ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئىقتىساد سەۋەبلىك ئادەم قىسقارتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، قايسى خادىملارنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئېلىپ قېلىپ داۋاملىق ئىشلىتىشى كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئىقتىساد سەۋەبلىك ئادەم قىسقارتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، قايسى خادىملارنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئېلىپ قېلىپ داۋاملىق ئىشلىتىشى كېرەك؟
جاۋاب: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئادەم قىسقارتقاندا، تۆۋەندىكى خادىملارنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئېلىپ قېلىپ داۋاملىق ئىشلىتىشى كېرەك:
1.مۇشۇ ئىدارە بىلەن مۇددىتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغان مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەنلەر؛
2.مۇشۇ ئىدارە بىلەن مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزگەنلەر؛
3.ئائىلىسىدە باشقا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق، بېقىشقا ئېھتىياجلىق ياشانغانلار ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بار بولغانلار.
ئەلۋەتتە، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىمۇ مۇكەممەل ئەمەس. مەسىلەن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئادەم قىسقارتقاندا، ھەممىدىن ئاۋۋال ئېلىپ قېلىپ داۋاملىق ئىشلىتىشى كېرەك بولغان خادىملار ئارىسىدا، «مۇشۇ ئىدارە بىلەن مۇددىتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغان مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەنلەر» بار، قانچىلىك مۇددەتنى «بىرقەدەر ئۇزۇن»دەپ ھېسابلىنىدۇ؟ بۇنى قانۇن ئېنىق بەلگىلىمىگەن، بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىشى مۇمكىن.