ئىسمىنا ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئىسمىنا ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 31-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«ئادەم ئىلەتكەن ئورۇنلار ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئەمگەكچىگە ئىسمىنا ھەققى بېرىشى كېرەك.
«بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مائاش بېرىش بەلگىلىمىسى»نىڭ 14-ماددىسىدا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار قانۇن بويىچە ئەمگەكچىنى ئۆلچەملىك خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە ئەمگەكچىگە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بېرىشى كېرەك:
1. كۈندىلىك ئۆلچەملىك خىزمەت ۋاقتىغا ۋاقىت قوشسا، سائەتلىك ئاساسلىق مائاشىنىڭ %150دىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە ئىسمىنا ھەققى بېرىشى كېرەك؛
2. دەم ئېلىش كۈنىدە ئىشلىسە، شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتىكى تولۇقلاپ دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرالمىسا، كۈنلۈك ياكى سائەتلىك ئاساسلىق مائاشىنىڭ %200دىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە ئىسمىنا مائاشى بېرىشى كېرەك؛
3. قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىسە، كۈنلۈك ياكى سائەتلىك ئاساسىي مائاشىنىڭ %300دىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە ئىسمىنا مائاشى بېرىشى كېرەك.