ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى

ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 440 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بېشى « تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە» بۇ يەردە!

 

 تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ  تەرەققىيات يۈزلىنىشى

 

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش كارخانا مال ئوبوروتىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان شەكلى. گەرچە تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولسىمۇ نۇرغۇن كارخانىلار تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش جەريانىدا مول تەجرىبە ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ھازىر تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى تۆۋەندىكىدەك بولماقتا:

 

ۋاقىت ۋە سۈرئەت


نۇرغۇن شىركەتلەر ۋاقىت ۋە سۈرئەتنىڭ بازار رىقابەت كۈچىگە تەسىر  يەتكۈزىدىغان ئامىلنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. مەسىلەن، IT (Internet Technology، ئىنتېرنېت تېخنىكىسى) ساھەسىدە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كۆپ سانلىق PC ياسىغۇچى سودىگەرلەر Intel نىڭ CPU سىنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئەڭ تېز سۈرئەتتە Intel ئىشلەپ چىقارغان CPU نى ئىشلىتىش PC ياسىغۇچى سودىگەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى تاللىشى بولۇپ قالدى. ھازىر ۋاقىت ۋە سۈرئەت كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسلىق  يولى. بىر ھالقىنىڭ ئىشنى كەينىگە سۈرۈشى پۈتۈن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەر قايسى كارخانىلار مال ئوبوروتى ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى خېرىدار ئېھتىياجىغا تېز  ئىنكاس قايتۇرۇش، مال ساقلاش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ رىقابەت سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەقسەتلىرىگە  يېتىدۇ.

 

 سۈپەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى


تەمىنلەش زەنجىرىدە نۇرغۇن ھالقىلار بولۇپ، ھالقىلار ئۆز-ئارا زىچ بىرلىشىشى، ھەر بىر ھالقا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق بىر ھالقا، مەسىلەن، مال توشۇش مۇلازىمىتىنىڭ ياخشى ناچار بولۇشى تەمىنلىگۈچى سودىگەر ساقلىغان مالنىڭ مىقدارىغا، پارچە سېتىش سودىگىرىنىڭ ئامبىرىدىكى مالنىڭ مىقدارىغا، ئەڭ ئاخىرىدا خېرىدارنىڭ مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت، ۋاقىت ۋە مال باھاسى قاتارلىقلارغا بەرگەن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانىلار مال ئوبوروت سۈپىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ياسىغۇچى سودىگەرلەر ئىشلەپ چىقىرىش ئۈنۈمىگە (资产生产率) تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى. ئىشلەپ چىقىرىش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىشتە كارخانا ئىچىدە ساقلانغان مالنى ئازلىتىپلا قالماستىن يەنە تەمىنلەش زەنجىرىدە ساقلانغان مالنى ئازلىتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ يۈزلىنىشى كارخانىلاردىن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمبەھىرلىنىپ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ساقلانغان مالنى ئازلىتىشنى تەلەپ قىلماقتا.


 

تەشكىلى ئاپپاراتلار ئىخچام بولۇش


تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئەزالارنىڭ تىپى ۋە سانى تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ھازىر بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانىلار تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ سانىنى ئازايتىشنى ئويلاشماقتا. ھەمدە مۇنداق يۈزلىنىش ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك ۋە تېز بولماقتا. مەسىلەن، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر پۈتۈن دۇنيادىكى مال ئوبوروت ئىشلىرىنى پەقەت بىر نەچچە مال ئوبوروت شىركەتلىرىگە، ھەتتا پەقەت بىرلا مال ئوبوروت شىركىتىگە ھۆددىگە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇنداق بولغاندا پۈتۈن دۇنيادا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەمدە مۇلازىمەت قىلغىلى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى تەمىنلەش زەنجرىنى باشقۇرۇشنىڭ پۈتۈنلۈك ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

 

خېرىدار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش


ھازىر بارغانسېرى كۆپ تەمىنلەش زەنجىرى ئەزالىرى ھەقىقىي تۈردە خېرىدار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ۋە خېرىدارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. ئىلگىرى باھالاش ئۆلچىمى « مال زاكاس قىلىپ مال تاپشۇرىۋېلىشقىچە بولغان ۋاقىت»، « مۇكەممەل تالوننىڭ نىسبىتى» قاتارلىقلار ئىدى.  ھازىر خېرىدارنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيىسىدىن ئالغان تەسىراتى قاتارلىقلار مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالدى. خېرىدار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسى مال ئوبوروت شىركىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش، مال ئوبوروت شىركىتىنى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ھەمراھ دەپ بىلىش بولدى.


 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى