ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بېلگايتىسنىڭ ياشلارغا قىلغان 11 نەسىھىتى

بېلگايتىسنىڭ ياشلارغا قىلغان 11 نەسىھىتى

ۋاقتى: 2016-06-14 ئاۋاتلىقى: 488 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


1. تۇرمۇش ئادالەتسىز بولىدۇ، سىز ئۇنىڭغا ماسلىشىشڭىز كېرەك؛ 
 
2. بۇ دۇنيا سىزنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىڭىزغا پىسەنت قىلىپ كەتمەيدۇ، ئۆزۈمچىلىك خاھىشىڭىز شەكىللىنىشتىن ئاۋۋال جەزمەن نەتىجە يارىتىڭ؛ 
 
3. مەكتەپ دەرۋازىسدىن چىقىپلا 4000دوللار مائاش ئالالىشىڭىز، ماشىنىلىق بولالىشىڭىز ناتايىن. تىرىشقاندىن كېيىنلا بۇلارغا ئىگە بولالايسىز؛ 
 
4. ئەگەر ئوقۇتقۇچىڭىزنى قاتتىق قول دەپ قارىسىڭىز، جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ۋاقىتتىكى خوجايىنىڭىزنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ؛ 
 
5. ھامبۇرگ بولكىسى سېتىش ئىززەت-ئابرۇيىڭىزغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا باشقىچە كۆز قارىشى بار. ئۇلار بۇنى«ئامەت»دەپ قارايدۇ؛ 
 
6. ئەگەر سىز مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسىڭىز، بۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خاتالىقى ئەمەس. ئۆزىڭىزگە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئاتا-ئانىڭىزغا دۆڭگەپ قويماستىن، بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىڭ؛ 
 
7. سىز تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋال ئاتا-ئانىڭىز ھازىرقىدەك كۈنگە چۈشۈپ قالمىغان. ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك بولۇپ قېلىشى ئىزچىل سىز ئۈچۈن پۇل خەجلەپ، كىر-قاتلىرىڭىزنى يۇيۇپ كەلگەنلىكىدىندۇر. شۇڭا، ئانىڭىزنىڭ كۆپ سۆزلەپ قويۇشىدىن ئاۋۋال ھوجرىڭىزنى تازلاپ قويۇڭ؛ 
 
8. سىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى ۋە يامان ئوقۇغۇچى دەپ ئايرىلماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. بەزى مەكتەپلەردە «لاياقەتسىز»دېگەن ئۇقۇم ئاللىقاچان يوقىلىپ، سىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىڭىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. لېكىن، رېئال تۇرمۇشتا ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ؛ 
 
9. مەكتەپتىن ئايرىلغان ۋاقىتتىكى تۇرمۇشىڭىزدا ئوقۇش مەۋسۈمى دەپ ئايرىلمايدۇ، تەتىلمۇ بولمايدۇ.تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ يوق. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە تايىنىسىز؛ 
 
10. ۋىزوردىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس.رېئال تۇرمۇشتا كىشىلەر چوقۇم تىرىشىپ ئۆز خىزمىتىنى قىلىشى، كىنودىكى چولپانلارغا ئوخشاش كۈندە قەھۋەخانىلارغا كىرىۋالماسلىقى لازىم؛ 
 
11. ئۆزىڭىز نەپرەتلىنىدىغان ئادەملەرگىمۇ لايىقىدا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەنە شۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىدا ئىشلەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى