ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارە ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپىنى يۆتكەپ بەرمىسە قانداق قىلىدۇ؟

ئىدارە ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپىنى يۆتكەپ بەرمىسە قانداق قىلىدۇ؟

ۋاقتى: 2014-06-21 ئاۋاتلىقى: 355 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىدارە ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپىنى يۆتكەپ بەرمىسە قانداق قىلىدۇ؟

 

جاۋاب: ئەمەلىيەتتە بەزى ئىدارىلەر خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت ئالمىشىپ كېتىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئەمگەكچىلەرگە ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنغانلىق ياكى توختىتىلغانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئارخىپىنى يۆتكەپ بەرمەيدۇ، ئەمگەكچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى يۆتكەپ بەرمەيدۇ، بۇ ئەمگەكچىلەرگە ئاز بولمىغان زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

 

ئىدارىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى توختاتقاندا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغانلىق ياكى توختاتقانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى، ھەم 15 كۈن ئىچىدە ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپ ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بېرىشى كېرەك.

 

ئەمگەكچى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياكى ئارخىپ مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيىتى قاتارلىقلار سەۋەبلىك ئەسلىدىكى ئىدارىسى بىلەن جاڭجاللىشىپ قالسا، ئەمگەك ماجراسى سۈپىتىدە كېسىم قىلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئەگەر كېسىم نەتىجىسىگە قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى