شىنجاڭدا 4 مىليارد 600 مىليون ياشلىق مېتېئورىت تاشقا 80 مىليون باھا قويۇلدى
ۋاقتى: 2016-05-30
ئاۋاتلىقى: 752 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
شىنجاڭدا 4 مىليارد 600 مىليون ياشلىق مېتېئورىت تاشقا 80 مىليون باھا قويۇلدى
12-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر پارچە ئادەمنىڭ مۇشتۇمىدەك چوڭلۇقتىكى بىر پارچە مېتېئورىت تاشقا 80 مىليون باھا قويۇلغان بولۇپ، بۇ تاش ئۈرۈمچىدىكى بىر مېتېئورىت دۇكىنىنىڭ ئوتتۇرىغا تىزىپ قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۇزۇلۇقى 15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 8 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 434 گىرام كېلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تاشقا ئاسمان پەلەك باھا قويۇلۇشىدىكى سەۋەب، بۇ بىر «ۋاسىتىسىز مېتېئورىت تاش» بولۇپ، 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭنىڭ گوچۇڭ ناھىيەسىگە ئاسماندىن چۈشكەن بولۇپ، شۇ يەرلىك خەلق ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە يەردىن كولاپ چىقىرىۋېلىنغان.
بېيجىڭ ئاسترونومىيەخانىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئېنژىنېرى، مېتېئورىت تاش مۇتەخەسسىسى جاڭ باۋلىن بۇ تاشقا باھا بېرىپ: «بۇ ۋاسىتىسىز مېتېئورىت تاش ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، مەملىكەت، ھەتتا خەلقئارادىمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان تاشتۇر، ئۇنىڭ يېشى 4 مىليارد 600 مىليون يىلدىن يۇقىرى بولۇپ، يەر ياشارىنىڭ يېشى بىلەن تەڭ كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقات قىممىتى، ئىقتىساد قىممىتى، مەدەنىيەت قىممىتى ھېسابسىزدۇر.»