلار ياكى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ۋە خېرىدارلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىغا ئىنكاس قىلىش ياكى ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق، يۇقىرىدا ئېيتىلغان تارماق ۋە تەشكىلاتلار بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرز سۇنۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دائىر تالاش-تارتىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىشى شەرت.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى