ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەينى ۋاقىتتىكى شۈك بولۇپ قالغان بېلىق بۈگۈنكى كىتقا ئايلاندى

ئەينى ۋاقىتتىكى شۈك بولۇپ قالغان بېلىق بۈگۈنكى كىتقا ئايلاندى

ۋاقتى: 2015-08-23 ئاۋاتلىقى: 649 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى ««فەن پىڭ ئىشى» ۋە خەيئېر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى» بۇ يەردە!

 

 4. ئەينى ۋاقىتتىكى شۈك بولۇپ قالغان بېلىق بۈگۈنكى كىتقا ئايلاندى.


«تەپەككۇر بولمىسا چىقىش يولى بولمايدۇ» ، خەيئېرنىڭ دېرىكتورى جاڭ رۈيمىن بازارنى ئېچىشتا مۇھىمى تەپەككۇر دەپ قارىدى. بىر قاتار خىزمەتلەر ئارقىلىق، ئەسلىدىكى خوڭ شىڭنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى خەيئېر مەدەنىيىتىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەپلىرىنى ھەمدە ياراتقان بازار ئۈنۈمىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. كارخانا بۆلۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، خەيئېر رىقابەت ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ،  ھەر  بەش كىلوگراملىق كىرئالغۇنىڭ زاپچاس تەننەرخىنى 15.3 يۈەن چۈشۈردى، ھەريىللىق 600 مىڭلىق مەھسۇلات مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر يىلدا تەننەرخنى تەخمىنەن 10 مىليون يۈەن ئازايتتى. بۆلۈپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئېيىدا شىركەت زىياننى پايدىغا ئايلاندۇردى: 9-ئايدا 20 مىڭ يۈەن، 10-ئايدا 76 مىڭ يۈەن، 11-ئايدا 100 مىڭ يۈندىن ئارتۇق، 12-ئايدا بىر مىليون 500 مىڭ يۈەن پايدا ئېلىپ، شىركەت بارغانسىرى ياخشى تەرەققىي قىلدى. دۆلەتنىڭ نوپۇزلۇق ئورگانلىرىنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىركەتنىڭ كىرئالغۇ سېتىش مىقدارى 1995-يىلى 7-ئايدىكى يەتتىنچى ئورۇندىن يىل ئاخىرىدىكى 5-ئورۇنغا ئۆتكەن؛ مەملىكەت بويىچە بازارنى ئىگىلەش نىسبىتى %3.7 ئۆرلەپ، 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىركەتنىڭ 1995-يىلىدىكى ئومۇمىي ئېكسپورت كىرئالغۇنىڭ سانى 82 مىڭ بولۇپ، 12 مىليون 300 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى پېرىۋوت يارىتىپ، مەملىكەت كىرئالغۇچىلىقىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. 1996-يىلى خەيئېر كىرئالغۇسىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز بولۇپ، بىر قىتىمدىلا IS0900l خەلقئارالىق سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمىدىن ئۆتۈپ، كىرئالغۇچىلىقتىكى بارلىق ئىناۋەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو كىرئالغۇسىدىكى «ئون داڭلىق ماركا» نىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، ئېكىسپورت مىقدارى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى بولدى. بىر خىل تۈرىنىڭلا ياپونىيىگە ئېكىسپورت قىلىنغان مىقدارى ئومۇمىسىنىڭ %61 نى ئىگىلىدى، جۇڭگو ئىكسىپورتىنىڭ %91 نى ئىگىلىدى. 1996-يىلى ئىكسپورت بازىرى جەنۇبىي ئافرىقا، مىسىر، چىلى قاتارلىق خەلقئارا بازارلارغا يۈزلەندى. كىچىك تالانتلىق ئۆسمۈر پەقەت چىلىدىلا %50 بازارنى ئىگىلىگەن ئىدى. جۇڭگو ھەر ئىككى پۈتۈن ئاپتوماتىك كىرئالغۇنى ئېكىسپورت قىلسا بۇنىڭ بىرسى خەيئېرنىڭ بولدى. دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈشتە ئۇدا ئىككى يىل بىرىنچى بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن ئاپتوماتىك كىرئالغۇنىڭ كاشىلىسىز يۈرۈشۈشى 7000دىن ئىبارەت ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈپ، خەلقئارالىق يېڭى ئۆلچەمگە يېتىپ، مەملىكەتتىكى خېرىدارلار ياقتۇرىدىغان مەھسۇلاتنىڭ بىرىنچىسى بولدى، 97 مال سېتىۋىلىشتىكى داڭلىق ماركىنىڭ بىرىنچىسى بولدى. جۇڭگو ئىستىمالچىلار جەمئىيىتى ئېلىپ بارغان ئەرز شىكايەت پائالىيىتى تەكشۈرۈشىدە، خەيئېر بىردىنبىر ئەرز شىكايىتى نۆل بولغان كارخانا بولۇپ باھالاندى. نۆۋەتتە خەيئېر گۇرۇھىنىڭ 8 چوڭ سېستىما 50 تىن ئارتۇق ئۆلچەمدىكى كىرئالغۇ مەھسۇلاتى بولۇپ، جۇڭگودىكى شۇنداقلا خەلقئارادىكى بىردىنبىر ياۋروپا، ئاسىيا، ئامېرىكا ئۇسلۇبىدىكى كىرئالغۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىغا ئايلاندى. پۈتكۈل مەملىكەتتە 249 چوڭ سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ سېتىش دوكلاتىدا («جۇڭگو سېتىش گېزىتى» 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى) كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى كىرئالغۇ كارخانىلىرى ئىچىدە، خەيئېر يېتەكچى ئورۇندا بولۇپ، جۇڭگو كىرئالغۇسىنىڭ بىرىنچى داڭلىق ماركىسى. 1997-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يەنى قوشۇۋېلىنىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن خەيئېر 1995-يىلىدىكى دەسلەپكى نىشاننى ئىشقا ئاشۇردى ۋە جۇڭگو بازىرىدىكى باشقا چەتئەلنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. 1998-يىلى1-ئايدىن 12-ئايغىچە، 1999-يىلى1-ئايدىن 4-ئايغىچە مەملىكەتتىكى 600 دىن ئارتۇق سودا سارايلارنىڭ سېتىش سوممىسى رەت تەرتىپىدە خەيئېر ھەرئايدا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.( جۇڭگو شەھەر يېزىلار كۆپ قاتلام بازار ئائىلە ئېلېكترلىرىنىڭ بازار ئەھۋالى ئۇچۇرى)


مۇناسىۋەتلىك كىتاب: «كارخانا مەدەنىيىتى» ليۇ گۇاڭ مىڭ تۈزگەن، ئىقتىساد پەن-تېخنىكا نەشرىياتى
پايدىلانغان ماتېرىيال: ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتشۇناسلىق، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتشۇناسلىق ئەمەلىي تەرىيلەش مىسالى، 44.خەيئېر مەدەنىيىتى شۈك بولۇپ قالغان بېلىقنى جانلاندۇردى، لېشەن پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى