ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نىشان يۆنىلىشىنى قانداق تىكلەش كېرەك؟

نىشان يۆنىلىشىنى قانداق تىكلەش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-09-08 ئاۋاتلىقى: 1020 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلاۋە: مەزكۇر تېما ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىنىڭ مۇنازىرە زالىدىكى تۇنجى مۇنازىرە تېمىسى: «ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم دۆلەت مەمۇرىي بولۇشى كېرەكمۇ؟» ناملىق تېمىغا چۈشكەن ئىنكاس ئىكەن. ئىنكاستىكى ئىلغار پىكىر ۋە يېڭىچە كۆز قاراشلار كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن دەپ قارالغان بولغاچقا، باش بەتكە ئايرىم تېما سۈپىتىدە يوللاندى. (يازما تېمىسى تەھرىر تەرىپىدىن قويۇلدى) ئۈمىدىمىز تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش ئۈچۈندۇر.
--------------------------------------------------
تېمىنىڭ مەقسىدىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسىپ توغرىسىدا دەپ چۈشەندىم. شۇڭلاشقا مېنىڭ، ياكى بىۋاسىتە قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشى، ئۆزۈمنىڭ بەزى ئۈمىد، چۈشەنچىلىرىمنىمۇ ئوتتۇرىغا تاشلىغۇم كەلدى.

ھەرقانداق نورمال ئىنسان ياشاش جەريانىدا مۇھەببەت (ئېتىقاد، ۋەتەن، ئائىلە، ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى كىشىلەرنى سۆيۈش شۇنداقلا، شۇلار تەرىپىدىن سۆيۈلۈش، ھۆرمەتلىنىش)كە، زۆرۈر ماددى ئىمكانىيەتلەرگە ئېھتىياجلىق. بۇلار ئىنسان ھاياتلىقىنىڭ ئىككى مۇھىم ئاساسىدۇر. بۇ ئاساستىكى ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىمىزنى شۇغۇللانغان كەسىپ، تاپقان ئىقتىسادىي كىرىم ئارقىلىق مەلۇم كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئادەم ئۆز كەسپىدە تېخىمۇ زور ئۇتۇققا، ئىقتىسادىي كىرىمگە، ھۆرمەتكە ئېھتىياجلىق. بۇنداق بولغاندا ماددىي ئېھتىياجىمىزلا ئەمەس، مەنىۋىي ئېھتىياجىمىزمۇ مۇئەييەن قانائەتلىنىپ، بەخت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، ھاياتىمىز كۆڭۈللۈك بولىدۇ.

بەخت ماددىي ئېھتىياج، ياخشى ئىقتىسادىي كىرىملا ئەمەس، ئەمما ياخشى ئىقتىسادىي كىرىم بولمىسا، مەنىۋى خۇشاللىق، بەختتىن سۆز ئېچىش تەس. شۇڭلاشقا كەسىپ ھەققىدە ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
جەمئىيتىمىزگە قارىساق جەمئىيەتنىڭ قانچە مەلىكىلەشكەن، تېخىنىكىلاشقان، ئىجادىيلاشقانلارغا بولغان ئېھتىياجى شۇنچە يۇقىرى، ئۇلارنىڭ سانى ئاز، شۇنداقلا كىرىمىمۇ نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ. يەنى بىر ئادەم مەلۇم ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك، باشقىلاردىن پەرقلىنىپ، ئۇلاردىن ئېشىپ چۈشكىدەك كەسىپلىشىش ئۈچۈن شۇ ساھە بىلەن مەشىقلەنگەن، شۇغۇللانغان ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش كېرەك. مەيلى خەلقئارا بولسۇن، ياكى يۇرتىمىز بولسۇن كۆزگە كۆرۈنگەن ناخشا چولپان، مۇزىكانتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 4-5 يېشىدىن باشلاپلا مۇنتىزىم مەشىقلىنىشنى باشلىغان ۋە ئۈزۈلدۈرمەي 15-20 يىل شۇغۇللىنىپ بېرىپ ئاندىن كۆزگە كۆرۈنگىدەك ھالغا كەلگەن.
#p#
بىر ئادەمنىڭ خىزمەتكە ياكى ئۆگىنىشكە يىلدا چىقىرالايدىغان ۋاقتىنى 1500 سائەت دېسەك، كەمىدە 10 يىل ئەتراپىدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن بىر ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسى بولغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى تۇرمۇش بېشىغا كىيىلگەندىلا ئويلاشماي بەلكى قانچە بالدۇر تەييارلىق قىلسا ۋە قانچە ئۇزاق شۇغۇللىنىپ بەرسە شۇنچە ياخشى. مەسىلەن: مىكروسوفت، ئالما، فېيىسبۇك، ئوركول قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى 10 يېشىدىن بۇرۇنلا ھازىرقى كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ساھە بىلەن تەربىيەلەنگەن، ئۇچراشقان. شۇنداقلا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماي 16-26 ياشقىچە بولغان مەزگىلىدە ھازىرقى كەسپى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ شۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە ئايلانغان ۋە ئۆز تەڭتۇشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا كەسىپتە خېلىلا كۆزگە كۆرۈنگەن. گۇگۇل بىلەن بەيدۇنىڭ خوجايىنلىرىمۇ ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ھازىرقى ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ساھە بىلەن ئۆتكۈزگەن. رايونىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسلىرىمىزمۇ ئون نەچچە يېشىدىن باشلاپلا ھازىرقى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىنى باشلىغان ۋە ئىزچىل ئون نەچچە يىل شۇغۇللىنىپ ھازىرقى ھالەتكە يەتكەن.

10 نەچچە ياش، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى شۇغۇللىنىدىغان كەسپىگە بەكلا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر بالىلىرىنىڭ ھازىرىدا ئىپادىلىنىۋاتقان تالانتىنى بايقىيالمايدۇ، تەربىيەلىيەلمەيدۇ، ئۇنى تېخىمۇ يېتىلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. ھەممە بالىلار ئورتاق مەكتەپكە بېرىش، ئوقۇش، ئىمتىھان بېرىش، ئۆرلەپ ئوقۇش يولى بويىچە مېڭىپ، ئالىي مەكتەپ بوسۇغۇسىغا قەدەم قويىدۇ. بالىلارنىڭ قانداق كەسىپتە ئوقۇيالايدىغانلىقى بالىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ھەرخىل پەنلەر نەتىجىسىدىن ۋە تولۇقسىز-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدىكى خاراكتېر مىجەزىدىن ئىپادىلىنىپ بولىدۇ. ئالىي مەكتەپنى تاللاشتىمۇ ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئەمەس ھەرخىل ئامىللارنى ئويلىشىپ بالىلىرىنىڭ تەقدىرىنى ھەرخىل مەكتەپ ۋە كەسىپلەرگە باغلايدۇ. بالىلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە يېشى 20 نەچچە ياشلارغا بېرىپ قالغان بولۇپ، 10 نەچچە يىللىق قېلىپلاشقان مۇنتىزىم مائارىپتا تەربىيەلەنگەن بالىلارنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان كەسىپ، تېخنىكا، ئىقتىدار، ئىجادى ئەۋزەللىكى ئانچە بەك ئىپادىلەنمەيدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىنلا ئىقتىسادىي بېسىم، تۇرمۇش بېسىمى، كەسىپ تاللاش قاتارلىق نۇرغۇن-نۇرغۇن ئىشلاردا كۆپ تىڭىرقايدۇ. بەزىلىرى ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىدىن باشقا كەسىپكە ئالمىشىدۇ ۋە بۇنى يېڭىدىن باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۇرمۇشنى ئالدىغا سېلىشتىن، تۇرمۇش ئۇلارنى ئالدىغا سېلىشقا ئۆزگىرىدۇ. كارخانا ئورۇنلىرى بۈگۈنكىدەك رەھىمسىز رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن چىقىمى ئاز، مەلىكىلەشكەن، تېخنىكىلاشقان ئىقتىساس ئىگىلىرى ئارقىلىقلا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. ھالبۇكى بۇنداق ئىقتىساس ئىگىلىرى ئۇلارغا كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلار بولسا خىزمەت بىلەن يۇقىرى مائاشنىڭ يوقلىقىدىن قاقشايدۇ. ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن دۆلەت مەمۇرلىقىنى ئۇدا نەچچە يىل سىناشقا مەجبۇر بولىدۇ.
#p#

دۆلىتىمىز ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنىڭ ئارتىشى بىلەن دۆلەت مەمۇرلىرىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىش ئارقىلىق بۇ بېسىمنى بىرئاز يېنىكلىتىۋاتىدۇ. ئەمما نۇرغۇنلىغان مەمۇرلارنى بېقىش، ئۇلارغا ئىش تېپىپ بېرىش دۆلەت مالىيەسىگە غايەت زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. دۆلەت مالىيەسىنىڭ كىرىم مەنبەسى دەل كارخانىلاردۇر. دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ سانىنىڭ زىيادە كۆپلۈكىدىن كۆپ قىسىم مەمۇرلارنىڭ مائاشى كارخانا ئورۇنلىرىنىڭكىدىن تۆۋەن، خىزمەت ئاددىيي، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پۇرسىتى كەم بولغاچقا، رىقابەت كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلاپ، ھۆكۈمەتكە بېقىنىشچانلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بەلكىم ئەمىلى ئۆسۈپ قالسا سەل ياخشىدۇر. ئەمما بۇمۇ ئاسان ئەمەس. پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ھوقۇق تۇتۇپ، ئۆسۈشكىمۇ بۇرۇندىن تەييارلىق بولۇش كېرەك. مەسىلەن پارتىيەگە بۇرۇنلا كىرىش، ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى دېگەندەك ئورۇنلاردا مەلۇم مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش دېگەندەك. يەنە مەسىلەن، نۇر بەكرى، كۇچار ناھىيەسىنىڭ 29 ياشلىق مۇئاۋىن ھاكىمى شەپقەتجان ھوشۇر قاتارلىقلاردەك. ھالبۇكى مەمۇرلۇقتا ئەمەل بار، ھوقۇق يوقلۇق ئەھۋالىمۇ خېلىلا كۆپ. بۇلارغىمۇ ئىدىيەدە تەييارلىق بولۇش كېرەك. ئۆسكەندىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسى كېڭىيىدىغان، ھەرخىل چىقىمى ئاشىدىغان بولىدۇ. تۆۋەن مائاش بىلەن تۇرمۇشتىكى زۆرۈر چىقىملارنى قامداپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئانچە-مۇنچە «خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىدىغان» گەپ. ئەمما ئاينى ئېتەكتە ياپقىلى بولمىغاندەك، ئاشكارە-يوشۇرۇن قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى خەلق ئاغزىغا بىردەمدىلا چىقىپ بولىدۇ، پاكىتلار ساقلىنىپ بولىنىدۇ. بوشىلەيدەك مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىغىچە ئۆسۈپ بولغان بولسىمۇ، نەچچە ئون يىللىق ئىنتىزامسىزلىق ۋە جىنايەتلىرى بىراقلا ھىساب-كىتاب قىلىنىدىغان گەپ. ئەلۋەتتە خەلققە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلاپ مەمۇر بولۇش تېخىمۇ ياخشى. ياخشى مەمۇرلار، ئەمەلدار ئاز ئەمەس. لېكىن، خەلققە ياخشى ئىش قىلىش ئۇنداق ئاسانمۇ ئەمەس. ھەرخىل ئاشكارە-يوشۇرۇن قائىدە-رەسمىيەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تولىمۇ سەۋرچان، ھوشيار، ئارقا تىرەك كۈچلۈك بولۇش كېرەك. چۈنكى قانۇن-سىياسەتلەرنى بېجىرىش، ئادەم، ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىشتا ھۆججەتكە يېزىلمىغان يوشۇرۇن قائىدىلەر تولىمۇ كۆپ.

ئون نەچچە ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئىلىم-پەنگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغان، ئالىي مەكتەپتىمۇ ئىزچىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇغانلار ئۈچۈن، ماگىستىرلىق-> دوكتورلۇق->دوكتور ئاشتىلىق-> پىروفېسسورلۇق-> ئاكادېمىكلىك كەسىپ تەرەققىييات يۆنىلىشىمۇ يەنە بىر تاللاش. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنۋان ئۈچۈن ئەمەس ئىلىم-پەندىكى خالىغان تەتقىقات تېما-مەسىلىلىرى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك قىزغىنلىق بولۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ۋە ئاسپىرانتلىق، پىروفېسسورلۇق دەۋرلىرىنى دەرسخانا، كۇتۇپخانا، تەجرىبىخانىلاردا يالغۇز ئىجتىھات بىلەن ئۆتكۈزۈشكە بېغىشلىيالايدىغان بولۇش كېرەك. ئەمما ھەممە كەسىپتىكى دوكتورلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ياخشى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى تەتقىقاتقا مەبلەغ سالغۇچىلار ھۆكۈمەت، كارخانا ئورۇنلىرىدۇر. ئۇلار تەتقىقاتنىڭ ھۆكۈمەت، كارخانا مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە كۆپرەك مەبلەغ سالىدۇ ۋە بۇ تەتقىقاتتىن كۆپرەك مەنپەئەتلىنىدۇ. ھۆكۈمەت، كارخانىلار مەنپەئەتىگە ماس كەلمىگەن تەتقىقات يۆنىلىشىدىكى دوكتورلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ياكى ئىشسىز قېلىشقا، ئىقتىسادىيي بېسىم ۋە تۇرمۇش بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ.
#p#

كارخانا ئورۇنلىرىدا ئىشلەشتە كارخانا ئۆزىگە پايدا ئېلىپ كېلىپ، كۆپرەك قوشۇمچە قىممەت يارىتالايدىغان ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق. كارخانىلارنىڭ ئويلايدىغىنى پاراۋانلىق، خەير-ساخاۋەت ئەمەس بەلكى ئېلىپ كېلىدىغان ساپ پايدا. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ساندىكى كارخانىلار تەربىيەلەش چىقىمى، بېقىش چىقىمى تۆۋەن ئەمگەك كۈچىنى تاللايدۇ. ئۇلارغا كېرەكلىك تېخنىكىۋى، ئىجادى، زۆرۈر ئەمگەك كۈچىنى تەمىنلىيەلىگەندە ئۇلار ئىشلىتىدۇ. بولمىسا شاللايدۇ. شۇڭا كارخانا ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەندە كارخانىنىڭ قۇرغۇچىلارنىڭ سەۋىيە-ساپاسى، ئىنساپ-دىيانىتى، كارخانىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، تېخىنىكىۋى، ئىجادى كۈچى قاتارلىقلارنى ئويلاپ ئىشلەيدىغان كارخانىلارنى تاللاش ۋە تاللىغان كارخانىنىڭ تەلىپىگە، بازار تەلىپىگە ئىلاج بار ئۆزىنى لايىقلاشتۇرۇش، كۈنسېرى ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچى، تېخنىكىۋى، ئىجادى كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانا ماڭا نېمە قىلىپ بېرىدۇ دېيىشتىن ئاۋۋال مەن كارخانىغا نېمىلەرنى قىلىپ بېرىمەن دېگەننى ئويلاش ۋە قىلغانغا تۇشلۇق ھەق تەلەپ قىلىش كېرەك. رىقابەت كۈچى ئاشقانسېرى ھەممە شىركەت تالىشىدىغان، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىغان، ئىقتىسادىيي كىرىمى يۇقىرى ئىقتىساس ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ.

ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشمۇ بىر كەسىپ يۆنىلىشى. ئىگىلىك تىكلىگەندە كارخانىچىدا زۆرۈر كارخانىچىلىق بىلىملىرى، مەلۇم مەبلەغ، خالىغان تېخنىكا ياكى پاتېنىت، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، بازار، مەھسۇلات، قانۇن-سىياسەت ئەۋزەللىكنىڭ ھەممىسى بولۇش كېرەك. شۇنداقلا كارخانىنى بىرگە تەرەققىي قىلدۇرىدىغان غوللۇق ئىقتىساس ئىگىلىرى قوشۇنى بەرپا بولۇش كېرەك. بولمىغاندا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيى، رەھىمسىز بازار رىقابىتىدە كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. كارخانا رەسمىيىتىنى بېجىرىپ تىجارەت باشلاش تەس، تىجارەتنى كۈنسېرى راۋاجلاندۇرۇش تېخىمۇ مۈشكۈل. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك كۈچلۈك بازار رىقابىتى كەسكىنلەشكەن، پۈتۈن خەلق پۇل تېپىشقا يۈزلەنگەن، پۇل-ھوقۇق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ بەك مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن جۇڭگو، جۈملىدىن مۇقىملىق ھەممىدىن ئەۋزەل بولغان رايونىمىزدا كارخانىنى ئۇزۇن مەزگىللىك رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرغۇزۇش ئاسان ئەمەس. بولۇپمۇ ھازىر ھەممە ساھە تەدرىجىي مونۇپۇللىشىش، كەسىپلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقاندا بۇرۇنقىدەك «قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش» خىياللىرى ئەمەلگە ئاشمايدىغان بولۇپ قالدى.

يىغىنچاقلىغاندا «ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا» دېگەندەك، ئۆزىمىزنى، مۇھىتىمىزنى، شارائىتىمىزنى ئەتراپلىق دەڭسەپ، قارار چىقىرىشىمىز كېرەك. تولا كەسىپ ئالماشتۇرماسلىق، بىر كەسىپنىڭ نېگىزىنى ئىگىلەش، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇش، ئۆزلۈكسىز ئالغا بېسىش، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش كېرەك. باللىرىمىز، ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىڭ كەسىپ تاللاش ئىشىدا بۇرۇنراق ئېنىق يۆنىلىش بېكىتىش، مۇنتىزىم، ئۇزاق مەزگىل شۇغۇللانغۇزۇش، توغرا يېتەكلەش كېرەك.
#p#

ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، باشلانغۇچقا كىرگەندىن باشلاپ ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكا شۇنداقلا ناھىيەلىك چېلىش كوماندىسىدا ئىشتىن سىرت تەربىيەلىنىپتىمەن. شۇ چاغدىكى ئارزۇيۇم كەلگۈسىدە چوڭ-چوڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا نەتىجە ئېلىش ئىدى. ئەمما بۇنى بەش يىلدەك داۋاملاشتۇرۇپ مۇسابىقىغە چۈشىدىغان يېشىمغىچە، تولۇقسىزغا چىققاندا كىتاب ئوقۇشقا ئالمىشىپ، بۇلارنى تاشلاپ قويدۇم. چوڭلارمۇ ھېچقانداق پىكىر بىلدۈرمىدى. تولۇقسىزدىن باشلاپ كومپيۇتېردا خەت بېسىش، مەشغۇلات قىلىشقا باشلىدىم. ئېنگلىز تىلىنى ھەپتىدە بىر نەچچە سائەت ئۆگىنىشكە باشلىدىم. دەرسلىكلەرنى، تارىخىي، ئىجتىمائىي كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولدۇم. بۇ ئالتە يىل جەرياندا باشقىچە ئارزۇ تىكلەندى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغاندا ئىجتىمائىي پەن ياكى تەبىئىي پەندە ئوقۇشتا ئىنتايىن ئىككىلەندىم. ئاخىرى دادامنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن تەجرىبىلىرى بويىچە «جۇڭگودا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئىشلىگەنلەرنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتمەيدۇ... كومپيۇتېردا ئوقۇپ كەلگەندە ھېچ بولمىغاندا ئۈچ ئاكىسى (ئۇلارمۇ كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشەتتى) بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرەر ئىش قىلار.» دېگەن پىكىرى بويىچە كومپيۇتېر كەسپىنى تاللىدىم. ئۈرۈمچىدە ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇدۇم. بۇ جەرياندا يۇرتتا ئانچە-مۇنچە كۇرس ئېچىپ، دەرس سۆزلىدىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىدە ناھايىتى ياخشى بولدى. ئارزۇيۇم بىرەر تىل تەربىيەلەش مەركىزىنى ئېچىپ، تەدىرىجىي راۋاجلاندۇرۇپ، بىرەر تېخنىكا شىركەتلىرىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى. ئىچكىرگىمۇ كەلدىم. كەسپىم «مىكرو ئېلېكتىرون» بولغان ئىدى. بۇنىڭدا مىكرو توك يوللىرىنى لايىھەلەشكە دائىر نەرسىلەر ئۆتىلەتتى. كېيىنچە تەجرىبىخانىدا توك يول لايىھەلىسەم بولاتتى. ئەمما ئارزۇيۇم كارخانىچى، ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىدى. ھالبۇكى بۇ كەسپىمگە تازا قىزىقالمىدىم. ئاخىرى باشقا بىر كەسىپكە ئالماشتىم. بۇنىڭدا تۆت يىل ئوقۇدۇم. ئارىلىقتا مەكتەپتىن چېكىنىپ كارخانا قۇرۇپ باقماقچى بولدۇم. ئۆيدىكىلەر قوشۇلمىدى. ئوقۇش تۈگىگەندە چەتكە چىقىپ ئوقۇماقچى بولدۇم. مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بۇمۇ ئىشقا ئاشمىدى. بىرمەزگىل ئېنگلىز تىلى كۇرس ئېچىپ، دەرس ئۆتتۈم، جەمئىيەت كۆزەتتىم. سىناپ باقتىم. نېمە قىلىش كېرەك؟ نېمىلەرنى قىلالايمەن؟ نېمىلەرنى قىلالمايمەن؟ بۇ سۇئاللارنى ئويلىدىم، ئۆزۈمگە تۇشلۇق جاۋابمۇ تاپتىم. دەرس ئۆتۈشنى تاشلىدىم. گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسى خېلىلا ئاشقان بولسىمۇ ئەمما ئاخىرقى نەتىجە يەنىلا كۈتكىنىمدەك بولمىدى. ئۇندىن باشقا، دەرس سۆزلىسەم قىممىتىم پەقەت دەرس ۋاقتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدىكەن. ھەقىقىي تىل ئۆگىنىش نىيتىگە كەلگەن بالىلار تىل ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنەلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. يەنە كېلىپ، تىلنىڭ مۇھىملىقىدىن بىلىم، پەن-تېخنىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تۇنۇدۇم. ئۇيغۇرچە پەن-تېخنىكا كىتاب-ماتېرىياللىرىنىڭ ئازلىقىدىن بۇنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئويلاندىم. پەن-تېخنىكا يازغۇچىلىرى كىتابنى ئۇيغۇرچە يازسا بازار ئاز، چىقىم كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرچە يازماي، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە يازاتتى. تەرجىمانلارمۇ بازار ئازلىقىدىن چىقىم كۆتۈرەلمەيدۇ دەپ، پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلمايتتى. بۇنىڭ بىردىن-بىر يولى تەرجىمە ئەمگىكىنى ئازايتىش، تەرجىمانلارغا كېلىدىغان كىرىمنى كۆپەيتىش. بۇنى كومپيۇتېر ماشىنا تەرجىمىسىدىن باشقا ھەل قىلىش يولى يوق ئىدى. مانا بۇ ھازىرقى بۇ ساھەگە كىرىشتىكى ۋە ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشتىكى سەۋەبىم.
#p#

ئەينى ۋاقىتتا مەن شۇ باشلانغۇچتىكى ناخشا-مۇزىكا ياكى تەنتەربىيە ئالاھىدىلىكىمنىڭ خالىغان بىرىنى داۋاملاشتۇرغان بولسام، بەلكىم بۇ چاغقا مەنمۇ 20 نەچچە يىللىق ناخشا-مۇزىكىچى ياكى تەنتەربىيەچى بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. بىر ئاكام تولۇقسىزدىن باشلاپ بوكس كوماندىسىدا تۆت يىلدىن ئارتۇق مەشىق قىلغانىدى. شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالمۇ ئالغانىدى. ئەپسۇس، كېيىنچە جاپالىق مەشىق بالا ۋاقتىدا ئېغىر كەلدىمۇ قانداق، دادامنىڭ «ماقۇل، يېنىپ كەل ئەمىسە» دېيىشى بىلەن بۇنى توختىتىپ قويدى. كېيىنچە ئالىي مەكتەپتە باشقا كەسىپنى يېڭىدىن باشلاپ ئۆگەندى. ھالبۇكى بۇ چاغدا ئاكامنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى تەڭتۇش ساۋاقداشلىرى، رىقابەتچىلىرى 4-5 يېشىدىن باشلاپلا تەربىيەلەنگەن بالىلار ئىدى. يەنە بىر ئاغىنەم تولۇقسىزدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكىدا باشقا بالىلاردىن ئالاھىدە ياخشى ئىدى. ئاۋازىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمىزدا مەكتەپتىكى چوڭ بىر پائالىيەتتە بىر ناخشا بىلەنلا مەكتىپىمىزنىڭ «ناخشا چولپىنى»غا ئايلانغان ئىدى. ئەپسۇس، ئاتا-ئانىسى «بۇقىنى كالام دېمەڭ، ئەل-نەغمىنى بالام» دېگەن بويىچە، بۇ تالانت ئىگىسى باشقا كەسىپتە ئوقۇدى. يۇرتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىقمۇ قىلدى. بۇنىمۇ ئىككى يىلدىن كۆپرەك قىلىپ، ئەمدى خىزمەتنى تاشلاپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ.

ھۆكۈمەت مەمۇرىي، ئوقۇتقۇچى، كەسپى خادىم، تىجارەتچى، كارخانىچى بولۇشنىڭ ھەر قاندىقىدا جان باققىلى بولىدۇ. ئەمما شۇ كەسىپتە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئۆز قىممىتى ۋە تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىللىك، سىستېمىلىق، ئىلمىي يېتەكلىنىش، تەربىيەلىنىش ۋە مۇئەييەن قوللايدىغان شەرت-شارائىت زۆرۈر.

ياشلىق-شاشلىق، ئۈمىدۋارلىق، غەمسىزلىك. ھالبۇكى جەمئىيەت كىشىنىڭ ھەممىلا ئارزۇيىنى قانائەتلەندۈرىۋەرمەيدۇ. سۇ كېلىشتىن بۇرۇن توغان سېلىپ، مەقسەت-نىشانلىق، پىلان-ھەرىكەتلىك ياشىساق ئۆزىمىز تاللىغان ھەرقانداق كەسىپتە، تۇرمۇشتا تەشەببۇسكار بولالايمىز. ئەلۋەتتە، ھەممە نىشانىمىز، پىلانىمىز ئىشقا ئېشىشى ناتايىن، چۈنكى بىز نۇرغۇنلىغان ئادەتتىكى ئەقلىيلىكمۇ بەزىدە يىمىرىلىپ تۇرىدىغان جەمئىيەتتە ياشايمىز. لېكىن بۇرۇنراق تەييارلىق قىلساق ھەرھالدا چىرايلىق مەغلۇب بولغىلى بولىدۇ. زىياننى تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ. تۇرمۇشتىكى تاللاشلار ياخشى-يامان دەپ ئاسانلا ئايرىغىلى بولىدىغان تاللاش ئەمەس. گاھىدا ئەڭ ئوسال، ئوسال، ناچار، سەل ناچارلار ئىچىدىن تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. ناچارلىق ھەرھالدا ئەڭ ئوسالغا قارىغاندا ياخشىدۇر. تۇرمۇشىمىز مانا شۇنداق ئەقلىيسىزلىك، بىمەنىلىك، قىيىنچىلىق، ئۈمىدسىزلىك، مەغلۇبىيەتلەر ئىچىدىن ئۈمىد پەيدا قىلىپ كەلگۈسىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشقا تىرىشىش بىلەن مەنە تاپسا كېرەك.

گاھىدا ئوتتۇرا، ئالىيي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىنى-سىڭىللىرىمغا ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ بېكىتىش، نېمىلەرنى قىلىش، قانداق قىلىش ھەققىدە تەپسىلى دېگۈم كېلىدۇ. ئەمما ئۇلاردىكى پەرۋاسىزلىق، ئىرەڭشىمەسلىكتىن مەغلۇبىيەت ۋە بۇرنىغا سۇ كىرىشنىڭ ئىنسان ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈر تەربىيە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. ئەپسۇس، بۇ ياشلىقتىكى بىھۇدە، مەقسەت-پىلان، تەييارلىقسىز ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋاقىت ئەكەلتۈرگەن مەغلۇبىيەت ساۋىقىنىڭ قىممىتى نەچچە يىللىق ۋاقىت ھەتتاكى بىر ئۆمۈرگە تاقىلىدۇ. ھالبۇكى كىشىلىك ھاياتتا CTRL+Z ( كەينىگە ياندۇرۇش كۇنۇپكىسى) يوقتە.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى