ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش ھەمكارلىقى

ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش ھەمكارلىقى

ۋاقتى: 2013-12-15 ئاۋاتلىقى: 425 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دادىل قەدەمگە تۈرتكە بولغان ھېكايە


ـــ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى خەتلىك چاقىرغۇ مودا بولغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان، 800 يۈەنگە بىر يىللىق مۇلازىمەت ھەققى بىلەن چاقىرغۇ سېتىۋېلىشنىڭ تەسلىكىمۇ چۈشىنىشلىك. شاڭخەي شەھىرىدىكى مەلۇم كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئىستۇدېنىت «50 يۈەنگە ئىشتان سېتىۋالسىڭىز، بىر خەتلىك چاقىرغۇ سوۋغا قىلىمىز» دېگەن ئېلاننى كۆرگەن ھەم ئىشەنمىگەن ھالدا دۇكانغا كىرگەن. دەر ھەقىقەت، ئۇ بىر ئىشتان سېتىۋېلىپ بىر چاقىرغۇغا ئېرىشكەن ۋە شۇ كۈنىلا مۇلازىمەت ھەققىنى تاپشۇرۇپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئوقۇشنى تاماملاپ ئىقتىساد ساھەسىگە قەدەم قويغان ئىستودېنىت ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندە، ئىشتان سېتىپ چاقىرغۇ سوۋغا قىلغان خۇجايىن بىلەن كاتتا بىر سورۇندا ئۇچىرىشىپ قالغان ۋە ئۇزاق يىل جاۋابىنى تاپالمىغان «50 يۈەنلىك ئىشتانغا 800 يۈەنلىك چاقىرغۇ سوۋغا قىلىپ قانداق پايدا ئالالايسىز؟» دېگەن سوئالنى قويغان. خوجايىن «مەن 5000 يۈەنلىك ئىشتاننى 18 يۈەندىن سېتىۋالغان، 50 يۈەندىن ساتساممۇ ساتالايتتىم، ئەمما قانچىلىك ۋاقىتتا سېتىپ بولۇشقا بىر نېمە دېمەك تەس ئىدى، شۇڭا ئاۋۋال چاقىرغۇ ئىستانسىسغا بېرىپ: ‹سىلەرگە 5000 ئابۇنتچى تېپىپ بېرىمەن، ئەمما يىللىق 360 يۈەن مۇلازىمەت ھەققىدىن 200 يۈەننى ماڭا ئۆتۈنۈپ بېرىسىلەر›دېدىم، ئۇلار: ‹5000 ئابۇنتچى يىللىق مۇلازىمەت ھەققىنى بىر ئاي  ئىچىدە تاپشۇرۇپ بولۇشى كېرەك، ئاندىن ساڭا 200 يۈەننى بېرىمىز، كېيىنكى يىللىق مۇلازىمەت ھەقلىرىنى ئۆزىمىز ئالىمىز› دېدى. ئاندىن چاقىرغۇ ياسايدىغان زاۋۇت خۇجايىنى بىلەن كۆرۈشتۈم ۋە :‹5000 چاقىرغۇنى زاۋۇتتىن چىقىش تەننەرخى بويىچە 180 يۈەندىن بېرىسەن، پۇلنى 40 كۈن ئىچىدە تولۇق تاپشۇرىمەن› دېدىم. زاۋۇت خۇجايىنى بىراقلا 5000 چاقىرغۇنى ساتالايدىغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ ئېلان قىلىش رولى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ماقۇل بولدى. ئىشتانلارنى 20 كۈنگە قالماي سېتىپ بولدۇم، چاقىرغۇغا ئېرىشكۈچىلەر ئاساسەن شۇ كۈنىلا مۇلازىمەت ھەققىنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. چاقىرغۇ ئىستانسىسى كېلىشكىنىمىز بويىچە ماڭا ھەربىر چاقىرغۇ مۇلازىمەت ھەققىدىن 200 يۈەننى ئايرىپ بەردى، زاۋۇتقا 180 يۈەندىن چاقىرغۇ پۇلىنى تاپشۇردۇم، ئۆزۈم ئارىدىن قالغان 20 يۈەن، ئىشتاندىن قالغان 32 يۈەن جەمئىي 52 يۈەن پايدا ئالدىم، ئىستېمالچىلارمۇ زىيان تارتمىدى. بۇنداق تۆت تەرەپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان سودىنى نېمىشقا قىلمىغۇدەكمەن؟» دەپ جاۋاب بەرگەن،ـــ دەپ بايان قىلدى 9-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، بازارلىما نازارەتچىسى، رېژىسسور ھەسەن تاجى ئەپەندى ئۆزىنىڭ شىركەت قۇرۇش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ،-ھازىرقى شىركەتنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىم باراۋەر ئاساستا ئورتاق مەنپەئەتكە ئېرىشىش ھەمكارلىقىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش.


خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ قىممىتىنى يارىتىش ـــ ماياكنىڭ نىشانى
ـــ ئۇيغۇرلار خاس مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى بىلەن قەدىمدىن تارتىپلا باشقا مىللەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ھەم ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. مەدەنىيەت تارقىتىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى دېسەك، خاراكتېرگە ئۇيغۇن مەدەنىيەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ قۇبۇل قىلىشنى مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسى، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى شىددەت بىلەن تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەتلەرگە تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە مەۋجۇتلۇق خىرىسىنى تەڭلا يۈكلىمەكتە. نۆۋەتتە بىز قوبۇل قىلىۋاتقان مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىدىن ئىبارەت،ـــ دەپ ئۇچۇر ۋە ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق قاراشلىرىنى بايان قىلىشقا باشلىدى ھەسەن تاجى ئەپەندى،ــ كارخانىلىشىش ۋە كارخانا ئارقىلىق مەدەنىيەت تارقىتىش تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ بەلگىسىگە، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ نىشانىغا، تەرەققىي قىلمىغان ئەللەرنىڭ شېرىن چۈشىگە ئايلاندى. ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ بۇ نىشانىغا قەدەم تاشلىشىغا نەچچە ئون يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا كارخانا قىزغىنلىقى شەكىللەنگىنىگە تېخى نەچچە يىللا بولدى. ھالبۇكى، ئارزۇدىن تۇغۇلغان قىزغىنلىقنىڭ ھەقىقىي نىشاننى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن مەدەنىيەت مەنبەسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي شارائىت، ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق قاتارلىقلارنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.
«مەدەنىيەت ــ ماھىيەتنى، ئىقتىساد ــ كۈچ ـ قۇدرەتنى، ئىجتىمائىي شارائىت ـ ھالەتنى، ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق ــ ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. ماھىيەتنى تونۇش ــ ھەر قانداق نىشاننىڭ قوزغىلىشى ئۈچۈن بىرىنچى قەدەم، ماھىيەتنى تونۇش بىلەن باشلانمىغان ھەر قانداق قەدەم ئارىلىقتا توختاپ قالىدۇ.» دېگەننى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەن ھەسەن تاجى ئەپەندى 1999-يىلدىن بۇيانقى سودا ھاياتىدا كارخانا بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىندىن كۆزەتتى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرىنىڭ يۆنىلىشىنى تەتقىق قىلدى. ئۇيغۇرلاردا يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان كارخانا قىزغىنلىقىنىڭ بىر مۇكەممەل قۇرۇلمىغا، بىر نادىر سېناىيەگە، شۇنداقلا بىر قابىل رېژىسسورغا موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل موھتاجلىقنىڭ ھەم خەۋپ، ھەم پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ھەر تەرەپلىمە پىكىرلىشىش، ئورتاقلىشىش ئارقىسىدا ئۇيغۇر كارخانىچىلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان، شۇنداقلا تەخىرسىز ھالەتكە ئۆتكەن «مەدەنىيەت تارقىتىش»قا يېتەكلەش تۈرىنى ئاساس قىلغان بىر شىركەت قۇرۇش قارارىغا كەلدى ھەم ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەستىقى بىلەن بۇ يىل (2012-يىلى) 1-يانۋار ئۈرۈمچى ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنى قۇردى.
ئۈرۈمچى ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى خاراكتېر جەھەتتىن ــ كارخانا مەدەنىيىتى، مىدىيا ــ تاراتقۇ مەدەنىيىتى ۋە مۇلازىمەت مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش ھەمدە بۇ خىل مەدەنىيەتلەرنى تارقىتىش، ئىجتىمائىيلىققا ئىگە قىلىش، كۆلەملەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان؛ تەرەققىيات مۇساپىسى ئۈچۈن باراۋەر مەنپەئەت ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھەرقايسى ساھەلەردە مۇستەقىل ئاڭ، ئۆزگىچە خاراكتېر ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرىدىن تەشكىللەنگەن؛ قۇرۇلما جەھەتتە ھەمكارلىق، ئويۇشۇش، باراۋەرلىك قاتارلىق مەدەنىيەت زەنجىرلىرىنى تۇتاشتۇرغان؛ «ھەمكارلىق مەدەنىيىتى بىزدىن باشلانسۇن»نى شوئار، «ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش ھەمكارلىقى»نى تىجارەت پىرىنسىپى قىلغان.


ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر
مەدەنىيەت تارقىتىش شىركەتلىرى ئادەتتە مۇلازىمەت تىپىدىكى كارخانا ۋە سودا تىپىدىكى كارخانا، دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۈرۈمچى ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى مۇلازىمەت تۈرىنى ئاساس قىلغان شىركەت. كارخانىچىلارغا مەنپەئەت بولسۇن ئۈچۈن شىركەتنىڭ يولغا قويغان مۇلازىمەت تىپىدىكى تىجارەت دائىرىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق:
بىرىنچى (مۇلازىمەت تۈرلىرى)، كومپيۇتېردا سۈرەت لايىھەلەش، كۆرگەزمە مۇلازىمىتى، بازار تەكشۈرۈش، فىلىم مۇلازىمەتچىلىكى، ماتېرىيال تەرجىمە مۇلازىمىتى، مۇراسىم مۇلازىمىتى، مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى پىلانلاش، ئىجتىمائىي پائالىيەت مۇلازىمىتى، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى، ئائىلە تازىلىق مۇلازىمىتى، توي مۇراسىم مۇلازىمىتى، يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش، شەھەر قۇرۇلۇش مۇلازىمىتى... ؛ 
ئىككىنچى (مەسلىھەتچىلىك تۈرلىرى)، ئۆي ـ زېمىن مەسلىھەتچىلىكى، سودا مەسلىھەتچىلىكى، ساياھەت مەسلىھەتچىلىكى، مالىيە باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى، ئەمگەك مۇلازىمەت مەسلىھەتچىلىكى، كاپىتال باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى، مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىكى، كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى، كارخانا بازارلىما (ماركېتىڭ) مەسلىھەتچىلىكى، ئادەم كۈچى بايلىقى مەسلىھەتچىلىكى...؛
ئۈچىنچى (قۇراشتۇرۇش رېمونت تۈرلىرى)، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش، تور سىملىرىنى تارتىش، كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش...؛
تۆتىنچى (قۇرۇلۇش-لايىھەلەش تۈرلىرى)، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، باغچىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئۆي بېزەش، بىناكارلىق لايىھەسى، مەنزىرە لايىھەلەش، بېزەكچىلىك لايىھەسى...؛
بەشىنچى (تېخنىكا تۈرلىرى)، تېخنىكا يارىتىش، تېخنىكا ئۆتۈنۈش، تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى، تېخنىكا مۇلازىمىتى...
كارخانا مەدەنىيىتى، مىدىيا ـ تاراتقۇ مەدەنىيىتى ۋە مۇلازىمەت مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش ۋە بۇ خىل مەدەنىيەتلەرنى تارقىتىش، ئىجتىمائىيلىققا ئىگە قىلىش، كۆلەملەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان مەزكۇر شىركەت يەنە كارخانا ئوبرازى لايىھەلەش، كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى، كاپىتال باشقۇرۇش، مالىيە مەسلىھەتچىلىكى، ئادەم كۈچى مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق تۈرلەردە مەخسۇس خادىم، مەخسۇس لېكسىيە ھەمدە مەخسۇس كۇرسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىركەت ــ كارخانىلارنڭ ئالىي باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر تەربىيەلەيدۇ؛ شىركەت كارخانىلارنى توختام شەكلىدە بازار تەكشۈرۈش، بازارلىما پىلانى تۈزۈش، ھەرخىل پائالىيەت ۋە تەشۋىقات لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش، ئىستېمالچىلارنى تەربىيەلەشكە دائىر نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۈرلۈك مەزمۇندىكى لېكسىيە دەرسلىكلىرىنى نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ؛ يۇقىرىقى جەريانلاردا تەبئىي شەكىللىنىدىغان ھەرخىل شەكلىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلان-تەشۋىقات سۇپىلىرىدا كارخانا-شىركەتلەرنىڭ ماركا ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى