ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەكمۇ؟

ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەكمۇ؟

ۋاقتى: 2016-03-16 ئاۋاتلىقى: 406 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەكمۇ؟

 

جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 43-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن سەۋەبىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قانۇن، مەمۇرىي نىزام ياكى ئەمگەك توختامىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىدارىدىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پىكرىنى تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. بۇ نۇقتا «ئەمگەك توختامى»نىڭ 30-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مۇۋاپىق بولمىدى دەپ قارىسا، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقى بار. ئەگەر ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قانۇن، نىزام ياكى ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئەمگەكچى كېسىم قىلىشقا ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەرز قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە قوللىشى ۋە ياردەم قىلىشى كېرەك» دېگەن بەلگىلىمىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يەنە كېلىپ ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا بولغان تەلەپ تېخىمۇ كونكرېت، تېخىمۇ كۈچلۈك مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى