ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇرمۇشنىڭ نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلىڭ

تۇرمۇشنىڭ نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلىڭ

ۋاقتى: 2014-05-12 ئاۋاتلىقى: 555 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تۆۋەن چاغلىماڭ» بۇ يەردە!

 

تۇرمۇشنىڭ نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلىڭ

 

ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، بۈگۈن قىلغان – ئەتكەنلىرىڭىزنى ئەسلەپ بېقىڭ، ياخشى قىلمىغان ئىشلىرىڭىزنى ئىمكانقەدەر خاتىرىلەپ بېقىڭ. مەسىلەن، «ئاچقۇچنى خاتا ئېلىپ قالغانلىقىمغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، بالامنىڭ مەكتىپىگە بېرىشكە بەك كېچىكىپ قاپتىمەن، پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش ۋاقتىدىن 10 مىنۇت ئۆتكۈزىۋېتىپتىمەن، بىرسىگە مۇھىم بىر تېلېفون بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن...» قاتارلىقلار.


ئەمدى، مۇشۇ بىر كۈندە قايسى ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىزنىڭ يادىڭىزدا بار – يوقلۇقىنى ئەسلەپ بېقىڭ. ئەگەر مەن تونۇيدىغان كۆپ ساندىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئۆزىڭىزنى زىيادە ئەيىبلىسىڭىز، ھامان بىر خىل يۈزەكى روھىي كەيپىيات پەيدا قىلىشقا سەۋەب بولىسىز.


تۇرمۇش چوڭ – كىچىك خاتالىقلارغا تولۇپ تاشقان بولىدۇ. بىز قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. شۇنداقلا تۈزىتىشكە تېگىشلىك بىر تالاي خاتالىقلار بار. تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزگە كەڭ قورساقراق بولۇڭ، رېئاللىقتىكى مۇكەممەل بولمىغان تەرەپلەرنى قوبۇل قىلىڭ. ئەمەلىيەتتە، ھەممە ئىش بەك مۇكەممەل بولۇپ كەتسە، سىز تۇرمۇشنى مەززىسى يوقتەك ھېس قىلىپ قالىسىز.



مەركىزىي نۇقتىنى خاتالىقلىرىڭىز ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرۈپ قويسىڭىز، ئۇششاق ئىشلارغا ئاسانلا پېتىپ قالىسىز. ئۆزىڭىزنى بىرمۇ ئىشنى توغرا قىلمىغاندەك، دۇنيانىڭمۇ مەپتۇن بولغۇدەك يېرى يوقتەك، مۇشۇنداق جەمئىيەتتە قولىڭىزدىن ھېچ ئىش كەلمەي ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز. يۈزەكى ئوي – پىكىر يۈزەكى ئېنېرگىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۈزەكى ھەرىكەت پەيدا قىلىدۇ. سىز بولسىڭىز مەسىلە، غەزەپ – نەپرەت ۋە خەۋپسىرەش ھالىتىدە تۇرۇپ قالىسىز، تېخىمۇ جىددىيلىشىسىز، شۇنداقلا تېخىمۇ تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغان بولۇپ كېتىسىز.


ئۆزىڭىزنىڭ توغرا قىلغان ئىشلىرىڭىزنى ئويلىغاندا، مەركىزىي نۇقتىنى ياخشى تەرەپلىرىڭىزگە مەركەزلەشتۈرىسىز – دە، ئۆزىڭىزنى ئىقتىدارلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز ھېس قىلىسىز، خاتا ئىش قىلىپ قويغان ۋاقتىڭىزدا تۈزىتىشكە پۇرسەت بېرىسىز. توغرا قىلغان ئىشلىرىڭىزنى ئويلىغاندا، تېخىمۇ سەۋر – تاقەتلىك ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز، ئۆزىڭىزگە ياكى باشقىلارغا تېخىمۇ سەۋرچان بولۇپ كېتىسىز. كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاكتىپ تەرەپلىرىنى كۆرۈشنى ئويلايسىزكى، مەخسۇس پېتىرناندىن قىل ئىزدەيدىغان ئىشلارنى قىلمايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلىسىز. دېمەك، تۇرمۇشنىڭ نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلسىڭىز، ئۇنچىۋالا جىددىيلىشىپ كەتمەيسىز، بېسىممۇ زىيادە ئېغىرلىشىپ كەتمەيدۇ، خۇددى بىر ئادەم داۋاملىق كەينىڭىزگە كىرىۋېلىپ نومۇر قويۇپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولمايسىز. مېنىڭ سىزگە تەكلىپىم شۇكى، ھەرقايسى جەھەتلەردە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىپ ئىشلەڭ، ئاندىن دادىل بولۇڭ. چۈنكى، ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزمۇ، ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ قويۇشتىن قۇتۇلالمايسىز. مۇشۇ پاكىتنى ئوچۇق تونۇپ، نەزىرىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئارتۇقچىلىقلىرىغا مەركەزلەشتۈرسىڭىز ناھايىتى خۇشاللىق ھېس قىلىسىز.
------------------------------------

«ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى