ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەشنى تېزلىتىدىغان يەتتە ساۋاق

ئىگىلىك تىكلەشنى تېزلىتىدىغان يەتتە ساۋاق

ۋاقتى: 2016-03-29 ئاۋاتلىقى: 1004 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىگىلىك تىكلەشنى تېزلىتىدىغان يەتتە ساۋاق

  كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان بەزىبىر ئىجادىي تەپەككۇرلار تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي، كۆپ ئۇچرايدىغان ئىشلاردىن ھاسىل بولىدۇ. بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى، مېنىڭ چۆپ كېسىش ماشىنام بۇزۇلۇپ قالدى، مەن بىرەرسىنى تېپىپ ھويلا-ئاراملارنى تازىلىتىشنى ئويلاپ، باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش خاتىرە كومپيۇتېرىمنى ئېلىپ، ئادەتتىكى تور بېكەتلىرىدىن ئىزدەشكە باشلىدىم. لېكىن، داۋاملىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان ئىش ئىزدەش، خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىغا يولۇقۇپ تۇرغاچقا، ئىزدەپ تاپقان ئۇچۇرلارغا تازا ئىشەنچ قىلالمىدىم. بەزى ئۇچۇرلارغا قارىسىڭىز يالغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ، كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى شۇ تور بەتلەرنى باشقۇرغۇچىلار ئۆزى يازغان. مەن ئىختىيارسىز ئويلاندىم: مەن زادى كىمگە ئىشەنسەم بولىدۇ؟

شۇنىڭدىن كېيىن كاللامدا Preferling تور بېكىتىنى قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى. بىر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىچىلىك تور بېكىتى، يەنى كىشىلەر ئۆزئارا ھەقىقىي راست بولغان باھا سۆزلىرىنى بەھرلىنەلەيدىغان، مەقسەتلىك ھالدا باشقىلارنىڭ باھا سۆزلىرىگە ئارىلىشىدىغان ئىشلار بولمىغان تور بېكىتى قۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم. گەرچە بۇ تۇنجى ئىگىلىك تىكلەش قەدىمىم بولمىسىمۇ، مەن يەنىلا تونۇش بولغان سىناقلارغا دۇچ كەلدىم. شۇڭلاشقا بۇ جەرياندا ئۆگەنگەن بەزى قىزىقارلىق ساۋاقلىرىمنى سىلەر بىلەن تەڭ بەھرىلىنىش ئۈچۈن بۇ يازمىنى تەييارلىدىم.

1. ھەقىقىي پايدىلىنىش قىممىتى بولغان ئامال-چارە ئۈچۈن تىرىشىڭ

مۇنداق بىر مەھسۇلاتنى ئىجاد قىلغۇم كەلدى، يەنى بۇ مەھسۇلاتقا باشقىلار ھەقىقىي ئېھتىياجلىق (ئىشەنچلىك، باشقىلارغا ياردىمى تېگىدىغان باھا سۆزلىرى). مەن يەنە بۇ ئېھتىياجنى قانداق قاندۇرۇش (ئابونتلار بىلىدىغان ۋە ئىشىنىدىغان تېمىلاردىن باشقا تېمىلارنى چەكلەش)نىمۇ ئويلىشىپ چىقتىم. ئەگەردە سىز بىر ئېھتىياجنى بايقاپ، ھەمدە بۇ ئېھتىياجنى قانداق قاندۇرۇشنى ھەل قىلالىسىڭىز، سىز ۋە سىزگە مەبلەغ سالغۇچىلار ھامان بىر كۈنى بۇ تىرىشچانلىقىڭلارنىڭ مېۋىسىنى كۆرىسىلەر.


2. ئولتۇرۇپ خىياللا قىلماي، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىڭ

  نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ شۇنداق ياخشى ئوي- خىياللىرى بار، لېكىن سىز پەقەت مەلۇم بىر كىشىنىڭ شۇ ئوي-خىياللارنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، نەتىجە قازانغانلىقىنى ئاڭلايسىز. سۈرئەت-بايلىق بولغان بۇ دۇنيادا، ئۈنۈملۈك ۋە پايدىلىق بولغان بەزى ئوي-پىكىرلەرگە نىسبەتەن ۋاقىت ناھايىتىمۇ چەكلىكتۇر. ئىشلار باشلىنىشىدىلا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق، جايى-جايىدا بولمايدۇ، مۇھىمى شۇ ئىشنى باشلاش.

3. ھەرىكەتچان ۋە قەتئىي بولۇڭ

  ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئالدىن تەييارلىق قىلىڭ، ماڭا ئىشىنىڭ، ئىشلاردا ھامان ئۆزگىرىش بولىدۇ. Preferling تور بېكىتىنى قۇرۇشقا باشلىغان ۋاقتىمدا، ناھايىتى تالانتلىق، يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بىرىنى مەن بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلدىم. دەسلەپكى بىر نەچچە ئايدا، ئىشلار ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولدى، كېيىن ئۇ ناھايىتى ياخشى بولغان بىر خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ خىزمەت ناھايىتى ياخشى بولغانلىقتىن ئۇ ۋاز كېچەلمىدى. لېكىن خىزمەت شەرتى باشقا ھېچقانداق قوشۇمچە خىزمەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق بولغانلىقتىن، ئۇ مەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن چېكىندى. توساتتىن يالغۇزلا قالدىم، شۇ ۋاقىتلاردا بۇ پىلاندىن ۋاز كېچىشكە خىلمۇ-خىل باھانەم بار ئىدى، لېكىن ئۆز پىلانىمغا ئىشەنچ قىلغانلىقتىن ۋاز كېچەلمىدىم. كۆپلىگەن باشقىچە لايىھەلەرنى سىناپ كۆردۈم، لېكىن يەنىلا ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم.

4. تالانتلىق كىشىلەرنى تەكلىپ قىلماي ئۇلارنى قىزىقتۇرۇڭ

  ماڭا پايدىسى تېگىدىغان، ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇرۇش لازىملىقىنى بىلىمەن. ئۆز ئىدىيەمنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، قىسقا فىلىم ئىشلەش قارارىغا كېلىپ، مەخسۇس خادىملارنى تەكلىپ قىلدىم. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يەنە كەلگۈسىدىكى مەبلەغ سالغۇچى ۋە گۇرۇپپا ئەزالىرىمنىڭ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بۇ تور بېكەتتىن دوستلىرى ۋە تۇققانلىرىنىڭ مەلۇم بىر مۇلازىمەتكە يازغان باھا سۆزىنى كۆرگەندىكى كۆرۈنۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇلارنى بۇ خىل كۆرۈنۈشتىن ھاياجانلاندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولاتتى.


5. كىشىلىك ئالاقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ

  تىنچ ئوكيان غەربىي شىمال قىرغىقىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلىك مۇناسىۋەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى سۈپىتى بىلەن، مەن مۇنداق بىر بىرىنچى قول ماتېرىيالىغا ئېرىشتىم. يەنى بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلىرى بار كىشىلەر ئۆز-ئارا قول تۇتۇشۇپ، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر كوللېكتىپنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆز غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن. شۇڭلاشقا مەن مەخسۇس ئىگىلىك تىكلىگۈچى، مەبلەغ سالغۇچى، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىچىسى، تىجارەت مۇتەخەسسىسى ۋە كومپيۇتېر تېخنىكا خادىملار يىغىلىدىغان سورۇنغا باردىم. نەتىجىدە، ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان كوللېكتىپقا ئېرىشتىم. ئۇلار ماڭا ياردەملىشىپ ماڭا كېرەك بولغان مەبلەغكە ئېرىشتۈردى، يەنە مېنى كېرەكلىك تېخنىكا قوراللىرى بىلەن تەمىنلىدى. ئەگەر ئەتراپىڭىزدە ئەڭ زور كۈچى بىلەن سىزگە ياردەم قىلالايدىغان كىشىلەر بولسا، سىز يەنە باش قاتتۇرۇپ باشقا ياردەم قىلغۇچىلارنى ئىزدەپ يۈرمەيسىز.

6. ياخشى ئۇستاز ۋە ئوبدان دوستلارنى تېپىپ چىقىڭ

  كىشىلىك مۇناسىۋىتىمدىكى يەنە بىر كۆرۈنەرلىك نەتىجە بولسا، بىر نەچچە مەسلىھەتچى بىلەن ئالاقە ئورناتتىم. ئىگىلىك تىكلىگۈچىدىن تارتىپ مالىيە ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ۋە يەنە تېخنىكا تالانت ئىگىسىگىچە، ھەمىشە ئادەمنى ناھايىتى پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان  كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇم. بۇلار مېنى قوللاپلا قالماستىن يەنە ۋاقىت تېجەش ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشتا ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى.

7. ياخشى ئادەم بولۇڭ

  ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئۈمىدسىزلىكلەرگە قارىماي ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلىشىمگە سەۋەب بولغىنى باشقىلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بىرەر نەرسە ئىجاد قىلىش ئىدى. ئۆز قىممەت قارىشىمنى داۋاملاشتۇرۇش مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، مەن ھەرگىزمۇ ئەخلاق قارىشىغا زىت كېلىدىغان ئۇسۇل بىلەن نىشانىغا يېتىدىغان ئادەم ئەمەس. مەيلى تەرەققىيات باسقۇچىدا بولسۇن، ۋە ياكى تىجارەتنىڭ سىناق مەزگىلىدە، رەسمىيلەشكەن ۋاقتىدا بولسۇن،  قايسى ئىشنىڭ "ياخشى ئىش" ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. "مەن ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟" دېگەندىن "سىزگە قانداق ياردىمىم كېرەك؟" دېيىش ئەۋزەلدۇر. 

ئاپتۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى: ئەنجۇۋ ۋەست، تۇغما تالانتلىق سودىگەر. ئۇ ستراتېگىيىلىك شېرىكلىشىش مۇناسىۋىتى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئىنتايىن قىزىقىدۇ. ھازىر ئۇ دەسلەپكى مەزگىللىك شىركەتنىڭ سېتىش ۋە تىجارەت دائىرىسىدىكى مەسلىھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ بىرلەشمە قۇرغۇچىلار بىلەن Preferlingنى قۇرۇپ چىققان، بۇ بىر قىزىقىشقا ئاساسەن، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرىدىغان تور بېكەت. Preferlingنى قۇرۇشتىن بۇرۇن، ۋەست The Agency (ئىجتىمائىي ۋاستىچىلىك ۋە ئىستراتېگىيە مەسلىھەتچىلىك شىركىتى) نىڭ ئورتاق قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى