ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەركەزگە قاراشلىق 47 كارخانا شىنجاڭدىن توردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

مەركەزگە قاراشلىق 47 كارخانا شىنجاڭدىن توردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

ۋاقتى: 2016-08-19 ئاۋاتلىقى: 412 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

12-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-نۆۋەتلىك مەركەزگە قاراشلىق كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەيدىن ئىبارەت ئۈچ رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان بولۇپ، پائالىيەت ئىزچىل 4 ئاي داۋاملىشىپ، 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.


بۇ قېتىملىق مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستېرلىقى، مائارىپ مىنىستېرلىقى، دۆلەت خەزىنىسى كومىتېتى تەشكىللىگەن. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستېرلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسى، مائارىپ مىنىستېرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەھكىمىسى، دۆلەت خەزىنىسى كارخانا تەقسىملەش ئىدارىسى، مەملىكەتلىك ئىختىساسلىقلار ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن.
تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى ئاساسلىقى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ رايوندىكى 2014-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان (شۇ ئۈچ رايون نوپۇسىدىكى ۋە ئەسلى نوپۇسى شۇ ئۈچ رايونغا تەۋە ئوقۇقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى ئاساس قىلىدۇ. ئالدىنقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن، تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشسا بولىدۇ. بۇ قېتىملىق مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئاساسلىقى توردا تەكلىپ قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، لېكىن ھەر قايسى جايلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن نەق مەيدان تەكلىپ قىلىش شەكلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ.
ھازىر، دۆلەت خەزىسىنى كومىتېتى، مائارىپ مىنىستېرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستېرلىقى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەركەزگە قاراشلىق كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەيگە يۈزلەنگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى قاتارلىق 50 نەچچە مەركەزگە قاراشلىق كارخانىلار 4000 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى تەمىنلىگەن.
بۇ قېتىملىق تەكلىپ قىلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي قاتارلىق ئۈچ رايوندىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئورۇنلىرى، مائارىپ ئورۇنلىرى ۋە مەركەزگە قاراشلىق كارخانىلارنىڭ تور بېكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايدا تەكلىپ قىلىش مەخسۇس يىغىنىنىڭ ئېلانىنى قويۇشى، ھەمدە جۇڭگو دۆلەتلىك ئىختىساسلىقلار تورى (www.newjobs.com.cn) غا ئۇلىنىش قىلىشى، مەملىكەتلىك ئاممىۋى تەكلىپ قىلىش تورى (www.cjob.gov.cn)، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىترولوق سۇپىسى (www.ncss.org.cn) قاتارلىقلاردا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ماس قەدەملىك ئېلان قىلىشى كېرەك.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۈچ رايوندىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئورۇنلىرى تەكلىپ قىلىش مەزگىلىدە شۇ يەرلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئېنىقلايدىغان بولۇپ، تەلەپكە ماس كېلىدىغان كارخانىلار كەسىپتە تەربىيەلىنىش تولۇقلىمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سوغۇرتىسى تولۇقلىمىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىلىرى تۇرمۇش تولۇقلىمىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت تەمىنلىشى كېرەك.

ئەسلى خەنزۇچە مەنبە:
http://news.ts.cn/content/2013-12/16/content_9070346.htm

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى