ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ رولى

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ رولى

ۋاقتى: 2016-06-07 ئاۋاتلىقى: 541 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ رولى

كارخانا مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مەقسىتى كارخانا مەدەنىيىتىنى كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش. 

ئۇنداقتا كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ زادى قانداق رولى بار؟

1. كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش رولى: يېتەكچىلىك قىلىش رولى دېگىنىمىز ئۇنىڭ كارخانا رەھبەرلىرى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش رولى ئاساسلىق تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتە شەكىللىنىدۇ.

(1) ئىگىلىك باشقۇرۇش پەلسەپىسى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكلىشى: ئىگىلىك باشقۇرۇش پەلسەپىسى كارخانا باشقۇرۇشنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاماللارنى قارار قىلىدۇ، بۇ ئۇسۇل ۋە ئاماللار ئىگىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىغا، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. كارخانىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى كارخانا قىممىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ ۋە خىزمەتچىلەرنى مەلۇم ئىشقا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئورتاق تونۇشقا كەلتۈرىدۇ. ئورتاق قىممەت مۇددىئاسى بولغان كارخانا رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتچىلەر ئۇلار بىرلىككە كەلگەن قىممەت مۇددىئاسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى توماس پېتېر ( Peters.Thomas) ۋە كىچىك روبېرت ۋاتېرمان (Robert H.Waterman) ئۆزىنىڭ «ئارتۇقچىلىقنى بايقاش» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «بىز تەتقىقات ئېلىپ بارغان بارلىق ئىلغار شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن شىركەتنىڭ قىممەت ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەمەلىيەتتە ، بىر شىركەتنىڭ ئېنىق قىممەت ئۆلچىمى بولمىسا ياكى قىممەت قارىشى توغرا بولمىسا، بىز ئۇنىڭ تىجارەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىن گۇمانلانساق بولىدۇ.»

(2) كارخانا نىشانىنىڭ يېتەكلىشى: كارخانا نىشانى كارخانىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، نىشان توغرا بولمىسا كىشى يۆنىلىشتىن ئېزىپ كېتىدۇ. مۇكەممەل بولغان كارخانا مەدەنىيىتى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىلمىي بولغان كارخانا تەرەققىيات نىشانىنى تۇرغۇزىدۇ. بۇ نىشان چوقۇم قوللىنىشقا بولىدىغان ۋە ئىلمىي بولىدۇ. كارخانا خىزمەتچىلىرى دەل مۇشۇ نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

2. كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ  چەكلەش رولى: كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ  چەكلەش رولى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەخلاق مىزانى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ.
(1) ئۈنۈملۈك قائىدە-تۈزۈمنىڭ چەكلىشى: كارخانا تۈزۈمى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنىڭ بىر قىسمى. كارخانا تۈزۈمى كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نىزامدۇر، كارخانا رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتچىلىرى چوقۇم بويسۇنۇشى ۋە ئىجرا قىلىش كېرەك، شۇ ئارقىلىق چەكلەش كۈچىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

(2) ئەخلاق مىزانىنىڭ چەكلىشى: ئەخلاق مىزانى ئەدەپ-ئەخلاق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ كارخانا رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى چەكلەيدۇ. ئەگەر كىشىلەر ئەخلاق مىزانىغا خىلاپلىق قىلسا، جامائەت پىكرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ، پىسخىكىسىدا پۇشايمان قىلىش بولىدۇ. توڭرېنتاڭ دورىخانىسى « خەير-ساخاۋەت قىلىش، مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش، چوڭ-كىچىكلەرنى بوزەك قىلماسلىق، ھەممىگە بىردەك مۇئامىلە قىلىش » تەك ئەخلاق مىزانى بىلەن بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ  قەتئىي قائىدە بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى، سۈپەتنى قاتتىق باشقۇرۇشى، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى چەكلىگەن.

3. كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش رولى: كارخانا مەدەنىيىتى ئادەمنى ئاساس قىلىدۇ، كىشىنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كارخانىدا بىرخىل مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئىناق كەيپىيات پەيدا بولۇپ، كوللېكتىپلىق ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ، كارخانا خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئۇيۇشۇش ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئورتاق قىممەت قارىشى ئورتاق نىشان ۋە غايىنى شەكىللەندۈرىدۇ، خىزمەتچىلەر كارخانىنى ئومۇمىي بىرلىككە كەلگەن تەقدىر دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ قارىسا، پۈتكۈل كارخانىنىڭ قەدىمى ماس قەدەمدە بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئومۇملۇقنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا « كارخانا گۈللەنسە پەخرىم، كارخانا زاۋاللىققا يۈزلەنسە نومۇسۇم» خىزمەتچىلەرنىڭ ئىچىدىن قايناپ چىققان ھەقىقىي ھېسسىياتى بولىدۇ، « كارخانىنى ئائىلىسىدەك سۆيۈش » ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلىنىدۇ.


4. كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش رولى: ئورتاق بولغان قىممەت قارىشى ھەربىر خىزمەتچىگە ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئىش- ھەرىكىتىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۆز قىممىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى كىشىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنىۋى ئېھتىياجىنىڭ بىر خىل قاندۇرۇلۇشى، بۇ خىل قاندۇرۇلۇش كۈچلۈك رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئادەمنى ئاساس قىلغان كارخانا كەيپىياتى مۇھىتىدا، رەھبەرلەر بىلەن خىزمەتچىلەر ۋە خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈش، قوللاش بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ رەھبەرلەرنىڭ خىزمەتچىلەرگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، كارخانا روھى ۋە كارخانا ئوبرازىنىڭ خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك رىغبەتلەندۈرۈش رولى بولىدۇ، بولۇپمۇ كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئۇتۇق قازانغان ۋە جەمئىيەتتە تەسىر قوزغىغان ۋاقىتتا، كارخانا خىزمەتچىلىرىدە ئۆزىدىن پەخىرلىنىش ۋە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ-دە، تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىشلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كارخانىنىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىنى قوغدايدۇ.

5. تەڭشەش رولى: تەڭشەش رولى دېگىنىمىز تەرتىپكە سېلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشتۇر. كارخانىدىكى ھەرقايسى بۆلۈملەر ياكى خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزى زىددىيەتلەردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، بۇ زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەڭشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؛ كارخانا بىلەن مۇھىت، خېرىدار، كارخانا، دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا ماسلاشماسلىقمۇ بولىدۇ، بۇلارمۇ تەرتىپكە سېلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا موھتاج. ئىگىلىك باشقۇرۇش پەلسەپىسى ۋە كارخانا ئەخلاق مىزانى ئىگىلىك باشقۇرغۇچى ۋە ئادەتتىكى خىزمەتچىنى بۇ زىددىيەتلەرنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلغۇزىدۇ. مۇكەممەل كارخانا ئوبرازى دەل مۇشۇ تەڭشەشنىڭ نەتىجىسى. تەڭشەش رولى ئەمەلىيەتتە كارخانا پائالىيەتچانلىق رولىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى