ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئالدىراپ زېرىكىپ كەتمەڭ

ئالدىراپ زېرىكىپ كەتمەڭ

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 662 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  بېشى «قالايمىقانچىلىقنى چاقچاق دەپ بىلىڭ» بۇ يەردە!

 

 ئالدىراپ زېرىكىپ كەتمەڭ

 

بىر كۈنى بىر كىتابخانىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتسام، بىرەيلەن: «ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى بىر – ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن سۈرەتلەپ بېرەلەمسىز؟» دېگەن قىزىقارلىق مەسىلىنى سوراپ قالدى. مەن سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: «ئاسانلا رايى يېنىپ كېتىش» دەپ جاۋاب بەرسەم، ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۇلار مېنىڭ گەپنىڭ پوسكاللىسىنى، يەنى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تامامەن دېگۈدەك بارلىق ئىشلاردىن رايى يېنىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلىشكەن ئىدى. ئاسانلىقچە رايى يېنىپ كەتمەسلىك خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان چوڭ ئىش. تۇرمۇشتىن ئۆمۈر بويى رايىڭىز يېنىپ كەتمىسە، سىزگە چۈشىدىغان بېسىم جەزمەن يېنىكلەيدۇ، تۇرمۇشتا يولۇققان ئادەم ۋە ئىشلارنىمۇ بىر قەدەر قوبۇل قىلالايسىز، تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇر – ھالاۋەتلىرىدىنمۇ خېلى بەھرىمەن بولالايسىز. ئائىلە ئەزالىرىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ئوبيېكت بولايسىز. ھەر قانداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇپ كەتمەيسىز، ھاياتلىقنىڭ زىممىگە ئالماق تولىمۇ بەسى مۈشكۈل يۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايسىز، ئۇنىڭ بىر مەيدان ئېكىسپېدىتسىيە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، رايىڭىز ئاسانلىقچە يېنىپ كەتمەيدۇ، ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايسىز، ئاددىي ھاياتلىقتا ئاجايىپ شانلىق نۇر چاچىسىز. ئەمەلىيەتتە رايى يېنىپ كېتىش بىلەن ھەرگىز ئويناشقىلى بولمايدۇ. ئۇ تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىنى بۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى سىزگە ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارغا يېپىشىۋېلىش تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئەڭ يامىنى شۇكى، ئۇ سىزنى ئۆزگەرتىپ ھېچكىمنى ئۆزىڭىزگە تەڭ قىلمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.


ئاسانلا رايى يېنىپ كەتمەيدىغان بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشنى رەتكە تىزىۋېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشتا تۇتقان پوزىتسىيەڭىزنى كۆزىتىسىز، ئاندىن قايسى ئىشلارنىڭ نېرۋىڭىزنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، قايسى ئادەم ياكى ئىشنىڭ سىزدە ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى خاتىرلەپ قويىسىز. بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنىڭ ئاسانلىقچە رايىڭىز يېنىپ كېتىشنى خالىمايدىغان ئىشلىرىڭىزغا، بولۇپمۇ بەزى كىچىك ئىشلارغا جاۋاب بېرىسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىڭىزنى بىر كۈن كۆزىتىسىز، قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئالدىراقسانلىق قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە ئاسان ئاچچىقلايدىغانلىقىڭىزغا قارايسىز، ئاندىن ئامال قىلىپ بۇ خىل تۇيغۇدىن قۇتۇلىسىز. ئۇششاق ئىشلاردىن يەنە غەم يېگەن ياكى بىزار بولغان چاغلىرىڭىزدا، ئۆزىڭىزگە: «ئاپلا، يەنە باشلىدىم!» دېسىڭىز بۇنىڭمۇ كارايىتى چاغلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىي ئىختىيارسىز ھالدا ھەددىدىن زىيادە ئىنكاستا بولغانلىقىڭىزنى، يەنى ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ئەسلا بىلمەيسىز. ھازىر ئۆزىڭىزنىڭ ئىنكاسىڭىز ۋە كەيپىيات ئىپادىڭىزگە دىققەت قىلىشقا باشلايسىز، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزگەرتىشكە پۇرسەت يارىتىسىز.



كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىنكاسى ئادەت ياكى ئۆگىنىشتىن كېلىدۇ. بىز شۇغۇللىنىۋاتقان ئۆز – ئۆزىنى مەشىقلەندۈرۈشنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى شەرت قىلىدۇ. دەرۋەقە، ئېرىشىدىغان نەتىجىمۇ ئاشۇنداق بولىدۇ، ئەگەر ئىنساننىڭ ماھىيىتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلىغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئىنكاسىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بولىدۇ. مەن تونۇيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئىلگىرى نېرۋىسىنى چارچىتىپ كۈن ئۆتكۈزەتتى – دە، ئاسانلا رايى يېنىپ كېتەتتى. ھازىر ئۇلار ئەركىن – ئازادە بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ئۈنىمىمۇ بەك ئۆستى.

 


سىناپ بېقىڭ! رايىڭىز ئاسان يېنىپ كەتمەسلىكنى، شۇنداقلا ئاسانلىقچە ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس پەيدا بولماسلىقنى مەشىق قىلغىنىڭىزدا، تېخىمۇ خۇشال كۆرۈنىسىز، ھاياتلىقنىڭ ھۇزۇر – ھالاۋەتلىرىدىن تېخىمۇ بەھرىمەن بولىسىز. يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادىمىڭىز پائال ئۆزگىرىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرگەندە، سىزگە تېخىمۇ ئامراقلىق قىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى