ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جېدەللەشكەنلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ

جېدەللەشكەنلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ

ۋاقتى: 2016-06-15 ئاۋاتلىقى: 438 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى « بىر – بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار» بۇ يەردە!

 

جېدەللەشكەنلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ

 

ھەرقانداق جېدەل – ماجىرا ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللارنىڭ جېدىلىدەك بۇزماس. ئاكا – ئۇكىسى، ئاچا – سىڭلىسى بار ھەرقانداق ئادەم گېپىمنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىدۇ.


مەن ئىككىنچى قىزىمنىڭ ئىككى ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەپ بولۇپلا، ئىككى قىزىمنىڭ جېدىلىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغانىدىم. شۇ چاغدا بىر دوستۇم ماڭا: «سىز ئەڭ ياخشىسى مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئادەتلىنىڭ» دېگەنىدى. ئاخىرىدا مەن ئۇنىڭ قىلچىمۇ خاتا ئېيتمىغانلىقىنى بىلدىم. ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ بىردىن ئارتۇق بالىڭىزلا بولىدىكەن، جېدەل دېگەن تۇرمۇشىڭىزدىكى دائىملىق ئىش بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە جېدەللىشىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ئەمەس، بەلكى جېدەللىشىشكە قانداق مۇئامىلە قىلىش، بۇنداق ئەھۋاللارنى ئەقىل ئىشلىتىپ قانداق بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت.
ئالدى بىلەن مەن بۇ جېدەللەرنىڭ نېرۋامنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىمەن. لېكىن، مەن ئاخىرقى ھېسابتا شۇنى بايقىدىمكى، مەيلى ئاتا – ئانا، چوڭ دادا – چوڭ ئانا، بالا باققۇچى ياكى بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ھەرقانداق كىشى بولسۇن، بالىلار ئارىسىدىكى تالاش – تارتىشلارغا ئەڭ ياخشىسى سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. مەن بۇ ئىشنىڭ دېمەككە ئاسان، قىلماققا تەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن بۇنداق قىلىشتىن باشقا نېمە چارىڭىز بار؟


جېدەللەشكەنلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشمىزدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار. بىرىنچىسى، سىز ھەرقانداق ئىشقا تىركەشكەندە، ئۇ ئىش تېخىمۇ قىينلىشىپ كېتىدۇ. مىسال ئالساق، ئەگەر ئىككى ئوغلىڭىز جېدەللىشىپ قالسا،سىز ئارىغا كىرسىىز، ھەتتا ئۇلارغا ئەگىشىپ ئىنكاسىڭىز كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭىز جېدەللىشىپ قالغان ئىككى بالا بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىسى — قان بېسىمىڭىز ئۆرلەپ كېتىش، يۈزەكى ئوي – خىياللار، جىددىيلەشكەن روھىي كەيپىياتىڭىز بولىدۇ. بالىلارنىڭ جېدىلىنى ئايرىغاندا، ئۆزىڭىزمۇ بالىلارغا ئوخشاشلا قىقاس - چۇقان كۆتۈرگەن ئادەم بولۇپ قالىسىز، ھالبۇكى ئائىلىدىكى ئۇششاق – چۈششەك  ئىشلارنى بەك كۆڭۈلگە ئېلىپ كەتمەسلىكنىڭ قائىدىسىنى چۈشەنگىنىڭىزدە، بۇ جېدەل – ماجىرالار تەبىئىي ھالدا بېسىقىپ قالىدۇ.



ئىككىنچى سەۋەب شۇكى، بالىلارنىڭ جېدىلىگە ئارىلاشسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ جېدەلگە ھەمدەم بولغان بولىسىز. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، سىزنىڭ تارقاتقىنىڭىز خاتا خەۋەر بولىدۇ، بىچارە سالاچىمۇ بولالمايسىز. ئۆزىڭىز ئۆزىڭىز بىلەن توقۇنىشىۋاتقان تۇرۇقلۇق، بالىلار ئارىسىدا قانداقمۇ تىنچلىق يارىتاسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى بالىلار ھاياجانلانغانلىقىڭىز ۋە ھەددىدىن زىيادە ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، بۇ ئەھۋالىڭىز ئۇلارنىڭ جېددەللىشىشىگە ئەكسىچە مەدەت بېرىدۇ – دە، ئۇلارنىڭ زادى كىمگە يان باسىدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ باققۇسى كېلىدۇ. جېدەلگە چىن كۆڭلىڭىزدىن ئارىلاشقانلىقىڭىز ۋە تاشقى ئىنكاسىڭىز ئوت ئۈستىگە ماي چاچقاندەك رول ئوينايدۇ. جېدەللىشىشلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئوت ئۈستىگە ماي چاچىدىغان ئىشلارنى قىلماي، ئاتا – ئانا بولغۇچى كەڭ قورساقلىق قىلىدىغان تەرەپلەرنى قوبۇل قىلسىڭىز، جېدەللەشكۈچى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە لايىق سەۋەبى بارلىقىنى بايقايسىز. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كىشىلىك مۇناسىۋەت ماھارىتى سىزنىڭ باشقىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلالايدىغان – قىلالمايدىغانلىقىڭىزدىن، مەسىلىلەرگە كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن قارايدىغان – قارىمايدىغانلىقىڭىزدىن ياكى تالاش – تارتىشلارغا ئارىلاشماي، مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان – قىلالمايدىغانلىقىڭىزدىن كېلىدۇ.


دەرۋەقە، مەلۇم ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، تالاش – تارتىشقا ئارىلىشىشتىن ساقلىنالمايسىز. لېكىن، سىز قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش بالىلارنى ئىجىل – ئىناق ئۆتۈشكە قانداق يېتەكلەش. بۇ يەردە مېنىڭ تەكىتلەپ قويىدىغىنىم، ھەر كۈنى ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقان جېدەلنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش. سىز ئەڭ ياخشىسى، بالىلار ئارىسىدا ئۈستى – ئۈستىلەپ يۈز بېرىۋاتقان ئىنتايىن نورمال تالاش – تارتىشلارغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ.


بىز تۇرمۇشتا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىشلارنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەككى، مەن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايمەن دەپ تالاش – تارتىشلارنى بېسىشقا ئۇرۇنماسلىقىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ھەقىقىي خاتىرجەم تۇرمۇش كەيپىياتى يارىتالايمىز.


جېدەللىشىشلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىڭىزدا، بىر ياخشى ئۈلگە تىكلىگەن بولىسىز، يوقىلاڭ ئىشلارغا ئۆزىڭىزنى ئۇپراتمايسىز. مېنىڭ تەكلىپىم شۇكى، ئەگەر سىز ئوبيېكتىپ، ئادىل بىر رول ئېلىپ، ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللىرىڭىز ئارىسىدىكى جېدەل – ماجىرالارغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزمۇ ناھايىتى تېزلا سىزدىن ئۆگىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى