ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ۋاقتى: 2015-11-16 ئاۋاتلىقى: 413 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىركەت ھەققىدە
بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دىيارىمىزدىكى مول كەسىپ تەجرىبىسىگە ئىگە يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچىلەر ۋە ئېلېكتىرون ئىنژېنېرلىرى، ياش كارخانىچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا  شىركىتى. 
شىركەتنىڭ ئاساسلىق خادىملىرى كارخانا باشقۇرۇش، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال، ئېلېكتىرون كەسىپلىرىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە مەخسۇس كەسىپتە ئوقۇغان. يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، قابىلىيەتلىك، تەجرىبىلىك ياشلاردىن تەركىب تاپقان.
شىركەت 2011-يىلى 4-ئايدا رويىخەتكە ئالدۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 5 مىليۇن يۈەن. 25 مۇقىم خىزمەتچىسى ۋە جايلاردا 60 قا يېقىن سېتىش خادىمى بار.  شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ %90 تى تولۇق كورۇستىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. ماگىستېر 4 نەپەر. دوكتور 1 نەپەر. چەتئەلدە ئوقۇغانلار 4 نەپەر. شىركەتتىكى خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياشتىن تۆۋەن.
شىركەت قۇرۇلمىسى
شىركەت سىستېما قاتتىق دېتال بۆلۈمى، يۇمشاق دېتال بۆلۈمى، تور مۇلازىمەت بۆلۈمى، بازار ئېچىش بۆلۈمى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بۆلۈمى قاتارلىق كەسپىي بۆلۈملەردىن تەشكىل تاپقان.
#p#
سىستېما قاتتىق دېتال بۆلۈمى
ئېلېكتىرون ۋە سىستېما ئىنژېنېرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەھسۇلات لايىھەلەش، مەشغۇلات سىستېمىسىنى  ئۈسكۈنىگە ماسلاشتۇرۇش، قاتتىق دېتال ياساش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل.
يۇمشاق دېتال بۆلۈمى
خىزمەت تەجرىبىسى مول پىروگراممىرلار، لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەخسۇس مىللىيچە بازارغا قارىتىلغان مىللىي تىل-يېزىقتىكى ئەپلەرنى تۈزىدۇ. يۇمشاق دېتال بۆلۈمىنىڭ Android, Windows Phone, iOS  قاتارلىق يانفون سۇپىسىدا، windows, Mac OS قاتارلىق كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىدا ۋە تور مۇھىتىدا يۇمشاق دېتال تۈزۈش تەجرىبىسى ۋە ئىقتىدارى بار.
تور مۇلازىمەت بۆلۈمى
ئۈسكۈنىگە قاچىلانغان مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى ئەپلەرنىڭ توردىكى ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەشكە مەسئۇل بولۇپ، مەزمۇنلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
بازار ئېچىش بۆلۈمى
پۈتۈن شىنجاڭدا بازار ئېچىش، مەھسۇلات سېتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ. ھازىرغىچە 60 دىن كۆپ ئورۇندا ۋەكالىتەن سېتىش نۇقتىسى ۋە بىر جايدا مەخسۇس سېتىش دۇكىنى بار. سېتىش تورى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان.
سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بۆلۈمى مەھسۇلاتنىڭ سېتىشتىن كىېينكى ئاسراش، تېخنىكىلىق ياردەم، رېمۇنىت مۇلازىمىتىنى قىلىدىغان بولۇپ ھازىر ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر ئۈچ جايدا مۇلازىمەت ئورنى بار.
#p#
نەتىجىلىرى
شىركەت قۇرۇلغان ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتىن بۇيان قابىلىيەتلىك كارخانىچىلار، مول كەسىپ تەجرىبىسىگە ئىگە ئېلېكتىرون، كومپيۇتېر ئىنژېنېر ياشلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بەش خىل نۇسخىدىكى 3 يۈرۈش تاختا كومپيۇتېر، 8 خىل يانفون، سىمسىز روتېر، جەم كومپيۇتېر قاتارلىق ئون نەچچە خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىپ، خېرىدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا، كەسىپى ساھەدىكىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشتى.
مەھسۇلاتنىڭ خاسلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 30 دىن ئارتۇق ئەپ تۈزۈپ، ئۈسكۈنە بىلەن بىرگە تارقاتتى. بىر قىسىم مۇلازىمەت خاراكتىرلىك تۈرلەرنى يولغا قويۇپ ئۈسكۈنىدىكى ئەپلەر ئۈچۈن مەزمۇن تەمىنلىدى.
Android مەشغۇلات سىستېمىسىنى يادروسىدىن ئۇيغۇر قوللايدىغان قىلىپ، يەرلىكلەشتۈرۈپ بىلكان مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلەتتى. شۇنداقلا داڭلىق ماركىلىق يانفونلارنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان روملىرىنى ئىشلەپ توردا ھەقسىز تارقاتتى. ھازىر بىلكان شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان يانفونلار ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە قاتارلىق ئاساسى تىللار ۋە ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا قازاقچە، روسچە، تۈرۈكچە، ئەرەبچە قاتارلىق تىللارنىمۇ قوللايدۇ.
شىركەتنىڭ يولغا قويغان تور مۇلازىمەتلىرىدىن خەۋەر مۇلازىمىتى، ئۇيغۇرچە ئەپ بازىرى، كۈتۈپخانا، ئوچۇق دەرس (سىن قانىلى) قاتارلىقلار بولۇپ ئىشلەتكۈچىلەر يانفوندىكى مەخسۇس ئەپ ئارقىلىق شىركەت تەمىنلىگەن، ئۈن، سىن، ئەپ، كىتاب-ماتېرىيال قاتارلىق مەزمۇنلاردىن پايدىلىنالايدۇ.
شىركەت نىشانى
شىركەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى نىشانى مىللى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، تىلى، خاراكتېرىگە ماسلاشقان ئېلېكتىرون ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، دىيارىمىزنىڭ مىللىيچە ئېلېكتىرون ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خەلقئارا بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلىشىغا تىرىشىش. شۇنداقلا ئېلېكتىرون-ئۇچۇر تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ياش بىر ئەۋلات ئېلېكتىرون، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىرى ۋە تېخنىكلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلاش. دىيارىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئورگان بېكىتى:
http://bilkan.net

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى