ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تۆۋەن چاغلىماڭ

ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تۆۋەن چاغلىماڭ

ۋاقتى: 2016-03-07 ئاۋاتلىقى: 517 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «تىرىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈڭ» بۇ يەردە!

 

ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تۆۋەن چاغلىماڭ

 

ئاڭلىماققا ئاز – تولا ھەسرەتلىك، لېكىن ئەمەلىيەتتىكىسى شۇكى، كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۆزىگە ئېچىنىش ۋە خاپا بولۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى بەك تۆۋەن ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ، ئۆزىنى بىر قەپەس تەنقىد قىلىدۇ. «مەن بەك سېمىز» ياكى «مەن بەك يارىماس» ياكى «مەن دائىم ئىشنى بۇزۇپ قويىمەن» دېگەندەك سۆزلەرنى دائىم قىلىمىز ياكى ئويلايمىز. سىزنىڭ ئويىڭىزمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئويىغا ئوخشاشمۇ؟


ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش پىسخىكىسى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە مەيلى سىز قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇڭ ياكى قولىڭىزدىن قانچىلىك ئىش كەلسۇن، ھەمىشە ئۆزىڭىزنىڭ راستتىنلا شۇنچىلىك ئىقتىدارلىق ياكى ئىقتىدارلىق ئەمەسلىكىڭىزنى ئىسپاتلاشنى ئويلاشتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزگە بىر ئوبراز تىكلەشكە مايىل، لېكىن ھەقىقىي ئۆزىمىزنىڭ نېمىلىكىنى توغرا رېئاللىقتا تۇرۇپ ئېتراپ قىلمايمىز. چۈنكى، بىزنىڭ ئوي – خىيالىمىز ھەمىشە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تونۇش مايىللىقىمىزدىن كۆپ.


مەيلى سىز ئۆزىڭىزنى سەل چاغلاشقا قانداق سەۋەب كۆرسىتىڭ، ئوي – خىياللىرىڭىز ئۈچۈن دەلىل – ئىسپات ئىزدەيسىز، نەتىجىدە ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزگە راستتىنلا ئازار بېرىسىز، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن يۈزەكى خىياللاردا بولىسىز. بۇنداق ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش پىسخىكىسى سىزنى نېمە ئىش قىلسىڭىز خاتا قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ.



مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە شۇكى، نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغاندا، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ چۈشكۈن، يۈزەكى تۇيغۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلىسىز. كىشىلىك تۇرمۇش ئاتا قىلغان گۈزەللىكنىڭ قەدرىگە يېتىشنى تېخىمۇ بىلمەي، خاتالىقىڭىزدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇۋالىسىز، ئۆزىڭىزنى تۆۋەن چاغلايسىز، بەزىدە باشقىلار ئاڭلىسا سىزنى قۇربان بولغۇچى دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ھەمىشە ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تۆۋەن چاغلايدىغان ئادەم ھاياتتىن مىننەتدار بولۇشنى بىلمەيدۇ، بالا – چاقىلىرىغا، ئائىلىسىدىكىلەرگە، دوست – بۇرادەرلىرىگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىشنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. سىزنى قايىل قىلىشىمنى، سىزنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاشنىڭ خاتا ئوي بولۇپلا قالماي تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. دەرۋەقە، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ كۈنسېرى ئالغا بېسىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


مەيلى سىز قانداق خىزمەت قىلىڭ، مەيلى قايسى جەھەتتە ئىلگىرلەشنى ئويلاڭ، ھەممىسىدە ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاشنىڭ، ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنىڭ سىزنى ئەڭ ئوسال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلىشڭىز كېرەك. تىرىشىپ سىناپ كۆرۈڭ، گەرچە كەمچىلىكلىرىڭىز بولسىمۇ، ھامان ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرالايسىز. مۇھىم نۇقتا ئۆزىڭىزنى بەك ئەيىبلەپ كەتمەسلىك. باشقىلار ئالدىدا ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تۆۋەن چاغلىماڭ، بىر ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنداق ئويلىماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تۆۋەن چاغلىشىڭىزنى ھېچكىمنىڭ ئاڭلاشقا رايى يوق. ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تۆۋەن چاغلاشنىڭ زىيىنىنىڭ قانچىلىك چوڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
بۇ نۇقتىدىن ھالقىپ ئۆتۈڭ! دۇنيادا تۇغۇلىشىدىنلا مۇكەممەل بولۇپ تۇغۇلغان بىرمۇ ئادەم يوق، ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تۆۋەن چاغلاشنىڭ بۇ ئەمەلىيەتكە ھەرگىز پايدىسى يوق، ئەكسىچە زىيىنى بار.
----------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى