ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە

ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 477 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى» بۇ يەردە!

 

 تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە

 

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مەقسىتى ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان مۇرەككەپ سىستېما. شۇنىڭ ئۈچۈن تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرغاندا تەپەككۇرى سۈزۈك، مۇھىم ۋە مۇھىم ئەمەسلىرى ئېنىق ئايرىلغان، ھالقىلىق مەسىلە چىڭ تۇتۇلغان بولىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ئىنچىكە نۇقتىلارغىمۇ، ئومۇمىي ئەھۋالغىمۇ تەڭ كۆڭۈل بۆلگىلى بولىدۇ.


تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلىلەر تۆۋەندىكىدەك:

 

مال يەتكۈزۈش تورىنى قايتا قۇرۇش


مال يەتكۈزۈش تورىنى قايتا قۇرۇش دېگىنىمىز بىر ياكى بىر نەچچە زاۋۇت ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلات ئارقىلىق بىر  ياكى بىر نەچچە گۇرۇپپا ئوخشىمىغان ئورۇنغا جايلاشقان ئوتتۇرىدىكى سودىگەرلەرگە مۇلازىمەت قىلغاندا، ئەسلىدىكى ئېھتىياج ئەندىزىسى ياكى سىرتقى شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى پەيدا قىلغان مال يەتكۈزۈش تورىدىكى تەڭشىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداق تەڭشىلىش ئىشلىتىلىۋاتقان بىر نەچچە ئامبارنى ئىجارىگە ئېلىش توختىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى ياكى ئوتتۇرىدىكى سودىگەر سانىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

 

مال يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيىسى مەسىلىسى


تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتا يەتكۈزۈپ بېرىش ئىستراتېگىيەسىمۇ ناھايىتى مۇھىم. بىۋاسىتە يۆتكەش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنامدۇ، تىپىك يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنامدۇ ياكى بىۋاسىتە توشۇش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنامدۇ؟ قانچە يۆتكەش نۇقتىسىغا موھتاج؟ قايسى ئىستراتېگىيە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كۆپ سانلىق تۈگۈن كارخانىلارغا ماس كېلىدۇ؟



بىۋاسىتە يۆتكەش ئىستراتېگىيەسى بۇ ئىستراتېگىيەدىكى ئاخىرقى سودىگەرنى مەركىزى ئامبار مال بىلەن تەمىنلەيدىغان، مەركىزى ئامبار تەمىنلەش جەريانىدىكى تەڭشىگۈچى ۋە سىرتتىكى تەمىنلەش سودىگەرلىرى مال زاكاس قىلىدىغان يۆتكەش پونكىتى بولىدىغان، ئۆزىدە ئامبار قالدۇقى ساقلىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تىپىك يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەسى بولسا مەركىزى ئامباردا ئامبار قالدۇقى ساقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىۋاسىتە توشۇش ئىستراتېگىيەسى بولسا بىرقەدەر ئاددىي، ئۇ بىر خىل مالنى بىۋاسىتە تەمىنلىگۈچى سودىگەردىن ئاخىرقى سودىگەرگە توشۇيدىغان يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەسى.

 

تەمىنلەش زەنجىرىنى توپلاشتۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ


تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى ۋە ھەر قايسى ھالقىلاردىكى كارخانىلارنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا زىت بولۇپ قېلىشى تەمىنلەش زەنجىرىنى توپلاشتۇرۇشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەمىنلەش زەنجىرىنى توپلاشتۇرۇش مۇمكىن بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر قايسى ھالقىلاردىكى كارخانىلارنىڭ سېتىش ئۈنۈمى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا تەمىنلەش زەنجىرىنى توپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى نېمە؟ تەمىنلەش زەنجىرىنى توپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى  ئۇچۇرنى ھەمبەھرلىنىش ۋە خىزمەت پىلانى. شۇنىسى ئېنىقكى، قايسى ئۇچۇرلارنى قانداق ھەمبەھىرلىنىش، ئۇچۇرلار تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ لايىھەلىنىشىگە ۋە خىزمەتلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى، ئوخشاش بولمىغان ھالقىلاردىكى كارخانىلار ئارىسىدا قانداق توپلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش، قانداق ھەمراھ مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش  قاتارلىق مەسىلىلەر ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردۇر.

 

ئامباردىكى مال مىقدارىنى كونترول قىلىش مەسىلىسى


ئامباردىكى مال مىقدارىنى كونترول قىلىش مەسىلىسى ئاخىرقى سودىگەر مەلۇم بىرخىل مالدىن قانچىلىك ساقلىشى كېرەك؟ ئاخىرقى سودىگەر ساقلىغان مالنىڭ مىقدارى پەرەز قىلىنغان ئېھتىياجدىن كۆپ، ئاز ياكى تەڭ بولۇشى كېرەكمۇ؟


ئاخىرقى سودىگەر قانچىلىك ئامبار قالدۇقى ئوبوروتى قوللىنىشى كېرەك؟ ئاخىرقى سودىگەرنىڭ نىشانى قانداق نۇقتىدا قايتىدىن بىر تۈركۈم مالنى زاكاس قىلىشنى قارار قىلىش، ۋە شۇنداقلا ئامبار قالدۇقى مال زاكاس قىلىش ۋە باشقۇرۇش تەننەرخىنى ئەڭ تۆۋەنلىتىشتە قانچىلىك مەھسۇلات زاكاس قىلىش كېرەك قاتارلىقلار.


 

مەھسۇلات لايىھەلەش


ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، ئۈنۈملۈك مەھسۇلات لايىھەلەش تەمىنلەش زەنجىرىدە كۆپ  تەرەپلىمىلىك مۇھىم رول ئوينايدۇ. قايسى چاغدا مەھسۇلات لايىھەلەش ئارقىلىق مال توشۇش تەننەرخىنى ئازايتىش ياكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ دەۋرىنى قىسقارتىش، مەھسۇلات لايىھەلەش خېرىدار ئېھتىياجىنىڭ تۇراقلىق بولماسلىقتەك كەمچىلىكنى تولۇقلىيالامدۇ، يېڭى مەھسۇلات لايىھەلەش ئۈچۈن تەمىنلەش زەنجىرىگە قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك دېگەندەك مەسىلەر ئىنتايىن مۇھىم.

 

ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە قارار چىقىرىشنى قوللاش سىستېمىسى


ئۇچۇر تېخنىكىسى تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى. تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي مەسىلىسى قانداق سانلىق مەلۇماتنى يەتكۈزۈش كېرەك؟ سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق ئانالىز قىلىش ۋە ئىشلىتىش كېرەك؟ ئىنتېرنېتنىڭ قانداق تەسىرى بار؟ ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ قانداق تەسىرى بار؟ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە قارار چىقىرىشنى قوللاش سىستېمىسى كارخانىنى بازار رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە قىلالامدۇ؟ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

 

كارخانىنىڭ خېرىدار نەزىرىدىكى قىممىتىنى باھالاش


كارخانىنىڭ خېرىدار نەزىرىدىكى قىممىتى كارخانىنىڭ خېرىدارلىرى ئۈچۈن ياراتقان قىممىتىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ ئۇ كارخانا تەمىنلىگەن بارلىق مال، مۇلازىمەت ۋە خېرىدارغا بولغان تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى نەچچە  يىلدىن بۇيان بۇ ئۆلچەم سۈپەت ۋە خېرىدارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى قاتارلىق ئۆلچەملەرنىڭ ئورنىنى ئالدى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى