ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كۆڭلىڭىز بالىلارنىڭكىدەك بولسۇن

كۆڭلىڭىز بالىلارنىڭكىدەك بولسۇن

ۋاقتى: 2016-10-21 ئاۋاتلىقى: 795 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى « «ئالدىراشچىلىقتا ئۆلەي دەپ قالدىم» دېگەن گەپنى ھەرگىز قىلماڭ» بۇ يەردە!

 

 كۆڭلىڭىز بالىلارنىڭكىدەك بولسۇن

 

خۇشال – خۇرام كىشىلەر تۈنۈگۈن، ئۆتكەن ئايدا، بۇلتۇر قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلماسلىقنى بىلىدۇ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ئەتە، كېلەر يىلى بولىدىغان ئىشلار ئۈچۈنمۇ غەم قىلمايدۇ، پەقەت ھازىرقى ئىشتىنلا ھەقىقىي خۇشالىق ھېس قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماڭ، ئۆتمۈشتىكى ئىشلاردىن تەجرىبە ئۆگەنمەڭ دېگەنلىك ئەمەس، كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزمەڭ دېگەنلىك تېخىمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە، ئەڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيە بۈگۈندىن، ھازىردىن كېلىدۇ. ھالبۇكى، سىزنى غەم – ئەندىشىگە سالغان ياكى روھىڭىزنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئىش كۆپ ھاللاردا ئىلگىرى قىلغان ئىشلار ياكى تېخى قىلمىغان ئىشلار.


بالىلارنىڭ «ھاياتلىق»قا بولغان تۇغما بىۋاستە سېزىمى بىر تالاي «ھازىر»لارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئۇلار ھەربىر «ھازىر»نى جان – دىل بىلەن تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئۆتكۈزىدۇ، ئۆتكۈزگەندىمۇ بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى ئۇلىشىپلا كېلىدۇ. بۇ «ھازىر»لارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇھىم. ئۇلارنىڭ پۈتۈن دىققەت – ئېتىبارى «ھازىر»غىلا باغلانغان، ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە تىكىلگەن بولىدۇ. بەش – ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىش ھازىرمۇ يادىمدا:


بىر كۈنى كەچتە ئايالىم ئىككىمىز سىرتقا چىقىدىغان بولۇپ قېلىپ، ئىككى ياشتىن ئاشقان قىزىمىزغا قاراپ تۇرۇشقا بىر بالا باققۇچى تېپىپ كەلگەنىدۇق. بالا باققۇچى كېلىشتىن ئىلگىرى قىزىم بىلەن ئىككىمىز قۇمدا بىردەم ئوينىدۇق. بالا باققۇچى كەلگەندە، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدۇم. بۇ چاغدا قىزىم قورقۇنچلۇق ۋاقىراپ – جارقىراپ مېنى ماڭغىلى قويمىدى. ئۇ بالا باققۇچىغا: «بىزنىڭ قىزىقارلىق ئويۇن ئوينىشىمزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قانداق پېتىندىڭ!» دەۋاتقاندەك قىلاتتى. يىغلاپ، غەلۋە قىلىپ، بالا باققۇچىنى يېنىغا يولاتمايتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇنى مەن باقسام بولىدىكەن، بىز مىڭ تەسلىكتە ئۇنىڭدىن قېچىپ تالاغا چىقتۇق. شۇ ئەسنادا مەن ئاپتوموبىل ئاچقۇچىنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى بىلىپ، ئارقا ئىشىكتىن ئۆيگە كىرىپ مارىلىسام، قىزىم بالا باققۇچى بىلەن بىللە قۇمدا ئېچىلىپ – يېيىلىپ ئويناۋېتىپتۇ. ئۇ تامامەن گۈزەل «ھازىر»دا ياشاۋاتاتتى. ئۆتمۈش ئۇنىڭ خىيالىدىمۇ يوق ئىدى — بىز دەۋاتقان ئۆتمۈش تېخى نەچچە مىنۇتنىڭ ئالدىدىكى ئىش ئىدى.


چوڭلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاشۇنچىلىك ئىشنى قانچە قېتىم قىلالىدۇق؟ مەيلى قانداق بولسا بولسۇن، خۇشال ئادەملا قىزچاقنى شۇ چاغدا ئويۇنغا قاتتىق بېرىلىپ كەتكەن، دىققىتىنى بىر ئىشتىن يەنە بىر نىشانغا جىددىي بۇرىغان دەپ قارايدۇ. مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ھامان قىزىم دىققەت – نەزىرىنى ئەركىن – ئازادە ھالدا بالا باققۇچى بىلەن ئويناشقا مەركەزلەشتۈرگەن. بۇ بىزدەك چوڭلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن ئاددىي ھەم كاتتا ساۋاق.
سىز مۇشۇ تەدبىرنى قوللانغاندا، پۈتۈن دىققەت – ئېتىبارىڭىزنى ھازىرقى ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىڭىزنى، ھازىرقى ئىشلارنىڭمۇ جان – دىل بىلەن مەبلەغ سېلىشىڭىزغا ئەرزىيدىغانلىقىنى بايقايسىز. ھاياتلىقتىكى پېشكەلچىلىكلەرگە دۇچ كەلگەندىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن تاقابىل تۇرالايدىغان كۈچ – قۇۋۋەتكە ئىگە بولالايسىز. تۇرمۇشتىكى ئاندا – ساندا ئاۋارىچىلىكلەرگە ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ باش قاتۇرماي، بەلكى ئىمكانقەدەر ھاياتلىقنىڭ پەيزىنى سۈرىسىز. ھازىرقى كەم – كۈتە ئىشلارغا ئاغرىنىپ يۈرمەي، بۇ پەۋقۇلئاددە مىنۇتلاردىن بولۇشىغا بەھرە ئالىسىز.


كۆڭلىڭىز بالىلاردەك بولسۇن، بالىلارغا ئوخشاش جۇشقۇن، روھلۇق ياشاڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى