خەيئېرنىڭ «شوك بولۇپ قالغان بېلىقنى يېيىش» نەزەرىيەسى
ۋاقتى: 2016-04-07
ئاۋاتلىقى: 414 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خەلقئارالىق نۇقتىدىن ئېيتقاندا كارخانىلارنى قوشۇۋېلىشنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ:
بىرىنچى، «چوڭ بېلىقنىڭ كىچىك بېلىقنى يېيىشى». بۇ ۋاقىتتا تېخنىكا ئامىلى تېخى رىقابەتنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلىغا ئايلانمىغان، كارخانىنىڭ كاپىتال ساقلانمىسى، تىجارەتنىڭ كۆلىمى رىقابەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بەلگىلەيدۇ، قوشۇۋېلىشنىڭ ئاساسلىق شەكلى چوڭ كارخانىلار كىچىك كارخانىلارنى قوشۇۋالىدۇ.
ئىككىنچى، «تېز بېلىقنىڭ ئاستا بېلىقنى يېيىشى». بۇ ۋاقىتتا تېخنىكا ئامىلىنىڭ تەسىرى كاپىتالنىڭ تەسىرىدىن ھالقىپ ھەل قىلغۇچ ئامىلغا ئايلانغان، كىم تېخنىكا ئۈستۈنلىكىگە ئېرىشسە شۇ رىقابەتتە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىدۇ. قوشۇۋېلىشنىڭ يۆنىلىشى كاپىتال تېخنىكىغا يېقىنلىشىدۇ، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئەنئەنىۋىي كارخانىلارنى قوشۇۋالىدۇ.
ئۈچىنچى، «لەھەڭنىڭ لەھەڭنى يېيىشى». بۇ يەردىكى يېيىشنىڭ بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى مەغلۇپ قىلىش دەپ مەنىسى يوق، بەلكى «كۈچلۈكلەر بىرلىشىش» دەپ مەنىسى بار. بۇ كاپىتال يۇقىرى مەركەزلەشكەن، تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان، دۇنيا ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىككە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىكى كارخانا قوشۇۋېلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى. بوئىن (波音) ۋە مەيداۋ (麦道)نىڭ بىرلىشىشى دەل « لەھەڭنىڭ لەھەڭنى يېيىشى»نىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
ئۇنداقتا شوك بولۇپ قالغان بېلىق دېگەن نىمە؟ جاڭ رۈيمىننىڭ چۈشەندۈرىشى مۇنداق: بېلىقنىڭ مۇسكۇلىنىڭ ياخشى بولۇشى كارخانىنىڭ زاپچاسلىرىنىڭ ياخشىلىقىنى، شوك ھالىتى كارخانىنىڭ ئىدىيەسى، كۆز قارىشىدا مەسىلە ساقلانغانلىقتىن، كارخانىنىڭ ئىلگىرىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا تەمسىل قىلىنغان. بۇ خىل كارخانا يېڭى باشقۇرۇش ئىدىيەسى، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۇسۇلى بولسا تېزلا جانلىنىدۇ. شوك بېلىقنى يېيىش نەزەرىيەسى خەيئېرنى قوشۇۋېلىش نىشانىنى تاللاشتا ئەمەلىي پاكىت بىلەن تەمىنلىدى. خەيئېرنىڭ قوشۇۋېلىشتىكى مۇھىم نۇقتىسى قارشى تەرەپنىڭ ھازىر بار بولغان مال مۈلكى ئەمەس بەلكى يوشۇرۇن بازار كۈچى، يوشۇرۇن ھاياتى كۈچى بولۇپ، بۇ كاپىتال بازىرىدىكى پايچەكنى سېتىۋالماي قەرەللىك ھوقۇقنى سېتىۋالغانغا ئوخشايدۇ. خەيئېرنىڭ 18 قوشۇۋېلىشى ئىچىدە، قوشۇۋېلىنغان كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي زىيان سوممىسى 550 مىليونغا يەتكەن، ئاخىرىدا جانلاندۇرۇلغان مال مۈلۈك بىر مىليارد 520 مىليونغا يېتىپ، تۆۋەن تەننەرخلىق كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. خەيئېرنىڭ قارىشىچە، خوڭشىڭ زاۋۇتى شوك بولۇپ قالغان بېلىق بولۇپ، خەيئېر ئۆزىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى ئارقىلىق بۇ شوك بولۇپ قالغان بېلىقنى جانلاندۇرغان.