ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پۇلنىڭ پۇل تېپىشى ئاساسلىقى بۇ تۆت خىل ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ، ئەمدى ئالدىنىۋەرمەڭ!

پۇلنىڭ پۇل تېپىشى ئاساسلىقى بۇ تۆت خىل ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ، ئەمدى ئالدىنىۋەرمەڭ!

ۋاقتى: 2015-12-17 ئاۋاتلىقى: 803 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 پۇلنىڭ پۇل تېپىشى ئاساسلىقى بۇ تۆت خىل ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ، ئەمدى ئالدىنىۋەرمەڭ!

 

بەزىلەر مەبلەغ سېلىش بەك مۇرەككەپتەك ھېس قىلىدۇ، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى بىر سۆزلىسىلا بېشى قىيىدۇ، فوند، پاي چېكى، زايوم، قەرەللىك مال قاتارلىقلارنى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ. ھازىر مەن بىر ئاددىي ھېكايە ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىنى چۈشەندۈرمەكچى.


مېنىڭ تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلۇم ئاساسلىقى ئەسلى مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ۋە قىممەت ئېشىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن بولىدۇ، بەلكىم ئۇنچە بەك ئىلمىي بولماسلىقى، بارلىق مەبلەغ سېلىش مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن سىزنىڭ پۇلنىڭ قانداق «ئاقما لىنىيە»دىن ئۆتۈپ قىممىتى ئاشىدىغان ۋە قىممىتى چۈشىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىزگە پايدىلىق.


بارلىق مىساللار ئىچىدە، ساۋاقداش ئەسقەرنى ئۆزىڭىز، يەنى پۇل قەرز بەرگۈچى دەپ ئويلىسىڭىز، مەن جامالنى سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئېلىپ سىز ئۈچۈن مەبلەغ سالغان قوشنىڭىز دەپ ئويلىسىڭىز بولىدۇ.


بىرىنچى تۈر: نۇرغۇن كىشىلەردىن پۇل قەرز ئېلىپ، ۋەكىل سۈپىتىدە پۇلنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قەرز بېرىپ، پەرق سوممىسىغا ئېرىشىش.


ئاڭلىماققا مۇرەككەپمىكەن؟ ئەمەلىيەتتە بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇش ئەڭ تىپىك كاتىگورىيە.نېمىشقا سىز بانكىغا پۇل قويسىڭىز ئۆسۈمى بولىدۇ؟ بۇ ئۆسۈم نەدىن كېلىدۇ؟ ئەجەبا بانكا پۇل ئامبىرىدا پۇل بېسىش ماشىنىسى بولۇپ بىرنەچچە ۋاراق پۇلنى ئارتۇق بېسىۋەتكەنمۇ؟



بىز مۇنداق بىر مىسالنى ئويلاپ باقايلى: ساۋاقداش ئەسقەر(يەنى سىز) 1000 يۈەن پۇلنى جامالغا قەرز بەردى(چۈنكى جامال سىزگە يىل ئاخىرىدا 1030 يۈەن قايتۇرۇشقا ۋەدە بەردى، يىللىق ئۆسۈم %3)، گۈلنۇر، گۈلمىرە، گۈلسۈم، گۈلباھار قاتارلىق 9 ساۋاقداشمۇ پۇللىرىنى جامالغا قەرز بېرىپ تۇردى. جامال بۇ پۇللارنى(جەمئىي 10000 يۈەن) يەنە ئاشخانا ئاچماقچى بولغان A ساۋاقداشقا قەرز بەردى، يىل ئاخىرىدا، A ساۋاقداش جامالغا 10000 يۈەن دەسمايىنى قايتۇرغاندىن كېيىن، يەنە 700 يۈەن ئۆسۈمنىمۇ قايتۇردى(شىركەتنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈمى %7 دەپ پەرەز قىلساق)، ئاندىن جامال 10000 يۈەن دەسمايىنى سىز ۋە گۈلنۇر، گۈلمىرە قاتارلىق 10 ساۋاقداشقا قايتۇرۇپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىلەرگە سىلەرنىڭ ئۆسۈمۈڭلار 30*10=300 يۈەننى بەردى. جامالدا يەنە 400 يۈەن قالدى.


ئەمەلىيەتتە سىز جامالنى بانكىغا، خەلق ئارىسىدىكى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بەرگۈچىلەرگە، كىچىك سوممىلىق مالىيە شىركەتلىرىگە ئالماشتۇرسىڭىز بولىۋېرىدۇ. پىرىنسىپ ئوخشاشلا نۇرغۇن ئادەملەردىن پۇل قەرز ئېلىپ، ئاندىن پۇلنى پۇلغا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قەرز بېرىپ، پەرق سوممىغا ئېرىشىش، ئوخشىمايدىغان يېرى كېيىنكى ئىككى خىلنىڭ باشقىلاردىن پۇل قەرز ئالغاندا بېرىدىغان ئۆسۈمى يۇقىرىراق.


بۇ خىل مەبلەغ سېلىش تۈرىگە قارىتا، ئاساسلىقى ئوتتۇرىدىكى ئادەمنىڭ پۇلنى كىمگە قەرز بەرگەنلىكىگە، شۇ پۇل قەرز ئالغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پۇلنى قايتۇرالايدىغان ياكى قايتۇرالمايدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، پايدىسىغىلا ئېسىلىۋالسا بولمايدۇ. مەسىلەن بانكىغا پۇل ئامانەت قويسا، بانكا ئادەتتە گۆرۆگە قويىدىغان مۇقىم مۈلكى بار چوڭ تىپتىكى كارخانىلارغا قەرز بېرىدىغان بولغاچقا، قايتۇرالمايدىغانلار(تىرىلمەس ھېساب نىسبىتى) بىرقەدەر ئاز، شۇڭا خەتىرىمۇ كىچىك بولىدۇ. خەلق ئارىسىدىكى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز پۇلنى پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، مەبلىغىنىڭ پايدىسى يۇقىرى بولغان شەخس ياكى شىركەتلەرگە بېرىدۇ، بىۋاسىتە گۆرۈ بۇيۇم بولمىغاچقا، قەرز ئالغۇچىلارنىڭ ساپاسىمۇ يۇقىرى-تۆۋەن ھەرخىل بولغاچقا، تەلىيى كاج كېلىپ قالغاندا، قايتۇرالمايدىغانلار(تىرىلمەس ھېساب نىسبىتى) بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، بۇ مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە زىيان سالىدۇ، ھەتتا دەسمايىسىنىمۇ ساقلاپ قالالماسلىق خەتىرى بار.



ئىككىنچى تۈر: پۇلغا موھتاج بولغان ئادەم بىۋاسىتە سىزدىن قەرز ئالىدۇ


ساۋاقداش ئەسقەر بىر كۈنى ئاشخانا ئاچىدىغان ساۋاقداش A بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، يېقىندىن بۇيان ساۋاقداش Aنىڭ سودىسى يامان ئەمەس ئىدى، لېكىن كۆپرەك ئادەم قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانىدى، ئۇ ساۋاقداش ئەسقەرگە ئەگەر ئۆزىگە 10000 يۈەن بېرىپ تۇرالىسا، ئۆزىنىڭ يىل ئاخىرىدا ئەسقەرگە 10700 يۈەن قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەسقەر بولىدىغان ئىشكەنغۇ دەپ ئويلاپ، 10000 يۈەن يىغىپ ساۋاقداش Aغا بەردى.

 

ھەرخىل زايوملار، دۆلەت قەرزى، يەرلىك قەرز، كارخانا قەرزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ تۈرگە تەۋە. پۇل قەرز ئالغۇچى ئوتتۇرىدىكى ئادەم(بىچارە جامال)دىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە مەبلەغ سالغۇچىدىن قەرز ئالىدۇ. دۆلەت قەرزى دۆلەت قەرز ئالغان پۇل، يەرلىك قەرز يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز ئالغان پۇل، كارخانا قەرزى بولسا شىركەت ئاچىدىغان A ساۋاقداش، B ساۋاقداش، C ساۋاقداشلار قەرز ئالغان پۇل.

 

بۇ خىل مەبلەغ سېلىشقا قارىساق، ئاساسلىقى قەرز ئالغۇچىنىڭ سالاھىيىتىگە قارايمىز. مەسىلەن دۆلەت قەرزى ئاساسى جەھەتتىن خەتىرى يوق دەپ قارىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزى بولسا، پەقەت ئامېرىكىنى كۇبا بېسىۋالمىسىلا، قەرز قايتۇرالماسلىق ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كىچىك. لېكىن جۇڭگونىڭ قىسمەن يەرلىك قەرزلىرىنىڭ خەتىرى بىرقەدەر يۇقىرى(مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ). كارخانا قەرزىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىغا قاراش كېرەك.


ئەگەر ئوخشاشلا ئاشخانا ئاچىدىغان كارخانا بولسا، A كارخانا قەرزى بىلەن B كارخانا قەرزىنى سېلىشتۇرماقچى بولساق، A يىراق يېقىنغا داڭقى كەتكەن ئاشپەز، ئىنتايىن تىرىشچان، سودىسىمۇ ناھايىتى ئىتتىك، لېكىن كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئازراق قەرز ئالماقچى، ئۇنداقتا قەرز بېرىشكە ئەرزىيدۇ. B بولسا ئاچچىق-چۈچۈك شورپا دۇكىنى ئاچىدۇ، ئالدىنقى ئايدا خام ماتېرىيالى يېڭى بولمىغانلىق سەۋەبلىك خېرىدارلار ئەرز قىلغان. لېكىن Bنىڭ بەكلا تېز كېڭەيگىسى بار، شۇڭا پۇل قەرز ئېلىپ يېڭى دۇكان ئاچماقچى، ئۇنداقتا ئۇ مەبلەغ سېلىشقا ئۇنچە ئەرزىمەيدۇ.


 

A بىلەن Bنىڭ ھېكايىسى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىنتايىن كۆپ، شۇڭا نوقۇل ھالدا قايسىسىنىڭ بېرىدىغان پايدىسى كۆپلىكىگىلا ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم كارخانىنىڭ پۇلنى ئېلىپ نېمە قىلىدىغانلىقىغا، كارخانا سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىغا، قايتۇرالماسلىق خەتىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك.


ئۈچىنچى تۈر: مەبلەغ سالغۇچى قىسمەن مۈلۈكنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ(ئاددىي قىلىپ «پايچىك» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ)، لېكىن تىجارەتكە قاتناشمايدۇ.


Aنىڭ تىجارىتى كۈنسېرى ياخشى بولدى، ئۇ ئەسقەرنىڭ بىر ھاممىسىنىڭ سەھىيە كارانتىن ئورنىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئەسقەرگە 100 مىڭ يۈەن چىقىرىپ %10 پاي قوشۇشنى ئېيتتى، ئەلۋەتتە، ئەگەر ئاشخانا سەھىيە كارانتىن مەسىلىسىگە يولۇقسا، ئەسقەرمۇ ياردەملىشىپ يول مېڭىپ بېرىشىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئاشخانا پايدا ئالسا، ئەسقەر پايدا بۆلۈشىدۇ، لېكىن ئەگەر ئاشخانا زىيان تارتسا، ئەسقەر سالغان 100 مىڭ يۈەنمۇ زىيان تارتىدۇ. A ئەسقەر بىلەن پايدىنى تەڭ ئېلىپ زىياننى تەڭ تارتىدۇ.


پايچېكى بازىرى مانا مۇشۇنداق، پايچېكىنىڭ ئەۋزەللىكى ئۇنىڭدا سەھىيە ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان ھاممىڭىز بولمىسىمۇ، دادىڭىز لى گاڭ بولمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن يامان يېرى، بۇ بازاردا Aدەك ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئاشخانىلارمۇ، Bدەك ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈۋاتقان ئاچچىق-چۈچۈك شورپا دۇكانلىرىمۇ بار، سىز چوقۇم كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ، ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرۈپ، پايچىكى بولۇشىڭىزغا ئەرزىيدىغان شىركەتلەرنى تاللىشىڭىز كېرەك.
ب خىل مەبلەغ سېلىش ناھايىتى ئاددىي، ياخشى شىركەتنى تېپىپ چىقىپ، بۇ شىركەت بىرقەدەر ئەرزان ۋاقتىدا ئۇنىڭ پايچىكى بولۇۋالسىڭىزلا بولىدۇ، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلىشىڭىز كېرەك.


ئالدىنقىسىدا، مەسىلەن Aنىڭ ئاشخانىسىنىڭ يېنىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تۇيۇقسىز مىترو ياسىماقچى بولۇپ قالدى، يول بىئەپ بولۇپ قالغاچقا، تاماق يەيدىغانلارمۇ ئازلاپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ سىزنى پاي قوشۇشقا تەكلىپ قىلسا، بىرقەدەر ئەرزان باھادا سىزگە بېرىدۇ. (مېلادىن فورمالدېگىد ۋەقەسى چىققان ۋاقىتتىكى مېڭنيۇنىڭ پاي باھاسىنى ئەسلەڭ). ئويلاپ باقسىڭىز، مىترومۇ يېرىم يىلدا پۈتىدۇ، يەنە كېلىپ A ئاشخانىغا تېخىمۇ كۆپ مېھمانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز ناھايىتى پايدىلىق ھېس قىلىپ، يەنىلا پاي قوشتىڭىز. (مۇبارەك بولسۇن!)



كېيىنكىسىنىڭ مىسالى، يېقىندا ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ ھەممىسى B ئاچچىق-چۈچۈك شورپا دۇكىنى تەمىنلىگەن پىۋىنىڭ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا قارشى تۇرۇش رولى بارلىقىنى دېيىشىپ، بەس-بەستە دۇكانغا باردى، شۇنىڭ بىلەن سىز B ئاچچىق-چۈچۈك شورپا دۇكىنىغا مەبلەغ سالماقچى بولغىنىڭىزدا B ناھايىتى يۇقىرى باھا قويدى. سىز ئويلاپ بېقىپ، بۇ پىۋا راستىنلا قالتىسكەن، يەنىلا ئەرزىيدۇ دەپ، پاي قوشتىڭىز.


تۆتىنچى تۈر: سىز بۇ مۈلۈكنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىپ، كېلەچەكتىكى ئۆسۈش-چۈشۈش ئەھۋالىنى مۆلچەرلەپ پۇل تاپىسىز(ياكى پۇل ئۇتتۇرىسىز)


Aنىڭ ئاشخانىسىدا قالىغاچ ئۇۋىسى چىقىدۇ، بۇ قېتىم A ھىندۇنوزىيەگە بېرىپ مال كىرگۈزمەكچى، مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇ سىزگىمۇ 1 مىليون تەييارلاپ ئازراق سېتىۋېلىشنى ئېيتتى، چۈنكى ئۇنىڭ دېيىشىچە ھۆكۈمەتنىڭ قالىغاچ ئۇۋىسى يىغىشقا بولغان چەكلىمىسىگە ئەگىشىپ، قالىغاچ ئۇۋىسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كېتەتتى. سىز ئورۇنلۇقتەك ھېس قىلدىڭىز، شۇنىڭ بىلەن 1 مىليون خەجلەپ Aغا 1 مىليونلۇق قالىغاچ ئۇۋىسى ئەكەلدۈردىڭىز.
ئەھۋال A، 1 يىلدىن كېيىن، سىياسەت چەكلىمىسى سەۋەبلىك قالىغاچ ئۇۋىسىنى ئىمپورت قىلىش بەك تەس بولۇپ كەتتى، شۇڭا ھەرقايسى رېستۇرانلار يۇقىرى باھادا قالىغاچ ئۇۋىسى سېتىۋالدى، سىز راسا پۇل تاپتىڭىز.


ئەھۋال B، 1 يىلدىن كېيىن، مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرىنىڭ قالىغاچ ئۇۋىسى يېيىشكە قارشى تۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى رېستۇرانلار بەس-بەستە قالىغاچ ئۇۋىسى تائاملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، سىزدىكى قالىغاچ ئۇۋىسى ئامباردا كۆكىرىپ كەتتى.


بۇ تۈرنىڭ ئۈچىنچى تۈرگە ئوخشىمايدىغان يېرى، مۈلۈك تىجارەت ئارقىلىق قىممىتىنى ئاشۇرمايدۇ(مەسىلەن ئاشخانا يېمەكلىكنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ)، پەقەت بىر قىسىم سىرتقى مۇھىت ئامىللىرى(مەسىلەن ئەرەب رايونىدا ئۇرۇش پارتلىسا، نېفىت باھاسى زور كۆلەمدە ئۆسىدۇ)غا تايىنىپ باھانى داۋالغۇتىدۇ، مەبلەغ سالغۇچى بۇ باھانىڭ داۋالغۇشىنى مۆلچەرلەش ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ ياكى زىيان تارتىدۇ.



تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار(نېفىت، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، مىس، سېرىق پۇرچاق، كوممىقوناقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ زاكاس مال بازىرى، سەنئەت ئەسەرلىرىگە مەبلەغ سېلىش، ئۆي مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشلار مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مۇشۇ خىل كەلگۈسىدىكى باھانىڭ ئۆسۈش-چۈشۈشىنى مۆلچەرلەشكە تايىنىدىغان تۈرگە تەۋە.

 

بۇ تۈردىكى مەبلەغ سېلىشتا، سىز ئۆزىڭىز مەبلەغ سالىدىغان بۇ خىل تاۋارنىڭ باھا داۋامغۇشىغا قايسى ئامىللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشىڭىز، بۇ ئامىللارنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىنىش ۋە ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنىڭ مەبلەغ سېلىش قارارىڭىزنى چىقىرىشىڭىز كېرەك.
مەسىلەن، سەي كاييوڭ «سەنئەتتىكى پۇل ئويۇنى» ناملىق بىر كىتاب يازغان، بۇ كىتابتا سەنئەت ئەسەرلىرىگە مەبلەغ سېلىش سۆزلەنگەن، كەسىپ ئەھلى ئەمەسلەرگە بىر قىسىم سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن، بۇ سەنئەتكارنىڭ ئەسىرى كۆپچىلىككە تونۇشلۇقمۇ، تېمىسى ۋە ئالاھىدىلىكى بىرقەدەر گەۋدىلىكمۇ، سەنئەتكار تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتامدۇ-يوق قاتارلىقلار.


تۆت چوڭ تۈرنى ئاساسى جەھەتتىن سۆزلەپ بولدۇم، بۇ خىل تۈرگە ئايرىشنىڭ كۆپچىلىكنى پۇلنىڭ قىممىتى ئېشىش ئۇسۇلىغا قارىتا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بەزى نەرسىلەر، ئەگەر ياندىكى رېستۇران بولسا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چۈشىنىدۇ، نېمىشقا ئاتالمىش مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىسى گەپ ساتسىلا ئايلىنىپ قالىدۇ؟


بەلكىم كۆپچىلىك نېمىشقا بىز يېقىندا دائىم ئۇچرىشىۋاتقان بانكا مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى ۋە فوندلار بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدە يوق دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى، كۆپ قىسىم بانكا مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى ۋە فونلار بۇ تۆت خىل ئاساسىي تۈر ئىچىدە تىزىش ۋە گۇرۇپپىلاش ئېلىپ بارغان، شۇڭا مەلۇم خىل كونكرېت مەھسۇلات بولمىسا، قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش بەك قىيىن.



يەنە ئەسقەر بىلەن جامالنى مىسال قىلىپ فوند ۋە مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەي.

 

ئەسقەر يىلدا %3لىك ئۆسۈمدىن رازى بولمىدى، لېكىن پايچېكى، قەرەللىك ماللارنىڭ قانداقلىقىنى ئاڭقىرىپ بولالمىدى، ئۇلار بىلەن ھەپىلىشىشكە ۋاقتىمۇ يوق ئىدى. بۇ ۋاقىتتا، جامال بىر سۆلەتلىك مەبلەغ سالغۇچى سالاھىيىتىدە پەيدا بولدى، ئۇ ئەسقەرگە: «ھېچقىسى يوق، پۇلنى ماڭا بەرگىن، مېنىڭ بوش ۋاقتىم بار، مەن مەخسۇس ساڭا ياردەملىشىپ پۇلنى A ئاشخانىغا مەبلەغ سالامسەن ياكى B ئاچچىق-چۈچۈك شورپا دۇكىنىغىمۇ، ياكى %60نى A ئاشخانىغا، %40نى B ئاچچىق-چۈچۈك شورپا دۇكىنىغىمۇ تەتقىق قىلاي. لېكىن مەنمۇ ساڭا بىكارغا ياردەم قىلالمايمەن، سەن ماڭا ئىش ھەققى(فوندى باشقۇرۇش ھەققى) بېرىشىڭ كېرەك دېدى.


جامال يىغقان پۇللىرىنى بىرىنچى چوڭ تۈرگە مەبلەغ سالسا بولىدۇ، بۇ پۇل فوندى دەپ ئاتىلىدۇ(ئىزاھات: بەزى پۇل فوندىلىرى زايومغا مەبلەغ سالسا بولىدۇ)، ئىككىنچى چوڭ تۈرگە مەبلەغ سالسا، زايوم تىپلىق فوند دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچىنچى تۈرگە مەبلەغ سالسا، پايچېكى تىپلىق فوند دەپ ئاتىلىدۇ، بىر، ئىككى، ئۈچكە ئارىلاشتۇرۇپ مەبلەغ سالسا. ئارىلاشما فوند دەپ ئاتىلىدۇ.


پۇلنىڭ قىممەت ئېشىش ئۇسۇلىنى بۇ مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرسە، بىرقەدەر ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولامدىكەن؟ ئىشقىلىپ، مەبلەغ سېلىش دۇنياسىدا، چۈشەنمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ، چۈشەنمەسلىك قورقۇنچلۇق ئەمەس، چۈشەنمەي تۇرۇپ چۈشەنگەن قىياپەتكە كىرىۋالسا چاتاق چىقىدۇ. مەبلەغ سېلىشنىڭ كەينىدىكى لوگىكىنى چۈشىنىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن خەتەر ۋە مەنپەئەتنى ھېسابلاپ، بىلىم ۋە سەۋىردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسا، ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدىكى مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى