ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش---باج ئىدارىسىگە بېرىپ مەلۇم قىلىش(07)

ئىگىلىك تىكلەش---باج ئىدارىسىگە بېرىپ مەلۇم قىلىش(07)

ۋاقتى: 2015-03-24 ئاۋاتلىقى: 709 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىركەت قۇرغاندىن كېيىن چوقۇم باج تىزىملىتىش، جەدۋەل تولدۇرۇش كېرەك، يەرلىك باج دۆلەتلىك باجنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئۇچۇرنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا تولدۇرۇشقا، ماركا بېجى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشقىلىپ بىر قاتار رەسمىيەت بېجىرىلىدۇ، ئاز بولغاندىمۇ ئىككى كۈنلۈك ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ تېخى تېز ھېسابلىنىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە چۈشتىن كېيىن بارسا ئىشنى ئاسان تۈگەتكىلى بولمايدىكەن.
سىز بارمىسىڭىز، باج  ئىدارىسىدىن تېلېفون قىلىپ ئالدىرىتىدۇ، ئەگەر سىز ئارقىغا سۆرەپ بارمىسىڭىز، كېيىن بېجىرىش تەس بولىدۇ.
ئادەتتىكى كىچىك شىركەتتە، بىرىنچى يىلىدا باج تەكشۈرۈلمەيدۇ، مەبلەغ سېلىپ بىر ئاز ئۆزىنى ئوڭشالغاندىن كېيىن، سىزدىن قۇسۇر ئىزدىشى ناھايىتى ئاسانغا توختايدۇ.
شىركەت يېڭىدىن قۇرۇلغاندا، باج ئىدارىسى شىركەت ئورنىغا قارايدۇ، ئاساسلىقى سىزنىڭ قۇرۇق قول شىركەت ئېچىشىڭىزدىن قورقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن توختام تۈزۈشتىن ئاۋۋال، سىز تالون كېسەلمەيسىز، بەزى كىچىك شىركەتتە بىر نەچچە توختام بولغاندا ئاندىن تالونىغا ئېرىشەلەيسىز.
بىراق باج ئىدارىسى سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە قارايدۇ، شىركەتكە بارغاندا يەنىلا مۇناسىۋەتكە تايىنىدىغان ئىش، ئوخشاش بولمىغان جاينىڭ يۈرگۈزىدىغان پىرىنسىپى ئوخشاش بولمايدۇ، يەنىلا شىركەت ئېچىپ باققانلاردىن سوراپ باققاندا تەجرىبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. باشقىلاردىن قورقۇش ھاجەتسىز، لېكىن باشقىلارنىڭ سىزنىڭ ھوقۇقىڭىزغا زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنلۇق ھوقۇقى بار.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، يەرلىك باج ئايدا بىر قېتىم مەلۇم قىلىنىدۇ، دۆلەتلىك باج پەسىلدە بىر قېتىم مەلۇم قىلىنىدۇ، بىراق تىجارەت دائىرىسىدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش بولسا، دۆلەتلىك باجمۇ ئايدا بىر قېتىم مەلۇم قىلىنىدۇ.
ئاتالمىش باج مەلۇم قىلىش بولسا، سىزنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ بېجىرگەن كەسپىنىڭ بار يوقلۇقىغا قارايدۇ، كەسىپ بولمىسا باج بولمايدۇ، پەقەت ۋاقىت تەننەرخى بولىدۇ، كەسىپ بولسا، بىرىنچىدىن تىجارەت بېجى تاپشۇرۇلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن كارخانا كىرىم بېجى تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ يۇقىرى بولغاندا %25 بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك شىركەت كۈچىنىڭ بارىچە تەننەرخ چىقىرىشى، ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ئىشلىتىپ، ھەددىدىن زىيادە كۆپ باج تاپشۇرۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
جۇرۇڭجى ئەينى يىللاردا دۆلەت مالىيە ئىنستىتۇتىدا مۇنداق يازغان: يالغان تالون ياسىماسلىق كېرەك. شۇ چاغدا ناھايىتى تەسىرلەنگەن. ھازىر چۈشىنىپ يەتتىم، يالغان تالون ياسىماسلىق؟ يەنىلا بولدى قىلغان ياخشى.
بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى باجنى كېمەيتىش.
مەسىلىنىڭ يادروسى بولسا باج ئىدارىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش.
بۇ يەرگە كەلگەندە، سىز تېخى باج بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىدىڭىز، پۇل خەجلەيدىغان يەرگە ئەمدى كەلدۇق تېخى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى