ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا بىر مۇكەممەل بولغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بىر مۇكەممەل بولغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-01-05 ئاۋاتلىقى: 599 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەگەر سىز دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدىغان قىزغىنلىقىغا تولغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولسىڭىز، سىزدە چوقۇم ئاكتىپ پوزىتسىيە شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا كېرەكلىك بولغان ئامىل ھازىر بولغان بولىدۇ. بۇ جەرياندا، سىز ئاستا-ئاستا بۇلارنى ھېس قىلىپ يېتىسىز.
ئاۋۋال، ئەڭ مۇھىم بولغىنى سىزدە چوقۇم ئىگىلىك تىكلەش تۈزى بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا  بۇ تۈر ناھايىتى ياخشى تۈر بولۇشى كېرەك.
بىراق، سىز قانداق قىلىپ بىر مۇكەممەل بولغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى تېپىپ چىقالايسىز؟
بىر ئاجايىپ بولغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرى دائىم ئويلىمىغان چاغدا پەيدا بولىدۇ، Zuckerberg مۇشۇنداق ئەمەسمۇ؟ Facebook مۇ مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن ئەمەسمۇ؟
بىراق، سىز زادى قانداق قىلىپ بۇلارنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق قىلالايسىز؟ بولۇپمۇ بىرىنچى قېتىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ياكى يالغۇز ئىگىلىك ياراتقۇچىلار، بۇ تۈرنىڭ ئىجرا قىلىشچانلىققا ئىگە بولۇش بولماسلىقى كىشىنى ئاسانلا خىيالغا سېلىپ، ئارىسالدى قىلىپ قويىدۇ.
بۇ تۈر بىلەن پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟
خېرىدارلار بۇ تۈرنى ياقتۇرامدۇ؟
ئۇنىڭ مەغلۇب بولۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟
بازاردىكى ئوخشاش مەھسۇلات بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ قانداق ئوخشىمايدىغان يېرى بار؟
بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى سىزگە يېپىشىپ، سىز بۇلارغا ئېتىبار بەرمەي دېسىڭىزمۇ ئامالسىز قالىسىز.
مەن تۆۋەندە ئىگىلىك تىكلەشتىكى كېرەكلىك بولغان بىر قانچە ئامىلنى سىز بىلەن بەھرىلىنىپ ئۆتىمەن. بۇ سىزگە تۈر ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان  ئۆلچەمنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز ئاجايىپ قالتىس بولغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرالايسىز، ھەرگىزمۇ ئاشۇ سوئاللار بىلەن ئىككىلىنىپ قالمايسىز.
#p#
بىرىنچى ئامىل: خېرىدارنىڭ كەسكىن ئىنكاسى
 مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرىڭىز چوقۇم خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلگەن بولۇشى، شۇنداقلا سىز ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىققان بولسىڭىز، سىزنىڭ نىشانلىق خېرىدارىڭىز چوقۇم مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان كىشىلەر بولىدۇ.
مىسال كەلتۈرسەم، مەن زور بولغان ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىلەن ماقالىنى ئوقۇغان--- OkCupid. OkCupid نى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن مەن بۇ شىركەتنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي، ئۇ بىر مەخسۇس شۇ يەرلىك كىشىلەر ئۈچۈن قىز يىگىت تونۇشتۇرىدىغان توي تونۇشتۇرۇش شىركىتى. سىز ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئۆز-ئارا تونۇشالايسىز. ئۇلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى ناھايىتى ھەقىقىي بولۇپ، سىزنىڭ ئىشەنچكە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار 38 مىليون خېرىدارغا ئىگە بولغان، ئۇنىڭ ئىچىدە 10 مىليون خېرىدارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئاكىتىپ بولۇپ، 2004-يىلىدىن بېرى ئۇلار %33 لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ قالغان.
ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانا. بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزىنى OkCupid غا ئوخشاش ناھايىتى زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان سودا تۈرىنى تېپىپ چىقالمايدۇ دەپ قارايدۇ.
بىراق، ئەمەلىيەتتە، سىز تاپالايسىز!
ئەلۋەتتە، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىيەت خاراكتېرىدىكى شۇنداقلا ئىنچىكە تەرەپلەردىن چىڭ تۇرۇشنىڭ ھەممىسى OkCupid نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ناھايىتى چوڭ ئامىلى، بىراق ھەقىقىي غەلىبىگە ئېرىشتۇردىغىنى بولسا خېرىدارنىڭ كەسكىن ئىنكاسى.
سىز ئويلاپ كۆرۈڭ، قايسى بىر ياش ئۇچرىشىشنى خالىمايدۇ؟ مېنىڭچە ناھايىتى ئاز.
ھازىر، سىز مۇنداق بىر مەسىلىگە جاۋاب بېرىشىڭىز كېرەك:
سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرىڭىز قايسى ئادەملەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
كۆپلىگەن كىشلەر سىزنىڭ تۈرىڭىزگە ئىنكاس بىلدۈرەمدۇ يوق؟ نېمە ئۈچۈن ئىنكاس بىلدۈرىدۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ؟
#p#
ئىككىنچى ئامىل: ئالاھىدە سېتىش نۇقتىسى
ئەگەر سىز بازارشۇناسلىق ۋە ئاممىۋىي ھۆججەتكە پىششىق تونۇش بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بۇ نۇقتىنى چوقۇم ئاڭلىغان.
بىر ئالاھىدە سېتىش نۇقتىسى، ئۇ سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنى بازاردىكى باشقا مەھسۇلاتتىن پەرقلەندۈرىدۇ. سىزنىڭ سېتىش نۇقتىڭىز خېرىدارلار باشقىلاردىن سېتىۋالالمايدىغان بولۇشى كېرەك.
بىر مىسال كەلتۈرسەك، بىز ئاۋۋال StartupBros قاراپ باقايلى، سىزنىڭچە سىزنىڭ سېتىش نۇقتىڭىز نەدە؟
سىز بەلكىم ئۆزىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكىڭىزنى تىلغا ئېلىشىڭىز مۇمكىن. مىسال كەلتۈرسەك، مەن ۋە Kyle ھەممىمىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىنتېرنېت تور قۇرغۇچىسى. بىزنىڭ نىشانىمىز بولسا ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە ئەمەلىي بولغان تەكلىپ ۋە ماھارەت بېرىش، ھەرگىزمۇ بىكاردىن بىكار نەزەرىيە سۆزلەش ياكى كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان دوكلات سۆزلەش ئەمەس.
بىراق، ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن ئىگىلىك تىلىگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تۈرى بار، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئوخشاشمايدىغان يېرىمىز زادى قەيەردە؟
StartupBros بولسا قىزغىنلىققا تولغان توردىكى ئىگىلىك تىكلەش جەمئىيىتى. بۇ يەردە، بىز باشقىلارغا دەرس ئۆتىمىز، شۇنداقلا باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىمىز. بۇ يەردە سىز باشقا يەردە تاپالمىغان نەرسىنى تاپالايسىز.
ئەگەر بىزدە ئۆزىمىزگە تەۋە بولمىغان بىر ئالاھىدە سېتىش نۇقتىمىز بولمىسا، بىز سودا ۋە بازاردا بەلكىم نۇرغۇنلىغان خېرىدار تەرىپىدىن ئېتىبارغا ئېلىنماي قېلىشىمىز مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك بولغىنى، ئالاھىدىلىك بولۇش ناھايىتى مۇھىم، بىراق پەقەت ئالاھىدە بولۇش ئۈچۈنلا ئالاھىدە بولسا بولمايدۇ. رىقابەتچى بىلەن ھەقىقىي پەرقلەندۈرىدىغىنى بولسا خېرىدارغا ھەقىقىي ئېلىپ كەلگەن قىممەت. ئەگەر پەقەتلا باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن بولسا ئۇنداقتا ئۇ قارىماققا بىر غەلىتە مەخلۇققا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.
#p#
ئۈچىنچى ئامىل: ئېنىق نىشان ۋە ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان سودا پىلانى بولۇش كېرەك
بۇ يەردە تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمىز:
بىرىنچى، Lee Schneider نى زىيارەت قىلغاندا ئاڭلىغانغا ئوخشاش، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش بولسا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئادەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئادەتكە مۇھتاج بولۇشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئىگىلىك تىلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ، ھالبۇكى قەتئىي داۋاملاشتۇرساق بىز بەلكىم مەغلۇبىيەتتىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىمىز مۇمكىن.
بىز ئاشۇ مەغلۇب بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشىنى سورىغاندا، سىزنىڭ ئالغا ئىگىلىشىڭىز دائىم ئاشۇ سىزنى توسۇپ تۇرغان توسالغۇغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق بولىدۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىدە، بىز دەل مۇشۇنداق بىر پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىگىلىك تىلىگەندە ئەڭ مۇھىم بولغىنى بولسا بىر ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان سودا پىلانى تۈزۈپ چىقىش. ھالبۇكى بۇ پىلان چوقۇم ئېنىق، سىزنىڭ تەرەققىيات جەريانىڭىزدا چوقۇم مۇھىم تۈرتكىلىك رولغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
بۇ يەردە سۆزلەنگىنى ھەرگىزمۇ سىز مەكتەپتە ئۆگەنگەندەك بىر پارچە سودا پىلانى تۈزۈپ چىقىش ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، بىراق ئاز بولغاندىمۇ سىزنىڭ كاللىڭىزدا شىركەتنى قانداق يۈرگۈزۈش ۋەشىركەتنى قانداق قىلىپ زورايتىش پىلانى بولۇشى كېرەك.
مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئولتۇرۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزۈپ چىقىشقا مۇھتاج بولىدۇ، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن بىر شەكىلگە كىرگەن بىر تۈر پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كۆپلەپ كەسپىي ماتېرىياللارنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىنى ئۆزىگە تەدبىقلاش كېرەك.
ھەرگىزمۇ بۇ ئامىلنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارىماڭ. پىلاننى تۈزۈپ چىققاندا، سودا پىلانى بۇ بەلكىم ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولۇشى مۇمكىن، ئۇ دائىم سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
#p#
تۆتىنچى ئامىل: ئاپتوماتلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى
بۇ يەردە سۆزلەپ ئۆتكەن "يوشۇرۇن كۈچ" بولسا توردىكى بىر كەسىپنى ئېلان قىلىش، بۇ دەسلەپكى مەزگىلىدە نۇرغۇنلىغان خىزمەت تەييارلىقىغا ئېھتىياجلىق. مەيلى كوللېكتىپنىڭ بەس-بەس بىلەن قىلغان مۇنازىرىسى بولسۇن، مەيلى مىكروبىلوگ ياكى باشقا ئالاقە توردا ئالاقە قىلىش بولسۇن، ۋە ياكى ئالاقە توردا ئەگەشكۈچىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش بولسۇن، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن كۈچ سەرپ قىلىش كەتمەيدۇ.
ئەگەر باشلىغاندا، سىز بۇ ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنىڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى بار دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز دەسلەپتە بۇ مۇرەككەپ خىزمەتنى ناھايىتى قىزغىنلىققا تولغان دەپ قارايسىز بۇ  ناھايىتى مول قىممەتلىك بولغان قىممەتكە ئىگە.
ئاددىي مەسىلە بولسا مەھسۇلات سېتىش ئۇچۇرى. بۇ كۆپلىگەن ۋاقىت ۋە پۇل سەرپ قىلىپ قۇرۇپ چىققان مەھسۇلات ئۇچۇرى ئۈستىدە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، سىز بەلكىم تېخىمۇ كۆپ بولغان ۋاقىت ۋە مەبلەغ ئارقىلىق مۇشۇ مەھسۇلاتنى كېڭەيتىسىز.
بىراق، سىز بۇلارنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، خېرىدار سىزنىڭ قوللىنىش ماتېرىيالىڭىزنى چۈشۈرگەندە، سىز مەلۇم مىقداردىكى ئېقىمغا ئىگە بولىسىز. دەسلەپتە ئېلان قىلغاندا، خىزمەت دەسلەپكى مەزگىلدىكى زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ، بىراق سىزنىڭ ئېقىمىڭىز بارغانسېرى كۆپىيىپ بارىدۇ، مانا بۇ ئاپتوماتىكلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن بەخت.
تىجارەت جەريانىدا، ئەگەر كەسىپنىڭ ئېشىشى ۋاقىت ۋە مەبلەغگە يېلىنىۋالمايدىغان بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا بۇ خىل ئۆسۈش شەكلىدە چوقۇم توسالغۇ بولىدۇ. سىز چوقۇم بۇ خىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەھسۇلات پىلانىنى تۈزۈپ چىقسىڭىز كېرەك.
#p#
بەشىنچى ئامىل: شەخسىي قىزىقىش. ئەڭ ئاخىرقى بۇ ئامىل بىر قەدەر سۇبيېكتىۋلاشتۇرۇلغان، چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدە ياخشى يامان تەرەپ بولىدۇ. سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى تۈرگە قىزىقىش قىزىقماسلىقىڭىز ناھايىتى مۇھىم!
بىراق، سىز چوقۇم چۈشىنىشىڭىز كېرەك، سىز پەقەت سىز ياقتۇرغان نەرسىنىلا قوغلىشىپ قالماستىن يەنە باشقا نەرسىلەرنىمۇ كېرەك قىلىسىز. مىسال ئالساق، سىتېۋ جوبىس---ئۇ " ئۆزۈڭنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى قوغلاش" دېگەننى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئادەم، ھالبۇكى بىر تالانتلىق تېخنىكا ئىنقىلابچىسى ئەمەس. ئۇ پىيادە ساياھەت قىلىش بىلەن ئالىي مەكتەپتە نام چىقارغان، ھىندىستاندا بىر نەچچە ئاي ۋاقىت ھەر خىل خىيالغا تولغان قەلبىنى تىنچلاندۇرۇش ساياھىتى قىلغان. ئۇ ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغان كىتابپۇرۇش ئوبرازىدا ئەمەس.
مېنىڭ ئېيتىپ ئۆتكەنلىرىم: سىتېۋ جوبىس ھەرگىزمۇ توغۇلىشىدىنلا سىلتسىي جىلغىسىنىڭ خوجايىنى ئەمەس، ئۇ ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە ئىنقىلاپ ئۈچۈن كەلگەن. ئۇ تالانتلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچى، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر ئادەم ئۇنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش خىيالىنى توسۇپ قالالمايدۇ.
ئوخشاش بولغىنى، سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرىڭىز ئازدۇر-كۆپتۇر چوقۇم سىزنى قىزىقتۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولغاندا سىز  ئۇنىڭ ئىچىگە %100 كىرەلەيسىز. ئەگەر سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرىڭىزگە ئانچە قىزىقمىسىڭىز، يەنە دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە كۆزىڭىز يەتمىسە، ئۇنداقتا سىز قايتىدىن ياخشى ئويلاپ بېقىڭ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرىڭىز يۇقىرىقى بەش ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ سەرپ قىلغىنىڭىز، سىزگە زادى نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئوبدان قاراپ بېقىڭ. بەلكىم سىز مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرگەن نەرسىدىن يېڭىلىق يارىتىپ، ئاندىن شۇ ئارقىلىق ئىگلىك تىكلەپ چىقىشىڭىز مۇمكىن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى