ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەشتىكى 30 خىل مەغلۇب بولۇش ئۇسۇلى

ئىگىلىك تىكلەشتىكى 30 خىل مەغلۇب بولۇش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2013-05-23 ئاۋاتلىقى: 685 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاپتورى: جىن خەيتاۋ ( شېنجېن شەھەرلىك مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئايشەمگۈل
ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇب بولۇش دېگەن نېمە؟ تاقىلىپ قېلىش مەغلۇب بولۇش بولىدۇ؛ بىر ئۇلۇغۋار شىركەتنىڭ ئاددى ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىمۇ مەغلۇبىيەت بولىدۇ؛ مۆلچەرلىگەن نىشان بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدا پەرق ناھايىتى چوڭ بولسا، بۇمۇ مەغلۇبىيەت بولىدۇ؛ بارغانسېرى زور قىلىشنى ئويلاپ، ئەكسىچە كىچىكلەپ كەتكەندە، بۇ مەغلۇبىيەت بولىدۇ؛ ئازراقلا بوران چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمىگەندە بۇ مەغلۇبىيەت بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەڭ مەنىدىكى مەغلۇبىيەت.
دەسلەپكى تۈرگە مەبلەغ سالغاندا ئۇنىڭ غەلىبە قىلىش نىسبىتى %20؛ ئۆسۈش مەزگىلىدىكى تۈرگە مەبلەغ سالغاندا غەلىبە قىلىش نىسبىتى %50؛ پىشىپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى، بازارغا چىققان شىركەت تۈرگە مەبلەغ سالغاندا ئۇنىڭ غەلىبە قىلىش نىسبىتى %70 بولىدۇ؛ 
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەغلۇبىيىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەغلۇبىيەتنى مۇھاكىمە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. مەن تۆۋەندە بەش قاتلامدىكى ئەمەلىي  مىسالىنى ئېلىش ئارقىلىق مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلنى سۆزلەپ ئۆتىمەن. 
بىرىنچى، ئىگىلىك تىكلەش روھى ۋە ئەخلاق قاتلىمى؛ ئىككىنچى، كارخانا تەرەققىيات ئىستراتېگىيە قاتلىمى؛ ئۈچىنچى، شىركەت باشقۇرۇش قاتلىمى؛ تۆتىنچى، مەھسۇلات تېخنىكا قاتلىمى؛ بەشىنچى، سودا ئىستراتېگىيە ۋە تىجارەت شەكلى قاتلىمى.
 
بىرىنچى، ئىگىلىك تىكلەش روھى ۋە ئەخلاق قاتلىمى
1. غايە كەمچىل بولۇش
ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىنىڭ كىشىگە بەرگەن بىرىنچى تەسىرى بولسا غايىگە باي بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، بىز مەبلەغ سېلىپ مەغلۇب بولغان كارخانا، مەغلۇب بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئەڭ ئاۋۋال بولسا غايە كەمچىل، ئۇلار پۇلىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ.
#p#
بىز مەبلەغ سالغان ئەيدىز كېسىلى دورا تەتقىق قىلىش شىركىتى، مۆلچەرىمىزچە بىر چولپان كارخانا ئىدى. ئەگەر بۇ كارخانا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولسا، بازاردا چوقۇم زور تەسىر قوزغايتتى. بىراق تاقىلىپ كەتتى، خوجايىن تۈرمىگە كىردى. نېمە ئۈچۈن، ئىگىلىك تىكلەش جەرياندا ئۇ مۇشۇ سۇپا ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلىغان. ئەگەر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر پۇلنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويسا، چوقۇم مەغلۇب بولىدۇ، چۈنكى ئۇ پۇل ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى قىلىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، كىچىك تىجارەت قىلغاندا چوقۇم تىرىشچان بولۇش، تىجارەتكە ئەقلىنى ئىشلىتىش، ئەگەر تىجارەتنى چوڭ قىلماقچى بولسا چوقۇم ئەخلاقىغا تايىنىش، يەنە چوقۇم غايە بولۇش كېرەك.
 
2. پەقەت شامال يۆنىلىشى ۋە سۇ ئېقىمىغا ماسلىشىش، چىدامچانلىق ۋە غەيرەت كەم بولۇش
بىز مەبلەغ سالغان بىر شىركەت، يېڭى دورا ئىشلەپچىقىراتتى. ئۆتكەنكى ئون يىل ئىچىدە، ئۇ بىر پۇڭ كىرىم قىلىپ باقمىغان. بىراق ئۇ بەرداشلىق بېرىپ كەلدى. ئامېرىكىدىكى ئوخشاش دورا ئىچىدە ئۆتكەن يىلى 780 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلغان، ھالبۇكى بىز ئىشلەپچىقارغان بۇ دورىنىڭ باھاسى بۇنىڭ يېرىمىچىلىك ئەرزان بولسىمۇ بولاتتى. بۇ غەلىبە ھەقىقەتەن چوڭ غەلىبە ئىدى. بىراق ئەگەر مۇشۇ بەرداشلىق بېرىش روھى بولمىغان بولسا، بۇ شىركەت بۈگۈنكى كۈنگە كېلەلمەيتتى.
بىز مەبلەغ سالغان يەنە بىر كارخانا، روتېر ساھەسى راۋاجلانغاندا روتېر ئىشلەپچىقارغان، ئەمما ئانچە ياخشى ئۈنۈمىگە ئېرىشەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن كەسىپ يۆتكەپ تور بىخەتەرلىكىنى ئىشلەشكە تۇتۇش قىلغان. بىر يىل قىلغاندىن كېيىن، يەنە بولمىغان. ھازىر كەسىپ يۆتكەپ بىر يۇقىرى زىچلىقتىكى سىستېمىنى ئىشلىگەن، ئەمما جۇڭگودا بۇ كەسپنى چوڭايتىش ناھايىتى قىيىن. ئەگەر بۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچى روتېر ئىشلەپچىقىرىشتا چىڭ تۇرغان بولسا، مېنىڭچە شۇ شىركەت ئاز بولغاندىمۇ ھازىرقىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتى.
#p#
3. ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىگە ھەددىدىن زىيادە ئېسىلىۋېلىپ، كونىنى ياقىلاپ ئۆزگەرمەسلىك
مەھسۇلات دەرىجىسىنىڭ ئۆرلىشى، شەكلىدىكى يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىش. ھەر قانداق بىر تەرەپ، ئەگەر ھەددىدىن زىيادە ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىگە ئېسىۋالسا، ھەممىسى مەغلۇب بولۇشى مۇمكىن. بىز بىر بايلىق ساھەسىدىكى كارخانىغا مەبلەغ سېلىپ باققان، شارائىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. بىراق بۇ كارخانا ئەنئەنىنى ياقىلاپ، يېڭى مەھسۇلات ئاچمىغان، يېڭى شەكىل ياراتمىغان. ئىقتىساد كرىزىسى ئالدىدا، ئەنئەنىۋىي مەھسۇلاتنىڭ ھەر يىللىق كىرىمى 500-600 مىليون بولغان بولسا، ئىقتىسادى كىرىزىستىن كېيىن پەقەت 500 تۈمەن بولۇپ، يېرىم جان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
بىز مەبلەغ سالغان دوڭگۈەندىكى بىر ئېلېكتىر شىركىتى، ئىلگىرى پولات جازا ئىشلەپچىقىراتتى، كېيىن يۇقىرى تېخنىكا يۆنىلىشىگە قاراپ ئۆزگەرگەن، ھازىر LED يورۇتۇش ساھەسىدە ئاسىيا ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ كوچا چىرىغى 3000 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. 
سىز يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارسىڭىز، ئىلگىرىكى مەھسۇلاتتىن ئەندىشە قىلماڭ، بۇ مۇھىتنىڭ كارخانىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشى.
 
4. مەنپەئەتپەرەسلىك، ئەمەلىي ئىش قىلىش روھى كەمچىل بولۇش
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئەمەلىي ئىش قىلمىسا، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىدۇ. مەسىلەن: ئالدامچىلىق، ئالدامچىلىق بىلەن بىردەملىك غەلىبە قىلىسمۇ لېكىن مەڭگۈ شۇنداق قىلالمايدۇ. يۈزنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، سۈرئەت قوغلىشىش، بىر ئىشنى ناھايىتى تېز تاماملاشنى ئۈمىد قىلىش. ئاسماندىن چۈشكەن لوق گۆشنىڭ ھەرگىزمۇ ئىككىنچى قېتىمى بولمايدۇ. كارخانىدا ئەمەلىي ئىشلەش روھى بولمىغاندا، بۈگۈن مەغلۇب بولمىغاندا ئەتە چوقۇم مەغلۇب بولىدۇ.
#p#
5. بازارغا چىقىش ئۈچۈنلا بازارغا چىقىش، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىش
كارخانىنىڭ بازارغا چىقىشى بولسا، سۇنىڭ ئېقىنغا كىرىش جەريانى، بۇ ھەرگىزمۇ پەقەت مەھسۇلات ئورالمىسىغا تايىنىدىغان ئىش ئەمەس. بازارغا چىقىش ئۈچۈن ساختىلىق قىلىش، پايدىنى ئاشۇرۇش. بازارغا چىقىش ئۈچۈن غەربتىكى تامنى چېقىپ شەرقتىكى تامنى قوپۇرۇش، بىر قېتىم چاقسا بولىدۇ، بىراق، مۇھىت ئۆزگەرگەندە غەرب تامنى چېقىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. يەنە بازارغا چىقىش ئۈچۈن قارىغۇلارچە كېڭەيتىش، ئەگەر بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشالمىغاندا، ياكى تىجارەت كوللېكتىپى بولمىسا كېڭەيتكەندىن كېيىن مەبلەغ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
ئىككىنچى، كارخانا تەرەققىيات ئىستراتېگىيە قاتلىمى
6. ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەسىنى ئېنىق بېكىتمەسلىك
ئىگىلىك تىكلەش ھەرگىزمۇ بۈگۈن نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىك ئەمەس. ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيە قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇرغاندا، سىز خىزمەتچىلەرگە يول كۆرسىتىشكە ئامالسىز قالىسىز.
بىز مەبلەغ سېلىپ قۇياش ئېنېرگىيە كرىستالى ياسىغاندا، شىركەت پەقەت كىرىستال سۆرىمەك ياسايتتى، مۇشۇ ساھە ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇراتتى، بىراق ناھايىتى تېزلا ئىقىتىسادىي كرىزىسىقا ئۇچراپ قالدى. ئىقىتىسادىي كرىزىس ئالدىدا، كارخانا ساھە ئەھۋالىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىپ، ئەسلىدىكى كىرستال سۆرىمەك ئىشلەپچىقىرىشتىن كېڭەيتىپ باتارىيە پارچىسى، يەنە كېڭەيتىپ باتارىيە گۇرۇپپسى ئىشلىدى، 2010- يىلىغا كەلگەندە پاي تارقىتىپ بازارغا چىقتى، ئالدىنقى ۋاقىتتا يەنە ناھايىتى يۇقىرى باھا بىلەن يەنە بىر قېتىم تارقاتتى. 2010-يىللىق ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ساپ كىرىمى 514 مىليون بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى پەسلىكى ساپ كىرىم 259 مىليون بولغان، ئېشىش نىسبىتى %43.6، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1865 ئاشقان، بۇ كارخانا دۇنيادىكى قۇياش ئېنېرگىيە ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
#p#
كارخانا ئېشىش مەزگىلىگە كىرگەندە، نەق پۇل ئايلىنىشى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چوقۇم كەسىپ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلىشىش كېرەك. ئەگەر ئېشىش مەزگىلىگە كىرگەندە ساھە ئالماشتۇرمىغان ئىستراتېگىيە تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بارمىغاندا، كۈنسېرى ئارقىغا چېكىنىدۇ.
 
7. ئىستراتېگىيەنى پەقەت تېيىز قاتلامدا ئېلىپ بېرىش، چوڭقۇر قاتلاملىق تەرتىپ ۋە ئىقتىدار كەمچىل بولۇش
بىر كارخانا پەقەت ئۆتمۈشتىن يول ئىزلىسە، پەقەت يۈزەكى بايلىقتىن پايدىلىنىدۇ، نەتىجىدە كارخانا تەرەققىي قىلالمايدۇ. چوقۇم يېڭىلىق يارىتىپ كارخانا تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
 
8. كېڭەيتىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق ياكى تەرتىپسىز كېڭەيتىش
كېڭەيتىش قوش بىسلىق پىچاق. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىرىنچى، ئىزچىل كېڭەيتىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق؛ ئىككىنچى، مەبلەغ يۈرگۈزگۈچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماي، كېڭەيتىشكە ئېھتىياجلىق بولمىغاندا كېڭەيتىش. ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە كېڭەيتىش. 
لەنجۇدىكى بىر كارخانا قۇرغۇچىسى كېڭەيتىشنىڭ كېرىكى يوق، بازارنى تەمىنلىگىلى بولىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بازارنى قاندۇرالماي، كېڭەيتىشنى ئويلىغان، ھەمدە ئۇشتۇمتۇت مەبلەغنىڭ يېشىمىگەنلىكىنى ھېس قىلغان، يەنە بىر تەرەپتىن رىقابەتچىلەر ئاللىبۇرۇن ناھايىتى چوڭ قىلىپ بولغان. 
يەنە بىر كارخانا، ئەسلىدە مۇۋاپىق ۋاقىتتا بازارغا چىققان. بىراق ئۇ كۆلىمىنى كېڭەيتسە تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قاراپ، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى سېتىۋالغان، نەتىجىدە بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بىر پۇڭمۇ پايدا ئالالماي، كارخانا ۋايران بولغان. ئەگەر ئۇ قارىغۇلارچە كېڭەيتمىگەن بولسا، بازارغا چىققاندىن كېيىن، زادى قانداق كېڭەيتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلغان بولسا، بەلكىم چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولاتتى.
#p#
9. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسدە مەسىلە چىقىش
كۆپلىگەن كارخانىشۇناسلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇپ، دائىم مالىيە مەسلىھەت كۆرسەتكۈچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ. بىراق ئەگەر كارخانا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانى تۈزۈپ چىقسا، كارخانا ئاۋۋال ئۆزى چوقۇم تولۇق چۈشىنىشى كېرەك، ئەلۋەتتە، تولۇق چۈشىنىش بىرقەدەر قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن تەجرىبە توپلاش ئىنتايىن مۇھىم.
چوڭ جەھەتتىن چۈشەنگەندىن كېيىن، يەنە كۆپ جەھەتتىن باش قاتۇرۇش كېرەك. مالىيە مەسلىھەت كۆرسەتكۈچىسى كارخانىغا ئەڭ چوڭ مەنپەئەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىپ كارخانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتمايدۇ. چۈنكى بۇ مالىيە مەسلىھەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ئارتۇقچىلىقى. مەسىلەن: مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىم ئامېرىكىدا بازارغا چىقىش، ئەگەر مەن سىزگە باشقا يەرنى تەۋسىيە قىلسام، مېنىڭ تاماق قاچام يوق بولىدۇ-دېگەندەك.
 
10. مالىيە غالتىكى ئىستراتېگىيەسى مۇۋاپىق بولماسلىق
مالىيە غالتەكنى ئىشلەتمەسلىك، مۇۋاپىق بولغان قەرز كىرىم ھېساباتى بولماسلىق، ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى كارخانا ئەمەس. ئەگەر قەرز بەك يۇقىرى بولسا، ئايلانما خەتەر يۇقىرى بولىدۇ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا قەرزگە بەرداشلىق بېرەلىگەن بىلەن، مۇھىت ئۆزگىرىشىگە يولۇققاندا، بولۇپمۇ ئىقتىسادى كرىزىس يۈز بەرگەندە بەرداشلىق بېرىش ناھايىتى قىيىن.
كارخانىلارنىڭ ئۆزئارا كاپالەتلىك بېرىشى ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلىق، شۇنداقلا جىددى قۇتقۇزۇش شەرتىنى قاندۇرالمايدۇ. بىز بىر ئىنچىكە ئايرىلىغان چوڭ  كارخانىغا مەبلەغ سالغان، ئۇلار باشتىن ئاخىر كېڭەيتىش ئېلىپ بېرىپ پۇل يېتىشمىسە قەرز ئالاتتى. قەرز ئالغاندا كاپالەت بەرگۈچى ئىزدەپ، ئۆزئارا كاپالەت بەرگەن، ئەسىلىدە قۇتقۇزۇش پۇرسىتى بار بولسىمۇ لېكىن، كاپالەتلىك بەرگۈچىمۇ ۋەيران بولغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئارا كاپالەت بېرىش ئۆزى ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇسۇل، ھەرگىزمۇ مالىيە تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئۆز-ئارا كاپالەت بېرىشكە بولمايدۇ.
#p#
ئۈچىنچى، شىركەت باشقۇرۇش قاتلىمى
11. جەمەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يۈرگۈزۈپ، ياردەمچى قارار چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسى كەمچىل بولۇش
كۆپلىگەن كارخانا جەمەت كارخانىسى بولۇپ، يەنە ئاز بولمىغىنى ئەر-ئايال ئاچقان دۇكان. مېنىڭ قارىشىم بولسا، ئەگەر بىر كارخانا مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسا، چوقۇم ئەر-ئايال ئاچقان دۇكاننى ئېتىۋېتىشى كېرەك. جەمەت كارخانىسى مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسا، چوقۇم قارار چىقىرىش ئوچۇق بولۇش تۈزۈمى يۈرگۈزۈش كېرەك. جەمەت كارخانىسى قانداق مەسىلىنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆەن؛ ئىككىنچىدىن، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا خىزمەتچىلەرنىڭ ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشى ناھايىتى قىيىن؛ ئۈچىنچىدىن، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش ناھايىتى قىيىن.
 
12. كارخانا يادرولۇق خادىملىرىنىڭ پاي كونترول قىلىش نىسبىتى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن
كارخانا يادرولۇق خادىملىرىنىڭ پاي ئىگىلەش نىسبىتى ئەگەر %30 تىن تۆەن بولسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ. بىز مۇنداق بىر شىركەتكە مەبلەغ سالغان، ساھە ئىچىدە ناھايىتى ياخشى، كارخانا سەۋىيەسى يۇقىرى، بىراق مۇشۇ كارخانىدىن چىققان ئادەم، بىر يۈرۈش شىركەتنى ياراتقاندىن كېيىن، بۇ كارخانا ۋەيران بولغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىق ئەزانىڭ پاي نىسبىتى بەڭ تۆۋەن بولۇشتىن بولغان. ئىگىلىك تىلىگۈچىلەرنىڭ پاي نىسبىتى بەك تۆەن بولسا، خىزمەت قىلىش پوزىتسىيەسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، خوجايىن ئۆزگەرمەي، كوللېكتىپ دائىم ئالماشسا بولمايدۇ. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، چوقۇم كوللېكتىپقا پاي ھوقۇقى بېرىش ھەرگىزمۇ كوللېكتىپنى، مەھسۇلاتنى ئالماشتۇرماسلىق  كېرەك، بۇنداق ئۇسۇلنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.
#p#
13. رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن تىزگىنلەش ماسلاشماسلىق
رىغبەتلەندۈرۈش جايىدا بولمىغاندا، رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. 100 يۈەن سەرپ قىلشىقا تېگىشلىك جايغا پەقەت 60 يۈەن سەرپ قىلسا، بۇ پۇلنى بىكار خەجلىگەن بىلەن ئوخشاش. مېنىڭ پىكىرىم بولسا، كوللېكتىپقا مائاش قوشۇش، يۇقىرى تەمىنات بېرىش ياخشى ئەمەس، ئەڭ ياخشىسى، پاي بېرىش كېرەك. تىزگىنلەشمۇ ناھايىتى مۇھىم. تىزگىنلەشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ بۇ دەل "يامان نىيەت بولسىمۇ جۈرئەت بولماسلىق". يامان نىيەت بولغان بىلەن، جۈرئەت بولمىسا ئۇنى تۈزۈم بىلەن باشقۇرغىلى بولىدۇ.
 
14. ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىنىڭ ئەقلى تۈزۈلمىسى ناھايىتى ئاددى، ئۇسلۇبى ئوخشاش
ئىگىلىك تىكلىگۈچى كوللېكتىپ تۈزۈلمىسى تولۇق بولمىغاندا، ھەممىسى بىر خىل كەسىپتىكى ئادەملەر بولسا، ئاسانلا مەسىلە چىقىدۇ. بەزى كىشىلەر يۇقىرى تېخنىكا ئىشلىرىغا ماس كەلسە، بەزىلىرى باشقۇرۇشقا ماس كېلىدۇ، بەزىلىرى تىجارەتكە ماس كېلىدۇ؛ ئىچكى مىجەز كىشىلەر تېخنىكا ئىشلىرىغا، تاشقى مىجەز كىشىلەر باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلشىقا ماس كېلىدۇ، خادىملارنى چوقۇم ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى ياخشى بولسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى ياخشى بولمىسا، مۇۋەپپەقىيەت نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ ياكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.
#p#
15. خادىملارنىڭ زېھنىنى ھەددىدىن زىيادە تىزگىنلەش
كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلا ۋاقىتتا ناھايىتى كۆپ ئىشنى قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش بىر ئىشنى مەخسۇس قىلغانغا يەتمەيدۇ. ئەگەر خوجايىن بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئىشقا زېھنىنى قويمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بىرىنچىدىن، سىزنىڭ CEO چوقۇم شىركەت پاي ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، بەك ئاز بولۇپ قالسا بولمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، چوقۇم كىشىلىك پەزىلەتلىك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇش، خىزمەتچىلەر ئالدىدا، جەلپ قىلىش كۈچى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر جەلپ قىلىش كۈچى يېتەرلىك بولمىغاندا، مەغلۇب بۇلۇش نىسبىتى ئارتىپ كېتىدۇ.
 
تۆتىنچى، مەھسۇلات تېخنىكا قاتلىمى
16. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قوغداش كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قوغداش، كارخانا پايدىسىغا زور بولغان تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگودىمۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئاساسلىق پايدا نىشانى قىلىدىغان كارخانا بار، تېخىمۇ كۆپ ئەھۋالدا، بولۇپمۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ياخشى قوغدىغاندا، كارخانا ناھايىتى ياخشى بولغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىدۇ. ئەگەر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قوغداش جەھەتتىن بىر قەدەر چوڭ يوچۇق بولسا، بۇنداق تۈرنى ئىشلىمىگەن ياخشى.
#p#
17. تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە بازار ئېپى تۆۋەن بولۇش
ئىشنىڭ ئېپى ئىككى خىل بولىدۇ: بىرسى تېخنىكا ۋە بازار ئېپى. سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشىنى ئاددى مۇرەككەپ دەپ ئايرىشقا بولمايدۇ. بەزى كارخانىنىڭ قىلغان ئىشى، قارىماققا ئاددى بولسىمۇ. ئىش قىلىشقا بولغان ئېپى ناھايىتى يۇقىرى. چۈنكى بازار ئورنى بولسا ناھايىتى ياخشى بولغان بىر ئەپ، بازار ئورنى يۇقىرى، كۆلىمى چوڭ بولسا، بۇنداق كارخانىنىڭ ئېپى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.
 
18. ئورنىغا قويۇش خاراكتېرى كۈچلۈك
ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئورنىغا قويۇش يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۈچ خىل ئورنىغا قويۇش ئۇسۇلى بار: بىرىنچىسى، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك، مەسىلەن LCD نى CRT غا ئالماشتۇرۇش؛ ئىككىنچى خىلى بولسا كۆپ خىللىق، مەسىلەن كىنو فىلىمى ۋە تېلېۋىزىيە فىلىمى؛ ئۈچىنچى، پەرقلىق، مەسىلەن توردا ۋە ئەمەلىيەتتە مال سېتىۋېلىش ئۇزۇن مەزگىل بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
 
19. تورۇس بولۇش
بەزى يۇمشاق دېتال شىركىتى، بازار ئىگىلەپ بىر مەزگىلگە كەلگەندىن كېيىن، يەنە بىر مەخسۇس يۇمشاق دېتالنى پىلانلاش. رەسمىي پىلانلاش ۋاقتى كەلگەندە، بوشلۇق ناھايىتى كىچىك بولۇش. ئەگەر تورۇس بارلىقىنى بىلسە ئانچە قىزىقماسلىقى مۇمكىن. ئۆز ئىچىدىن بايلىق توپلاش ناھايىتى قىيىن، ياكى بازاردىكى پاي باھاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تورۇس پەيدا قىلغان.
#p#
20. بازار يەككە بولۇش
ئىلگىرى جۇڭگودىكى مەھسۇلاتنى ئېكسپورت قىلىدىغان كارخانا ياخشى كارخانا ھېسابلىناتتى، ھازىر ھەم ئېكسپورت قىلىدىغان ھەم ئۆز ئىچىدە بازارشۇناسلىق ئېلىپ بارسا ئاندىن ياخشى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى بازارنىڭ ھەممىسىدە سېتىشقا جۈرئەت قىلغاندا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى سېتىش قانۇنىيىتىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. يەككە بازاردا ئىقتساد دەۋرىيلىكى ۋە ماكرو مۇھىت ئۆزگىرىشى كارخانا مەۋجۇت بولۇش تۇرۇشى ئۈچۈن قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
 
21. بايلىق ۋە مۇھىتقا بولغان بېقىنىش بەك چوڭ بولۇش
ئىگىلىك تىكلەش ياكى مەبلەغ سېلىشتا، چوقۇم سەرپىياتىنى ئازلىتىش كېرەك، شۇنداق قىلغان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. ھازىرقى كارخانا ئۈچۈن ئېيتىلغاندا، ئىككى خىل ئسىتراتېىگىيە بار: بىرىنچىسى، بايلىق ۋە مۇھىتقا بولغان بېقىنىشنى ئازايتىش؛ ئىككىنچىسى، مۇھىت ئۆزگىرىشىگە بولغان ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئىقتساد كرىزىسىدە مۇنداق بىر ھادىسە بار: ئېھتىياج تۆۋەنلەيدۇ، بىراق چەكلىك بولغان ئېھتىياج ناھايىتى زىچ، بۇنداق بولغاندا كەم ئۇچرايدىغان ئىلغار كارخانىغا ئايلانغىلى بولىدۇ.
 
22. پەرقلىق بولغان رىقابەت ئەۋزەللىكى بولماسلىق
مەھسۇلات ۋە تېخنكا سەۋىيەسى چوقۇم پەرقلىق بولۇش كېرەك. مەھسۇلات ياكى تېخنىكا ئاساسى مۇستەھكەم بولۇش؛ بازاردا بىر تونۇش دەرىجىسى بولۇش. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭچە، ئىگىلىك تىكلەشتە چوقۇم بازارنى ئىنچكە ئايرىشنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇنداق بولمىغاندا كېيىنىكى بازار ئېچىش قىيىن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەھسۇلات ۋە تېخنىكا تىجارەتتە ئىستراتېگىيە بىردەك بولۇش. يادروسى بولسا تەننەرخىنى تىزگىنلەش، تەننەرخىنى تىزگىنلىگەندە باشقىلار پۇل تاپالمىغاندا پۇل تاپقىلى، باشقىلار ئاز تاپقاندا كۆپ تاپقىلى بولىدۇ.
#p#
بەشىنچى، سودا ئىستراتېگىيە ۋە تىجارەت شەكلى قاتلىمى
23. كۆپۈك مەزگىلىدە يېڭى ئېقىم قوغلىشىش
مەيلى ئىگىلىك تىلەش ياكى مەبلەغ سېلىش بولسۇن، ھەرگىزمۇ ساھە كېيىنكى مەزگىلىدە ياكى پەللىسىگە يەتكەندە كىرىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا كەلگۈسى 5-3 يىلنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ناھايىتى قىيىن بولىدۇ.
 
24. سانائەت زەنجىرى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولۇش
بىر ئىشنى قىلغاندا، چوقۇم زەنجىر قانچىلىك ئۇزۇنلۇقتا بولسا مۇۋاپىق دېگەننى ئويلاش كېرەك. بىز مەبلەغ سالغان ئۆزەك پلاستىنكا لايىھەلەش شىركىتى، كېيىن كەسىپ زەنجىرى قىسقا كارخانىنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى، لېكىن كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن كارخانىنىڭ يامان ئەھۋالغا قالغانلىقىنى بايقىغان، مانا بۇ "ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولسا ئاسان ئۈزۈلىدۇ" دېگەن شۇ.
تېلېۋىزوردا مال سېتىۋېلىش شىركىتى، تېلېۋىزوردا مال سېتىۋېلىش چەتئەلدە ناھايىتى ياخشى ئىدى، بىراق جۇڭگودا بىر چوڭ بولغان شىركەت چىقىپ باقمىدى. ئىنچكە تەھلىل قىلغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنچىكە ھالقىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولغان. ئاۋۋال، قانال بايلىقى، بىر شەھەر ئىمزالاشقان قانالنى باشقا شەھەر ئىمزالاشقا بولماسلىق؛ ئىككىنچىدىن، ياخشى بولغان مەھسۇلاتنى تاللاش ناھايىتى قىيىن؛ ئۈچىنچىدىن، مال سېتىۋالغان كىشىنىڭ ئىدىيەسى ناھايىتى مۇھىم. جۇڭگودا سەمىمىيەت يېتەرلىك ئەمەس، كۆپىنچە كىشىلەر تېلېۋىزوردا مال سېتىۋېلىشقا ئانچە ئىشەنمەيدۇ، بۇ بازارشۇناسلىق ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، سودا سارايلىرى بىلەن پايدا تەقسىم قىلىش مەسىلىسى، بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ. چۈنكى ھالقىلار ناھايىتى كۆپ، مەلۇم بىر نۇقتىدىن مەسىلە چىقسىلا بولمايدۇ.
#p#
25. تىزگىنلەش ناھايىتى كەڭ
كۆپ خىل بولغان قائىدە، ئەگەر بىر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ بولغان "تامغا" كېرەكلىك بولسا، بۇ ناھايىتى قىيىن. مەھسۇلاتقىمۇ ئوخشاش، ئەگەر سىز مەھسۇلات يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىن بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە، بۇ كۆپ قىيىنچىلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ.
 
26. قار ياققاندا كۆمۈر ئەۋەتىشمۇ ياكى كىمخاپ ئۈستىگە گۈل قويۇشمۇ؟
بۇ ئېھتىياج تەھلىل قىلىش مەسىلىسى. ھەر بىر تۈردە، سىز مۇشۇنداق تەھلىل قىلسىڭىز بولىدۇ: ئۇنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى قار ياققاندا كۆمۈر ئەۋەتىشمۇ ياكى كىمخاپ ئۈستىگە گۈل قويۇشمۇ؟ مەسىلەن، يانفوندا ھەق تۆلەش ئىككى خىل: بىرخىلى بولسا كېردېت كارتىسى ئارقىلىق يانفۇن SIM كارتىسى ئارقىلىق تۆلەش، بۇنىڭدا پەقەت يانفۇن يېنىدا بولسىلا بولىدۇ؛ يەنە بىر خىلى بولسا ئېلېكترونلۇق پۇل تۆلەش دېتالىنى يالقۇنغا چۈشۈرۈپ ھەق تۆلەش. ئالدىنقى شەكلى بولسا قار ياققاندا كۆمۈر ئەۋەتىش، كېيىنكى ئۇسۇل بولسا كىمخاپ ئۈستىگە گۈل قويۇش. ئوخشاشلا ئىككى تۈر، قار ياققاندا كۆمۈر ئەۋەتىش ئۇسۇلى بولسا ئاۋۋال تاللاشقا تېگىشلىك تاللاش، ئەگەر "كىمخاپ ئۈستىگە گۈل قويۇش" تۈرى بولسا ئۇنداقتا چوقۇم تەلەپنى تېخىمۇ يۇقىرى قويۇش كېرەك.
#p#
27. ئالدىدا چوڭ قەدەم ئېلىش زىيان تارتقان بىلەن ئوخشاش
ئۈچ يىل ساقلاپ ئالدىدا بىر كىچىك قەدەم ئالغان ئىشنى قىلىش ھەرگىزمۇ ئالدىدا چوڭ قەدەم ئالغان ئىشنى قىلماسلىق. ئالدىدا چوڭ قەدەم ئالغان ئىش دۆلەت قىلىدىغان ئىش.
 
28. يېڭى تۈرنىڭ تەرتىپسىز، گۈزەللىكىگە ئېتىبارسىز قاراش
تۈرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يېرىمى. مەسىلەن تېڭشۈن، ئون يىل ئاۋۋال، بىز تېڭشۈننى ئىزلەپ مەبلەغ سالماقچى بولغاندا، بىز چۈشەنمىگەن، ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا تەرپسىزلىكنى چۈشەنمىگەن. ئەگەر شۇ ۋاقىتتا 5 مىليون مەبلەغ سالغان بولساق، ھازىرقى بازار باھاسى 4 مىليارد بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى تۈرنىڭ تەرتىپسز گۈزەللىكىگە ئېتىبارسىز قارىماسلىق كېرەك. مەيلى ئىگىلىك تىكلەش بولسۇن ياكى مەبلەغ سېلىش بولسۇن، تۈرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە چوقۇم توغرا ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك.
#p#
29. مىلىچمال دۇكىنى خوجايىنى بولۇش
ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى چوقۇم كەسپىي بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئاللىبۇرۇن كەسپىيلەشكەن بولسا، ئۇنداقتا ئىنچىكە ئايرىش كېرەك. بىزمۇ بۇنداق تۈرنى ئىشلەپ باققان، كارخانىنىڭ ئۆزى ناھايىتى كەسپىي، بىراق كەسپىيلەشكەن ساھەنى ئىنچىكە ئايرىمايلا، ھەر بىرسىنى ئىشلىگەن، ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
 
30. يەككە بېقىنىش
يەككە خېرىدار ۋە يەككە بازار بېقىنىشى ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق، بەزىدە كارخانشۇناشلار يەككە بېقىنىش بولغان يەككە بازاردا ئۆزىنى ناھايىتى ئەركىن ھېس قىلىدۇ، چۈنكى بۇ بازار ئېلىپ كەلگەن پايدا ناھايىتى يۇقىرى، ھالبۇكى مەلۇم بەلگىلەنگەن يەنە بىر بازارغا ئالماشتۇرساق پايدىسى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. بىراق تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتتىن چىقىپ مۇشۇ مەسىلىگە قارىساق، بازار مۇھىتى ئىزچىل ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەندە، ئەگەر سىز كۆپ بازارنى ئىگىلىگەن بولسىڭىز، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئويلاش بوشلۇقى ناھايىتى كەڭ، مۆلچەر باھاسى يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى باشقۇرۇش نۇقتىسىدىن بولسۇن، ياكى مەبلەغ سېلىش نۇقتىسىدىن بولسۇن، ھەممىسى ئىمكانقەدەر يەككە بېقىنىشتىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى